ئەلپىدا ئۇچۇر تورى > > > 13098– نومۇرلۇق ئۇچۇر

سۇبات تۇرسۇن: بارسىلوناغا قاراپ ئالغا!


رايون: يوللانغان ۋاقتى: 2016-11-5 23:10:42

ئەسلىي تېما: سۇبات تۇرسۇن بارسىلونا ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول بازىسىدا رەسمىي تەربىيەلىنىشكە باشلىدى | ئەلپىدا ئۇچۇر تورىدىن ھەمبەھرىلەندى

—————

2016-يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ 8 ياشلىق كىچىك توپچى سۇبات تۇرسۇن ئىسپانىيە بارسىلونا پۇتبۇل كۇلۇبىنىڭ كانادا تورۇنتو شەھىرىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەر كۇلۇبىغا تاللىنىپ، كەسپىي تەربىيەلىنىش ھاياتىنى رەسمىي باشلىدى.


سۇبات تۇرسۇن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان، 8 ياش، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 21-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان. 4 يېشىدىن باشلاپ، مەشقاۋۇل مىرزەكىمنىڭ «ئۈمىد پۇتبۇل كۇلۇبى»دا تەربىيەلەنگەن؛ 6 يېشىدىن 8 ياشقىچە مەشقاۋۇل ئەكرەمنىڭ «ئەكرەم پۇتبۇل كۇلۇبى»دا تەربىيەلەنگەن.



2016-يىل 24-ئىيۇن ئىچكى موڭغۇلنىڭ باۋتو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «يايلاق لوڭقىسى»نى تالىشىش خەلقئارا ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبۇل تەكلىپ مۇسابىقىسىدە «ئەكرەم پۇتبول كوماندىسى» ئەزاسى بولۇپ، چىمپىيون بولغان.



2016-يىل 8-ئايدا، سەككىز ياشلىق سۇبات تۇرسۇن ئىسپانىيەنىڭ دۇنياۋى داڭلىق كەسپىي كوماندىسى بولغان بارسىلونا كوماندىسىنىڭ كانادا تورونتۇ شەھىرىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەر تەربىيەلەش بازىسىنىڭ كۇلۇبىغا ئىمىتھان بېرىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك تېرىنېرلار ۋە تەنھەرىكەتچى تاللاش گۇرۇپپىسى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قاتمۇ-قات تاللاشلىرىدىن غەلىبىلىك ئۆتۈپ. 1-نويابىردىن باشلاپ رەسمىي ھالدا پۇتبول جەھەتتىكى كەسپىي تەربىيەلىنىشنى باشلىغان. نۆۋەتتە، سۇبات تۇرسۇن كۇلۇب يۇقىرى قاتلام يېتەكچىلىرىنىڭ ھەر تەرەپلىمە كۆزىتىشى بويىچە «نېيمار گۇرۇپپىسى»غا تەقسىملىنىپ، نېيمارچە ئۇسلۇبدا توپ ئويناش ۋە تەربىيەلىنىشتە بولۇۋاتىدۇ.


سۈرەتتە سۇبات تۇرسۇن ۋە دادىسى تۇرسۇن روزى


ئالاقىلەشكەندە، قارشى تەرەپكە مەزكۇر ئۇچۇرنى «ئەلپىدا ئۇچۇر تورى»دا كۆرگەنلىكىڭىزنى ئېيتىڭ.
ئالاقىلەشكۈچى:ئەلپىدا ئۇچۇر تورى
ئېخەت/توربەت:www.uchur.com
ئالدىنقىسى: ئىستۇدېنتلىرىمىز: چىلاندىن باشلانغان يول
كېيىنكىسـى: زۇلپىقار، ساڭا ئۇتۇق يار بولسۇن!