ئەلپىدا ئۇچۇر تورى > > > 11430– نومۇرلۇق ئۇچۇر

بالىلارنى ھەقسىز تەربىيەلەش كۇلۇبى قۇرۇلدى


رايون: يوللانغان ۋاقتى: 2016-4-5 1:24:45 ۋاقتى ئۆتكەن ئۇچۇر

تىلقۇت بالىلار كۇلۇبىغا ئەزا بولۇڭ

تىلقۇت بالىلار كۇلۇبى چۆچەك، قوشاق ۋە ماقال–تەمسىل ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئانا تىلدىكى سۆز بايلىقىنى ئاشۇرۇشقا، ئانا تىلدىكى نۇتۇق قابىلىيىتى ۋە يېزىق قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا شۇنداقلا بالىلارغا ئىنگلىز تىلى ئۆگىتىپ، بالىلارنىڭ كۆپ تىللىق بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.

چۆچەك، قوشاق ۋە ماقال–تەمسىللەر بالىلارنىڭ تىل قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماي تەپەككۇر ئىلھاملىرىنى قوزغايدۇ. خىياللىرىنى قاناتلاندۇرىدۇ. بالىلار ئانا تىلدىن ھۇزۇرلىنىپ، روھى ئۇرغۇيدۇ. ئىشەنچى ئاشىدۇ. ئۆزلۈك ئېڭى كۈچىيىدۇ.

بىز يەنە ھەر كۈنى بىر داڭلىق ئىنگلىزچە بالىلار ناخشىسىنى بالىلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىمىز. ئىنگىلىز تىلى ئۆگىتىمىز. قىزىقارلىق، كۆڭۈللۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى ئىنگلىز تىلى دۇنياسىغا باشلاپ كىرىمىز.

تىلقۇت بالىلار كۇلۇبىدىكى بالىلارمۇ قوشاق ئوقۇيدۇ، چۆچەك ئېيتىدۇ، ئىنگلىزچە سۆزلەيدۇ، ئىنگلىز تىلىدىكى ناخشىلارنى ئېيتىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنى نامايەن قىلىدۇ.

تىلقۇت بالىلار كۇلۇبى پۈتۈنلەي ھەقسىز كۇلۇب بولۇپ، بۇ سىزنىڭ ئۈندىداردا قىلغان ئەھمىيەتلىك ئىشلىرىڭىزنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. قېنى مەرھەمەت! بالىڭىزنى دەرھال ئەزا قىلىڭ!

بالىڭىزنى ئەزا قىلماقچى بولسىڭىز، ھەسەنجان مۇئەللىمنىڭ ئۈندىدارىنى قوشقاندىن كېيىن «تىلقۇت بالىلار كۇلۇبىغا ئەزا بولىمىز» دەڭ.


ئالاقىلەشكەندە، قارشى تەرەپكە مەزكۇر ئۇچۇرنى «ئەلپىدا ئۇچۇر تورى»دا كۆرگەنلىكىڭىزنى ئېيتىڭ.
ئالاقىلەشكۈچى:ھەسەنجان
تـېـلـېـفـــــون:18999398125
QQ/ئـۈندىدار:hesen2020
كېيىنكىسـى: ئىنگلىز تىلىنى ھەقسىز ئۆگىنىڭ