ئەلپىدا ئۇچۇر تورى > > > 13097– نومۇرلۇق ئۇچۇر

زۇلپىقار، ساڭا ئۇتۇق يار بولسۇن!


رايون: يوللانغان ۋاقتى: 2016-11-5 21:38:34

ئەسلىي تېما: زۇلپىقار ئالتۇن كەمىرىنى دوغا تىكىدىغان بولدى | يازما ئاپتورى: ئەنۋەر ئەزىز («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» تەنتەربىيە مۇخبىرى) | ئەلپىدا ئۇچۇر تورىدىن تارقىتىلدى | مەزمۇن ۋە سۈرەتلەرنى تەمىنلىگۈچى: ئەنۋەر ئەزىز

—————

ئۆتكەندە «شەرق ئالتۇن كەمىرى»گە ئىگە بولۇپ، شىنجاڭ خەلقىنى سۆيۈندۈرگەن ئوغلانىمىز زۇلپىقار مۇھەممەتئەلى ئەمدى ئۇ ئالتۇن كەمىرىنى دوغا تىكتى، قىتئە ئالتۇن كەمىرىگە چاڭ سېلىشقا تەييارلاندى. پىلان بويىچە، زۇلپىقار مەمەتئېلى 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى يەنە بىر قېتىم WBO دەرىجىلىك خەلقئارالىق بوكىس مۇسابىقىسى ئوينىماقچى بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ مۇسابىقە ئۈچۈن جىددى تەييارلىق قىلماقتا.



جۇڭگو بىلەن ھىندىستان نوپوسى ئەڭ كۆپ بولغان ئىككى دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىككى دۆلەتتىكى كەسپىي بوكس سەھنىسىدە 1-ئورۇندا تۇرۇۋاتقان زۇلپىقار بىلەن ھىندىستانلىق ۋىيېندېر سىڭ ھەر ئىككەيلەندە خەلقئارا بوكس تەشكىلاتى (WBO) نىڭ بىردىن قىتئەلەر ئالتۇن كەمىرى بار بولۇپ، زۇلپىقاردىكىسى «شەرق ئالتۇن كەمىرى»، ۋېيېندېر سىڭدىكىسى «تىنچ ئوكيان ئالتۇن كەمىرى»دۇر. بۇ ئىككەيلەننىڭ مۇسابىقىسى، بىر تەرەپتىن ئالتۇن كەمىرىنى ساقلاپ قېلىش، يەنە بىر تەرەپتىن قارشى تەرەپنىڭ ئالتۇن كەمىرىگە چاڭ سېلىش خاراكتېرىدىكى مۇسابىقىدۇر. كىمىكى بۇ مۇسابىقىدە غەلىبە قىلسا، ھەر ئىككى ئالتۇن كەمەرنىڭ ئىگىسىگە ئايلىنىدۇ.



ئىگىلىنىشىچە، مۇسابىقە 25-نويابىر ھېندىستاننىڭ يېڭى دېھلى شەھىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ۋېيېندېر سىڭ 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا ئېرىشكەن، خەلقئارا بوكسچىلار رەت تەرتىۋىدە 58-ئورۇندا تۇرىدىغان ھىندىستاننىڭ 1-نومۇرلۇق بوكسچىسى. ئۆز يۇرتىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ مۇسابىقە شۈبھىسىزكى ئۇنىڭغا جىق قولايلىقلارنى يارىتىپ بېرىشى شۇنداقلا ئۇنىڭغا زور كۈچ-قۇۋۋەتلەرنى قوشۇشى ئېنىق.



زۇلپىقار شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدا ئۇزۇن يىل تاۋلىنىپ ياخشى نەتىجىلەرنى ياراتقان، ئۆتكەن يىل بېشىدىن باشلاپ، كەسپىي بوكس تەنھەرىكەتچىسى بولۇش ئۈچۈن، جۇڭگو ۋە شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، شاڭخەيدىكى «شىڭلى شىجيا» تەنتەربىيەنى ئومۇملاشتۇرۇش شىركىتى بىلەن توختام ئىمزالاپ، كەسپىي بوكس ھاياتىنى باشلىغان.



ئۇ كەسپىي بوكس ھاياتىنى باشلىغاندىن بۇيان تېخى بىر مەيدانمۇ يېڭىلىپ باققىنى يوق. ئۇ خەلقئارا بوكسچىلار رەت تەرتىۋىدە 69-ئورۇندا تۇرىدۇ. بوكس ئۈچۈن يانغان يۈرەككە ئىگە بۇ ئوغلانىمىز، پەقەت ۋە پەقەت دۇنيا ئالتۇن كەمىرىنى بېلىگە تاقاش ئۈچۈنلا كۈرەش قىلىۋاتقان ھەم تىنىمسىز مەشق ئېلىپ بېرىۋاتقان غايىلىك ياشلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئارقىلىق ئۆزىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاش بىلەن بىللە، قىتئەلەر ئالتۇن كەمىرىنى بېلىگە مەھكەم باغلاپ، دۇنيا ئالتۇن كەمىرىگە جەڭ ئېلان قىلىش ئۈچۈن يول ئاچماقچى. ئۇنىڭغا ھەممەيلەن ئۇتۇق تىلەيلى. (ئەنۋەر ئەزىز يازمىسى)



قوشۇمچە:

ھىندىستان بوكسچىسى (Vijender Singh) ۋېيېندېر سىڭ 1985-يىل 10-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇغۇلغان. 2004-يىللىق ۋە 2008-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغان ئېرىشىپ، ھىندىستان بوكسچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدە مېدالغا ئېرىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. 2009-يىلىدىن باشلاپ دۇنياۋى ئىشتىن سىرتقى بوكس چىمپىيونلۇق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، مىس مېدالغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى خەلقئارا بوكس تەشكىلاتى (AIBA) تەرىپىدىن 75 كىلوگراملىقلار دەرىجىسىدىكى يىللىق كاتتا تەنھەرىكەتچى بولۇپ باھالانغان.



ئاسىيا دەرىجىلىك بوكىس ئالتۇن كەمىرىدىن ئىككىسى بولۇپ، زۇلپىقارنىڭ تانزانىيە ماھىرى توماس ماشالىنى يېڭىپ ئېرىشكىنى «شەرق ئالتۇن كەمىرى»، ۋېيېندېر سىڭ (Vijender Singh)نىڭ قولىدىكىسى بولسا «تىنچ ئوكيان ئالتۇن كەمىرى»دۇر. ۋېيېندېر سىڭ (Vijender Singh) نۆۋەتتە خەلقئارا بوكسچىلار رەت تەرتىۋىدە 58-ئورۇندا تۇرىدىغان ھىندىستاننىڭ 1-نومۇرلۇق بوكسچىسى. (بەيدۇ تورىدىن ئېلىندى)


ئالاقىلەشكەندە، قارشى تەرەپكە مەزكۇر ئۇچۇرنى «ئەلپىدا ئۇچۇر تورى»دا كۆرگەنلىكىڭىزنى ئېيتىڭ.
ئالاقىلەشكۈچى:ئەلپىدا ئۇچۇر تورى
ئېخەت/توربەت:www.uchur.com
ئالدىنقىسى: سۇبات تۇرسۇن: بارسىلوناغا قاراپ ئالغا!
كېيىنكىسـى: «يىپەك يولى ئاۋىئاتسىيەسى» ھەرىكەتتە