ئەلپىدا ئۇچۇر تورى > > > 13100– نومۇرلۇق ئۇچۇر

ئىستۇدېنتلىرىمىز: چىلاندىن باشلانغان يول


رايون: يوللانغان ۋاقتى: 2016-11-6 0:10:54

ئەسلىي تېما: مۇنداقمۇ ئىستۇدېنتلىرىمىز بار (2): چىلاندىن تۇتاشقان يول | شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى مۇخبىرى زۇلخۇمارقۇربان خەۋىرى | ئەلپىدا ئۇچۇر تورىدىن ھەمبەھرىلەندى

—————

شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرستېتى ئىقتىساد ئىنىستىتۇتى يېزىلارنى رايونلاشتۇرۇپ تەرەققى قىلدۇرۇش كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى رۇستەم ئەمەت يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، مەكتەپ پۈتتۈرۈش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئالىي مەكتەپتىكى بەش يىل ۋاقىت ئۇنىڭ ھەم بىلىم ئىگىلىگەن ھەم ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ئەمەلىيەتكە باغلاپ، سودا قىلىپ، ئىقتىسادتا مۇستەقىل بولغان بەش يىلى بولدى.



رۇستەم ئەمەت قۇمۇل شەھىرى قارادۆۋە يېزىسىدىن بولۇپ، ئالىي مەكتەپكە كېلىش ئالدىدىكى يازلىق تەتىلدە، رۇستەمنىڭ نەۋرە ئاكىسى رۇستەمنىڭ بىكار يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، ئۆزىگە چىلان يىغىپ بېرىشنى تاپشۇرىدۇ. چىلان بىلەن ئۈزۈم قارادۆۋە يېزىسىنىڭ كوزۇر مەھسۇلاتى بولۇپ، بۇ يەردىكى دېھقانلارنىڭ كۆپ قىسمى چىلان بىلەن ئۈزۈم پەرۋىش قىلاتتى. رۇستەم ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ سەككىز كۈندە ئۈچ يېرىم توننا چىلان يىغىپ كېلىدۇ. نەۋرە ئاكىسى چىلانلارنى سېتىپ پۇل قىلىپ، رۇستەمنىڭ قولىغا 3500 يۈەن بېرىدۇ. تۇنجى سودىسىدىن كىرگەن بۇ كىرىم، رۇستەمدە سودا-سېتىق ئىشلىرىغا بولغان قىزىقىشنى قوزغايدۇ.



ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كەلگەندىن كېيىن، رۇستەم بازار تەكشۈرۈشنى باشلىۋىتىدۇ. ئۇ دۆڭكۆۋرۈك، بۇلاق بېشى، بەيگە مەيدانى قاتارلىق جايلاردىكى قۇرۇق مېۋىلەرنى توپ ۋە پارچە ساتىدىغان دۇكانلارنى ئارىلاپ كۆرىدۇ. «توختا، قارا دۆۋە چىلىنىنى ئۆزۈم يۇرتتىن ئېلىپ كېلىپ مۇشۇ يەرلەردە ساتسام تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپقىلى بولمامدۇ؟ » دېگەن خىيال ئۇنىڭ كاللىسىغا كىرىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەپتە ئاخىرىدىكى ئىككى كۈنلۈك ئارام ئېلىشتا ئۇ قارادۆۋە يېزىسىغا بېرىپ، ئۆز ئۆيىنىڭ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بولۇپ، ئىككى يېرىم توننا چىلاننى يىغىپ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىدۇ. ئەسلىدىنلا چىقىشقاق، ئوچۇق مىجەزلىك رۇستەم بۇ يەردىكى ئۆز يۇرتلۇق سودىگەرلەرنىڭ ياردىمىدە، قولىدىكى چىلاننى بىر ئاي ئىچىدە سېتىپ تۈگىتىپ بولىدۇ. بۇ قېتىمقى سودىدا ئۇ يەتتە مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ساپ كىرىم قىلىدۇ. تۇنجى قېتىم ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل قىلغان بۇ سودا ئۇنىڭ ئىشەنچىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.



ئۇ تېخىمۇ تەۋەككۈل قىلىپ، ئىچكىرىدە قۇرۇق مېۋە تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان نەۋرە ئاكىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، جىڭجۇغا ئىككى توننا چىلان يۆتكىمەكچى بولىدۇ. بۇ قېتىم ئۇ يۇرتقا بېرىپ، دېھقانلارنىڭ قولىدىكى چىلاننى يىغىپ كېلىدۇ. جىڭجۇدا ئۇ نەۋرە ئاكىسىنىڭ ياردىمىدە ئاپارغان چىلانلىرىنى سېتىپ، يەتتە، سەككىز مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىدۇ. ئۇ بۇ پۇلغا شۇ يەردە 20 نەچچە كۈن تۇرۇپ ساياھەت قىلغاچ، يەنە بازار كۆزىتىدۇ. شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ تېڭجۇ شەھىرىدە قۇرۇق مېۋە -چىۋە سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر يۇرتلۇق تونۇشىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن تەجرىبە ئۆگىنىدۇ، بازار ئەھۋالىنى كۈزىتىدۇ. كۈزىتىش ئارقىلىق بۇ يەرگە چىلان ئېلىپ كېلىپ ساتساممۇ بولىدىكەن دېگەن ئىشەنچكە كېلىپ، 2013-يىلى شۇ يەرگە ئۈچ توننا چىلان يۆتكەيدۇ ھەمدە ئاغىينىسىنىڭ ياردىمىدە بۇ چىلانلارنى سېتىپ، ئون مىڭ يۈەن پايدا ئالىدۇ. رۇستەم خۇددى بىر كىچىك قار كومىلىچىنى دومىلىتىپ يوغان بىر كاللەك قار دۆۋىسىگە ئايلاندۇرغاندەك، تىجارىتىنى ئاز مىقداردىكى چىلاندىن باشلاپ، تەدرىجى كۆپەيتىپ، ناھايىتى ياخشى كىرىم قىلىدۇ.



ئەمەلىيەتتە رۇستەم ئالىي مەكتەپتە سودا سېتىققا باشچىلاپ كىرىپ كەتكىنىمۇ يوق. مالىيە ئىقتىساد ئۇنىۋېرستېتى ئۇنى ئۆزى قىزىققان سودا-سېتىق ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىم، ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنىڭ ئۆگەنگەن نەزەرىيىۋى بىلىملىرىنى شۇ زامات ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ. بۇلتۇر، داڭقى يىراق-يېقىنلارغا پۇر كەتكەن تۇرپان ئۈزۈمىگە كېسەل تېگىپ مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. رۇستەم بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال ئوقۇتقۇچىسىدىن تەلىم ئالىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭغا بازار ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىپ، «ئەھۋال بۇنداق بولغاندىن كېيىن، بۇ يىل ئۈزۈمنىڭ باھاسى ئۆسىدۇ» دەپ ئۇچۇر بېرىدۇ. رۇستەم شۇنىڭ بىلەن ئۆيىگە قايتىپ، قارادۆۋىنىڭ يەنە بىر كوزۇر مەھسۇلاتى ئۈزۈمنى دېھقانلارنىڭ قولىدىن يىغىپ، ئۆزىنىڭ چۈنچىلىرىگە، ئۆزىنىڭ يېتىشمىگەندە باشقىلارنىڭ چۈنچىلىرىنى ئىجارىگە ئېلىپ، زور تۈركۈمدە قۇرۇق ئۈزۈم قۇرىتىدۇ. دېگەندەك، قۇرۇق ئۈزۈم تەييار بولۇشى ھامان، تەرەپ-تەرەپتىن سودىگەرلەر قارادۆۋىگە يوپۇرۇپ كېلىپ، رۇستەمنىڭ قولىدىكى قۇرۇق ئۈزۈمنى تالىشىپ تۇرۇپ سېتىۋالىدۇ. بۇ قېتىمقى سودىدىن رۇستەم يۈز مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىپ، پۇل تېپىشى، ئىقتىسادتا مۇددەتتىن بۇرۇن مۇستەقىل بولۇشى، ساۋاقداشلىرىغىمۇ ناھايىتى بەك تەسىر قىلىدۇ.



رۇستەم مانا مۇشۇنداق قىلىپ ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزىدۇ. ئۇ بۇ يىل قىشلىق تەتىلدە، ئۆزى تاپقان پۇلنى خىراجەت قىلىپ، شاڭخەي، سۇجۇ، خاڭجۇ، شەندۇڭ قاتارلىق جايلارنى ساياھەت قىلىپ كېلىدۇ. ساياھەت ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە، بازار تەكشۈرۈشىگە ناھايىتى ياخشى پۇرسەت بولىدۇ. مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان رۇستەمنىڭ تېخىمۇ ئۇلۇغۋار غايىلىرى بار. ئۇنىڭ ئالىي بىلىم يۇرتىدا تۇرغان بەش يىلدا تەھسىل قىلغان بىلىملىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، سودا دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، تېخىمۇ چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچى كامىل. (تامام)


تۆۋەندىكى سۈرەتتىكى ئىككىلىك كودنى تونۇتۇش ياكى سىكانېرلاش ئارقىلىق، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ رۇستەم ئەمەت بىلەن ئېلىپ بارغان رادىيو زىيارىتىنىڭ ئۈن ھۆججىتىنى ئاڭلىيالايسىز


————

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ئۇلانمىسى

ئىستۇدېنتلىرىمىز: لۇغەتتىن باشلانغان يول


ئالاقىلەشكەندە، قارشى تەرەپكە مەزكۇر ئۇچۇرنى «ئەلپىدا ئۇچۇر تورى»دا كۆرگەنلىكىڭىزنى ئېيتىڭ.
ئالاقىلەشكۈچى:ئەلپىدا ئۇچۇر تورى
ئېخەت/توربەت:www.uchur.com
ئالدىنقىسى: ياپونىيە «يۇگۇلىنا» ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى
كېيىنكىسـى: سۇبات تۇرسۇن: بارسىلوناغا قاراپ ئالغا!