ئەلپىدا ئۇچۇر تورى > > > 13091– نومۇرلۇق ئۇچۇر

«ئەنئەنە ۋە خەتتات» 11–سان نەتىجىسى


رايون: يوللانغان ۋاقتى: 2016-11-4 11:02:23

ئەسلىي تېما: «ئەنئەنە ۋە خەتتات» 11–سانى ھۆسنخەتلىرىنىڭ باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى | ئەلپىدا ئۇچۇر تورىدىن ئىشلىنىپ تارقىتىلدى | تور مەنزىلى: www.uchur.com، «ئەنئەنە ۋە خەتتات» توپى تەشكىللىگۈچىسى: ئەسقەر ئىدرىس ئەلپىدا، ئۈندىدار ئالاقىسى: asqer416

—————

«ئەنئەنە ۋە خەتتات» 11-سان پائالىيىتى «يۈسۈپ خاس ھاجىپ يىلى»غا ئاتالغان ئەقلىيە ۋە ئۈگۈتلەر / «دۆلەت بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئانا ۋەتەن ۋە ئەل–يۇرتقا ئاتالغان ئەقلىيە، شېئىر ۋە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار / «ئىلىم–مەرىپەت، ئەخلاق، سۆيگۈ–مۇھەببەت»كە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار تېمىسدا يېزىلغان ھۆسنخەتلەرنى باھالاش بولۇپ، بۇ قېتىملىق باھالاشقا «ئەنئەنە ۋە خەتتات» توپىغا ياكى توپ مەسئۇلى ئەسقەر ئەلپىداغا 10–ئاينىڭ 27–كۈنىگىچە ئايرىم يوللانغان، باھالاشقا قاتناشتۇرۇشقا ئىلتىماس قىلىنغان ھۆسنخەتلەر قاتناشتۇرۇلدى.


ئەكرەم مۇھەممەت تۇيۇقى ھۆسنخېتى


«باھالاش ھەيئىتى»دىكى ئۇستازلارنىڭ ئەستايىدىل باھالاپ چىقىشى بىلەن ئەكرەم مۇھەممەت تۇيۇقى، ئېلى تۇرسۇن ئەلتۇغ، جۈمە قارى ياسىن شىرمەتى، يۈسۈپ ئەلى بىلىگدار ۋە ئابدۇراخمان تۇرسۇنتوختى قاتارلىق خەتتاتلىرىمىزنىڭ ھۆسنخەتلىرى تاللاپ چىقىلىپ، بۇ قېتىملىق 11–سان «ئەنئەنە ۋە خەتتات» باھالاش پائالىيىتىنىڭ مۇكاپات ساھىبىلىرىدىن بولدى.


ئېلى تۇرسۇن ئەلتۇغ ھۆسنخەتلىرى


كېڭىشىش ئارقىلىق ئەكرەم مۇھەممەت تۇيۇقىنى ياسىن كېرەم ئۇيغۇرى تەمىنلىگەن خەتتاتلىق ئەسىرى بىلەن تارتۇقلىنىدىغان، ئېلى تۇرسۇن ئەلتۇغ بىلەن جۈمە قارى ياسىن شىرمەتىنىڭ تەرجىمھالىنى تونۇشتۇرۇلىدىغان قىلىپ بېكىتىلدى. يۈسۈپ ئەلى بىلىگدارنى ئەلپىدا تورى خەتتاتلار سەھىپىسى مەسئۇلى تەمىنلىگەن كىتاب، قەغەز ۋە باشقا خەتتاتلىق بۇيۇملىرى بىلەن، ئابدۇراخمان تۇرسۇنتوختىنى كورلا ئوغلانى مەدەنىيەت بۇيۇملىرى دۇكىنى تەمىنلىگەن خەتتاتلىق بۇيۇملىرى بىلەن تارتۇقلاش قارار قىلىندى.


جۈمە قارى ياسىن شىرمەتى ھۆسنخەتلىرى


بىلدۈرگۈ: 12- سان (يىللىق ئالاھىدە سان) پائالىيەت تېمىسى: «يۈسۈپ خاس ھاجىپ يىلى»غا ئاتالغان ئەقلىيە ۋە ئۈگۈتلەر / «ئىلىم–مەرىپەت، ئەخلاق، كىتاب ۋە مېھىر-مۇھەببەت»كە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار / 12- سان پائالىيەتتە بەش نامزات تاللاپ چىقىلىدۇ، ئىككى نامزاتنىڭ تەرجىمھالى ئەلپىدا ئۇچۇر تورىدا يۇقۇرى سۈپەتتە ئىشلىنىپ ئېلان قىلىنىدۇ، بىر نەپىرى ئۆزىنىڭ نەپىس خەتتاتلىق ئەسەرلىرى بىلەن ئەل ئاۋامغا تونۇلۇۋاتقان ياش خەتتات يۇنۇس قۇددۇسنىڭ ھۆسنخەت ئەسىرى بىلەن تارتۇقلىنىدۇ، بىر نەپىرى كورلا ئوغلانى مەدەنىيەت بۇيۇملىرى دۇكىنى تەمىنلىگەن خەتتاتلىق قوراللىرى ۋە بۇيۇملىرى بىلەن تارتۇقلىنىدۇ، يەنە بىر نەپىرى ئەلپىدا تورى خەتتاتلىق سەھىپىسى مەسئۇلى تەمىنلىگەن كىتاب، قەغەز ۋە باشقا خەتتاتلىق بۇيۇملىرى بىلەن تارتۇقلىنىدۇ. پائالىيەتكە تەييارلانغان خەتلەر ھازىردىن باشلاپ 11- ئاينىڭ 27- كۈنىگىچە ئەۋەتىپ بېرىلسە بولىدۇ


يۈسۈپ ئەلى بىلىگدار ھۆسنخەتلىرى


ئەلپىدا ئۇچۇر تورىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ئەنئەنە ۋە خەتتات» ھۆسنخەت باھالاش مۇكاپاتلىق پائالىيىتى ۋە «ئەنئەنە ۋە خەتتات» تاللانما ھۆسنخەتلەر پائالىيىتى كەڭ ھەۋەسكارلار، ياش–ئوتتۇرا ياش–پېشقەدەم خەتتات ئۇستازلار ۋە بارلىق ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتىگە قىزىقىدىغانلارنى قارشى ئالىدۇ. ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتىگە دائىر پائالىيەت، ئۇچۇر ۋە تەكلىپ–پىكىر بولسا ئالاقە قىلىشىڭىزلارنى ئۈمىد قىلىمىز. ئالاقىدە: ئەسقەر ئەلپىدا


ئابدۇراخمان تۇرسۇنتوختى ھۆسنخەتلىرى

—————

قوشۇمچە: «ئەنئەنە ۋە خەتتات» ئۈندىدار توپى تەشكىللىگۈچىسى، ئەلپىدا تورى «خەتتاتلار سەھىپىسى» مەسئۇلى، ئەلپىدا ئۇچۇر تورى ھەمكار قۇرغۇچىسى ئەسقەر ئىدرىس ئەلپىدانىڭ تۆۋەندىكى ئۈندىدار ئىككىلىك كودنى تونۇتۇش ياكى سىكانېرلاش ئارقىلىق «ئەنئەنە ۋە خەتتات» توپىغا قوشۇلۇڭ.( توپقا قوشۇلۇشتىن ئىلگىرى توپ مەسئۇلى ئەسقەر ئىدرىس ئەلپىداغا ئۆزىڭىزنىڭ توپقا قوشۇلۇش مەقسىتىڭىز، ئىسىم – فامىلىڭىز، كەسپىڭىز، يۇرتىڭىز قاتارلىقلارنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ)



ئالاقىلەشكەندە، قارشى تەرەپكە مەزكۇر ئۇچۇرنى «ئەلپىدا ئۇچۇر تورى»دا كۆرگەنلىكىڭىزنى ئېيتىڭ.
ئالاقىلەشكۈچى:ئەلپىدا ئۇچۇر تورى
ئېخەت/توربەت:www.uchur.com
ئالدىنقىسى: خەتتاتلىرىمىز: ئېلى تۇرسۇن ئەلتۇغ
كېيىنكىسـى: «ئەنئەنە ۋە خەتتات» تاللانمىلىرى (10)