ئەلپىدا ئۇچۇر تورى > > > 12793– نومۇرلۇق ئۇچۇر

«كىتابخانا تورى»دا قۇربان ھېيىتلىك كاتتا پائالىيەت


رايون: يوللانغان ۋاقتى: 2016-9-11 11:10:58 ۋاقتى ئۆتكەن ئۇچۇر

تور بېكىتىمىز قۇربان ھېيىت مۇناسىۋىتى شۇنداقلا كەڭ ئوقۇرمەنلىرىمىزگە رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن %20 دىن %40 گىچە ئېتىبارلىق كىتاب سېتىش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇردى. پائالىيەت ۋاقتى 9-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە بەش كۈن داۋاملىشىدۇ. بۇ قېتىمقى پائالىيەت مەزمۇنى ۋە پائالىيەت بىلدۈرگۈلىرى تۆۋەندىكىچە:

1.پائالىيەت مەزمۇنى

قۇربان ھېيىتلىق پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلغان كىتابلار بەش تۈرگە بۆلۈنگەن. بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە، ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا ئېرىشكەن كىتابلاردىن ئالتۇن كەش، مەن ھەقىقەتنى قانداق چۈشەندىم، تىۋىشسىز دۇنيا قاتارلىق كىتابلار، ئەڭ يېڭى كىتابلاردىن مۇئەللىم كەلدى، سەلىمە، مۇھەببەتكە سېزىك ئايال، ئۆتنە ئالەم قاتارلىق كىتابلار، ساقلاپ قويۇش قىممىتى بار كىتابلاردىن ھېكمەتلەر خەزىنىسى، روھىي ساغلاملىق دۇردانىلىرى، روھىيەتنى تەڭشەش تەدبىرلىرى قاتارلىق كىتابلار ۋە تۇرسۇنئاي سادىقۇۋا، ئابدۇقادىر جالالىدىن، ھاجى مىرزاھىد كېرىمى قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ كىتابلىرى يۈرۈش بويىچە قاتناشتۇرۇلدى. ئۇنىڭدىن باشقا سېتۋالغان كىتابلارنىڭ سوممىسى ئۈچ يۈز يۈەندىن ئاشسا يەتكۈزۈش ھەققى ئېلىنمايدۇ. بەش يۈز يۈەندىن ئاشسا نۇرئەلى ئابلىز مۇئەللىمنىڭ 35 يۈەن قىممىتىدىكى «بىر يىلىڭىزدىكى 8760 سائەت» ناملىق كىتابى سوۋغا قىلىنىدۇ. كىتابلارنىڭ سانى چەكلىك، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقايسىز! پائالىيەتتىكى كىتابلارنى ئورگان تورى(www.kitabhana.com)، ئۈندىدار سالونى ۋە تېلېفون ئارقىلىق سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

2.پائالىيەت بىلدۈرگۈلىرى

بىرىنچى: پائالىيەتكە قاتناشقان ئوقۇرمەن پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلغان بىر خىلدىكى كىتابتىن پەقەت بىرنىلا سېتىۋېلىشى كېرەك، ئارتۇق سېتىۋالسا پۇلى قايتۇرۇلۇپ زاكاز بىكار قىلىنىدۇ، كىتابنىڭ تۈرى چەكلەنمەيدۇ. پائالىيەت سىرتىدىكى كىتابلار چەكلەنمەيدۇ.

ئىككىنچى: بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلغان كىتابلارنىڭ يەتكۈزۈش ھەققىنى ئوقۇرمەن ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئۈچىنچى: پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلغان كىتابلارنىڭ نەشىر قىلىنغان ۋاقتى تور بېكەتتە تەمىنلەنگەننى ئاساس قىلىدۇ.

تۆتىنچى: ئوقۇرمەنلەر بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە سېتىۋالغان كىتابلار بىردەك ھېيىتنىڭ تۆتىنچى كۈنىدىن باشلاپ سېلىنىدۇ.

بەشىنچى: بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى «كىتابخانا تورى» دا.


ئالاقىلەشكەندە، قارشى تەرەپكە مەزكۇر ئۇچۇرنى «ئەلپىدا ئۇچۇر تورى»دا كۆرگەنلىكىڭىزنى ئېيتىڭ.
ئالاقىلەشكۈچى:ئالىمجان
تـېـلـېـفـــــون:18999898141,18999898142
QQ/ئـۈندىدار:18999898141,3282299854
ئېخەت/توربەت:www.kitabhana.com
ئالدىنقىسى: ج خ ئورۇنلىرىغا كەسپى ئىشىتاتلىق خادىم قوبۇللىنىدۇ
كېيىنكىسـى: ئىشسىزلىق كىنىشكىسىنى ئېتىراپ قىلىدىغان كۇرس ئىزدەيمەن