ئەلپىدا ئۇچۇر تورى > > > 13090– نومۇرلۇق ئۇچۇر

ئىستۇدېنتلىرىمىز: لۇغەتتىن باشلانغان يول


رايون: يوللانغان ۋاقتى: 2016-11-4 1:42:28

ئەسلىي تېما: مۇنداقمۇ ئىستۇدېنتلىرىمىز بار: «لۇغەتتىن باشلانغان يول» | شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى (FM1017) ئۈندىدار سالونىدىن ئېلىندى | مۇخبىر زۇلخۇمار قۇربان خەۋىرى | ئەلپىدا ئۇچۇر تورىدىن ھەمبەھرىلەندى

—————

شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشرىياتى 3- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، «يېڭى شەرق» مائارىپ پەن- تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ ناتىقى، تەربىيەلىگۈچىسى نۇرئەلى ئابلىز يازغان «بىر يىلىڭىزدىكى 8760 سائەت» ناملىق ناھايىتى بازارلىق كىتابنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، نەشر قىلدۇرغان ھامان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى مۇھىت ۋە بايلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ جۇغراپىيە كەسپى ئوقۇغۇچىسى سېتىۋالدى سۇلتان بۇ كىتابتىن بىراقلا ئالتە مىڭنى زاكاز قىلدى. ئىلگىرى بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كېلىپ باقمىغان نەشرىيات خادىملىرى ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ: «سىز بىر ئىستۇدېنت ئىكەنسىز. بۇ كىتابتىن بىراقلا ئالتە مىڭنى ئېلىۋېلىپ، ساتالمىسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ ئالدىراقسانلىق قىلماي، ئازراق ئېلىپ سېتىپ بېقىڭ» دېگەندە، سېتىلىۋالدى جاھىللىق بىلەن ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇردى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئالتە مىڭ دانە كىتابنى سېتىۋېلىپ، ئۈرۈمچىدىكى بىر قانچە ئالىي مەكتەپكە بېرىپ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا سېتىپ، بىر ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈنلەي قولدىن چىقىرىپ بولدى.



بۇنىڭدىن بۇرۇن سېتىۋالدى نۇرئەلىنىڭ بۇ كىتابىنىڭ خەنزۇچە نۇسخسىنىمۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا سېتىپ باققانىدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ سېتىۋالدى سۇلتاننىڭ ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن بۇيان، تۇنجى قېتىم سودا بىلەن شۇغۇللىنىشى ئەمەس ئىدى. 2012- يىلى ئالىي مەكتەپكە يېڭىلا قەدەم قويغان سېتىۋالدى ئاتا- ئانىسى غەملەپ بەرگەن 3500 يۈەن ئوقۇش پۇلىنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كەلدى. تۇنجى سائەتلىك دەرستە، ئوقۇتقۇچى ئۇلارغا «ئالىي مەكتەپنىڭ تۇنجى يىلى ھەممىڭلارغا شىنخۇا لۇغىتى بەكلا كېرەك بولىدۇ. شۇڭا، ھەممىڭلار چوقۇم بىردىن سېتىۋىلىڭلار» دېگەن ئىدى. بۇنى ئاڭلاپ سېتىۋالدىنىڭ كاللىسىغا شۇ زامات ئاجايىپ بىر خىيال كەلدى. «توختا، مەن يېنىمدىكى پۇلغا شىنخۇا لۇغىتىنى توپ سېتىۋىلىپ، ساۋاقداشلىرىمغا پارچە سېتىپ باقايمۇ يا» دەپ ئويلاپ، دەرھال ھەرىكەتكە كەلدى. دېگەندەك، ئۇ ئەكەلگەن يەتتە يەشىك لۇغەت يېرىم سائەت ئىچىدىلا سېتىلىپ تۈگىدى. تۇنجى سودىسىدىن ئۇ 700 يۈەن پايدا ئالدى.



بۇنىڭدىن ئىلھام ئالغان سېتىۋالدى يەنە بېرىپ لۇغەت ئېلىپ كەلدى. ھالبۇكى، بۇ قېتىم ئۇنىڭ لۇغىتى بېسىلىپ قالدى. چۈنكى، مەكتەپتە ئۇنىڭغا ئوخشاش ئويلاپ، لۇغەت ئېلىپ كېلىپ سېتىۋاتقانلار ئاز ئەمەس ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ باشقىچە يول تۇتۇپ، ئۈرۈمچىدىكى باشقا ئالىي مەكتەپلەرگە باردى. ئۇ، ئۆزىنىڭ قايسىدۇر بىر كىتابتىن كۆرۈۋالغان «سېتىلمايدىغان مال يوق، ساتالمايدىغان مال ساتقۇچى بار» دېگەن سۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن، ناتونۇش ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا دادىللىق بىلەن كىرىپ، قولىدىكى لۇغەتلەرنى ساتتى. بۇ جەرياندا، ئۇ ئۈرۈمچى كەسپى ئۇنىۋېرستېتىدا ئوقۇۋاتقان ئاتۇشلۇق ئوقۇغۇچى نۇرمەمەت ھاشىم بىلەن تونۇشۇپ قالدى. نۇرمەمەت ھاشىم سېتىۋالدىنىڭ بۇ جۈرئىتىگە ناھايىتى قايىل بولدى.


شۇنىڭ بىلەن نۇرمەمەت ھاشىم سېتىۋالدىنىڭ تۇنجى شاگىرتى بولۇپ قالدى. سېتىۋالدى مەكتەپلەر ئارا لۇغەت سېتىپ يۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلار يەنە نېمىگە ئېھتىياجلىق، نېمىنى ئېلىپ بارسام تېز سېتىلىدۇ، دېگەنلەرنىمۇ كۆزىتىشنى قولدىن بەرمىدى. ئۇ 2012- يىلىدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە، بىر تەرەپتىن ئوقۇسا يەنە بىر تەرەپتىن سودا قىلىپ، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا نائوشنىك، دەرسلىككە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچە ماتېرىياللار، ئوقۇش قوراللىرى ھەتتا كانۋاي كۆينەككە قەدەر ئېلىپ بېرىپ ساتتى. ئۈچ يىلدا ئۇ 180 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتى. ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرى ئۆزىگە ئوخشاش ئىگىلىك تىكلەش نىيىتى بار، ئەمما ئىشنى نەدىن باشلاشنى، نېمە قىلىشنى بىلمەي يۈرگەن بىر توپ ئىستۇدېنتقا ئىلھام بولدى. ئۇلار سېتىۋالدىغا ئەگىشىپ بىر تەرەپتىن ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن سودا، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىقتىسادتا مۇستەقىل بولۇپ، ئاتا- ئانىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدىغان بىر قوشۇننى شەكىللەندۈردى.


دېمەك، سېتىۋالدى يالغۇز ئۆزىگە ئىقتىسادى كىرىم يارىتىپلا قالماي، بەلكى ئەتراپىدىكىلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردىكى يېڭىچە ئىستۇدېنتلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدا خېلىلا كۆپ پۇل تاپقان سېتىۋالدى نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش، يېڭى تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش مەقسىتىدە، ماي بايرىمىلىق ئارام ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، مەكتەپتىن يەنە بىر قانچە كۈن رۇخسەت سوراپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، نەنجىڭ، خاڭجۇ، سۇجۇ قاتارلىق سەككىز ئۆلكە، شەھەرگە ساياھەتكە بېرىپ كەلدى. ساياھەت ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە، ئىدىيىسىنىڭ يېڭىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.


سېتىۋالدى سۇلتان لۇغەتتىن باشلىغان بۇ تىجارىتىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، يالغۇز ھەرىكەت قىلىشتىن كوللېكتىپ بولۇپ تەشكىللىنىپ ھەرىكەت قىلىشقا يۈزلىنىپ، ئەتراپىدىكىلەرگە ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىپ، يېڭى دەۋر ئىستۇدېنتلىرىنىڭ يارقىن ئوبرازىنى يارىتىشقا ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇپ كەلمەكتە. (تامام)



تۆۋەندىكى سۈرەتتىكى ئىككىلىك كودنى تونۇتۇش ياكى سىكانېرلاش ئارقىلىق، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ سېتىۋالدى سۇلتان بىلەن ئېلىپ بارغان رادىيو زىيارىتىنىڭ ئۈن ھۆججىتىنى ئاڭلىيالايسىز



ئالاقىلەشكەندە، قارشى تەرەپكە مەزكۇر ئۇچۇرنى «ئەلپىدا ئۇچۇر تورى»دا كۆرگەنلىكىڭىزنى ئېيتىڭ.
ئالاقىلەشكۈچى:ئەلپىدا ئۇچۇر تورى
ئېخەت/توربەت:www.uchur.com
ئالدىنقىسى: شائىر ئابدۇللا ئارىپوف ۋاپات بولدى
كېيىنكىسـى: ھېسام ئىزباسارى ئەكرەم سېتىۋالدى