ئەلپىدا ئۇچۇر تورى > > > 13101– نومۇرلۇق ئۇچۇر

شائىر ئابدۇللا ئارىپوف ۋاپات بولدى


رايون: يوللانغان ۋاقتى: 2016-11-6 1:56:59

ئەسلىي تېما: ئۆزبېكسىتان خەلق شائىرى ئابدۇللا ئارىپوف ۋاپات بولدى | ئەلپىدا ئۇچۇر تورىدىن ھەمبەھرىلەندى

—————

ئۆزبېكىستان «كۈن» (KUN.UZ) ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرى: ئۆزبېكىستان خەلق شائىرى، دۆلەت قەھرىمانى ئابدۇللا ئارىپوف 2016–يىل 11–ئاينىڭ 5–كۈنى (شەنبە) ئېغىر كېسەللىك سەۋەبىدىن 75 يېشىدا ۋاپات بولدى.



ئۆزبېكىستان خەلقى، ئۆزبېكىستان ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتى ئېغىر جۇدالىققا ئۇچرىدى. «كۈن.ئۇز» (KUN.UZ) تورىنىڭ خەۋىرىدە، ئۆزبېكىستان قەھرىمانى، خەلق شائىرى ئابدۇللا ئارىپوف ئېغىر كېسەللىك سەۋەبىدىن 75 يېشىدا ۋاپات ئەتكەن. ئۆزبېكىستان دۆلەت مەدھىيەسى (دۆلەت شېئىرى)نىڭ مۇئەللىپى ئابدۇللا ئارىپوف ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا داۋالىنىۋاتقاندا، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەنىدى. «كۈن.ئۇز» تەھرىرىياتى مەرھۇم ئۇستاز شائىرنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە يېقىنلىرىغا، ئۆزبېك خەلقىگە چوڭقۇر ھەمدەردلىكىنى بىلدۈرىدۇ ۋە سەۋر تىلەيدۇ (مەنبە: «خەۋەردار. ئۇز» تورى. XABARDOR.UZ)



ئابدۇللا ئارىپوف ھەققىدە:

شائىر ئابدۇللا ئارىپوف 1941-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، يەنى نورۇز بايرىمى كۈنىدە ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى قەشقەردەريا ۋىلايىتى كاسان تەۋەسىدىكى نەكوز قىشلىقىدا تۇغۇلغان. 1958-يىلى تاشكەنت دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۆزبېك فىلولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ ژۇرنالىستلىق كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1963-يىلى ئىمىتىيازلىق دىپلوم بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، تاشكەنتتىكى سابىق «ياش گۋاردىيا» نەشرىياتىغا مۇھەررىر بولۇپ ئىشقا چۈشكەن. بۇ يەردە تۆت يىل ئىشلەپ، 1967-يىلىدىن 1974-يىلىغىچە فاغۇر غۇلام نامىدىكى نەشرىياتتا مۇھەررىر، ئالىي مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1974-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە «شەرق يۇلتۇزى» ژۇرنىلىدا بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. شائىرنىڭ تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «زۆھرە يۇلتۇز» 1965-يىلى نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭدىن كېيىن «كۆزلىرىم يولۇڭدا» (1967-يىلى)، «ئانىجان» (1969-يىلى)، «چەشمە»، «روھىم» (1971-يىلى)، «ئۆزبېكىستان»، «قەسىدە» (1972-يىلى)، «خاتىرات» (1974-يىلى)، «يۇرتۇم شامىلى» (1974-يىلى)، «جەننەتكە يول» (1978-يىلى)، «ھەيرەت» (1979-يىلى)، «ھەكىم ۋە ئەجەل» (1980-يىلى)، «نىجات قەلئەسى» (1981-يىلى)، «يىللار ئارمىنى» (1983-يىلى)، «ھەج دەپتىرى» (1992-يىلى)، «سايلانما» (1996-يىلى)، «ساھىبقىران» (1996-يىلى)، تۆت توملۇق «تاللانغان ئەسەرلەر» يۈرۈشلۈك كىتابلىرى (2001-يىلى) نەشر قىلىنغان.



قوشۇمچە: ئۆزبېك مەتبۇئاتىدا شائىر تەرىپى

ئابدۇللا ئارىپوف ئاتاقلىق ئۆزبېك شائىرى ۋە جامائەت ئەربابى. ئۇ ھازىرقى ئۆزبېك شېئىرىيىتىدە ئىنسان قەلبىدىكى مۇرەككەپلىك ۋە زىددىيەتلەرنى تىرەن، ھەققانىي، ئۆزىگە خاس بىتەكرار كۈيلىگەن كاتتا ئىجادكار. ئابدۇللا ئارىپوف ھازىرقى ئۆزبېك شېئىرىيىتىگە يېڭىچە بەدىئىي تەپەككۈر شەكىللىرىنى ئېلىپ كىردى. ئۇ تۈپ ماھىيەت بىلەن يەسسەۋىي، نەۋايى، بابۇر، چولپان، غ.غۇلام قاتارىدىكى ئىجادكارلار بەدىئىي ئەنئەنىلىرىنىڭ داۋاملاشتۇرغۇچىسىدۇر. شائىرنىڭ پۈتكۈل ئىجادى مىللىيلىق روھى بىلەن سۇغۇرۇلغان. مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدھىيەسى (دۆلەت شېئىرى) ئابدۇللا ئارىپوۋ سۆزى بىلەن ئېيتىلغان. مىللەت مەنىۋىيەت ۋە ئەستەلىك تەپەككۈرنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى خىزمەتلىرى ئۈچۈن شائىر ئابدۇللا ئارىپوف ئىجادكارلار ئارىسىدا بىرىنچى بولۇپ، 1998-يىلىدا «ئۆزبېكىستان قەھرىمانى» دېگەن يۈكسەك ئۇنۋانغا ساۋازەر بولغان. (بۇ مەزمۇنلار ئۆزبېك ۋىكىپىدىيەدىن ئېلىندى. https://uz.wikipedia.org)


مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما

ئالبۇمۇمدىكى ئابدۇللا ئارىپوف

2003-يىلى 9-ئايدا ئۆزبېكىستان خەلق شائىرى ئابدۇللا ئارىپوف بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنىدىم، شۇ ۋاقىتتىكى بەزىبىر تەپسىلاتلارنى «ئەي ھايات، قۇچاقلا مېنى» كىتابىمدا تەسۋىرلىگەن (بۇ بۆلەك مەزكۇر يازما ئىچىدە بېرىلدى). ئۆزبېكىستان خەلق شائىرى، دۆلەت قەھرىمانى مۇكاپاتى ساھىبى ۋە جامائەت ئەربابى، ئۆزبېكىستان يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا ئارىپوفنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى پۈتكۈل ئۆزبېكىستاندا ئۆتكۈزۈلۈشتەك كاتتا تەبرىك ھارپىسىدا، مەن ئۇشبۇ قىسقا ئۇچۇرلار توپلىمى ئارقىلىق، شائىر تېنىگە سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن. - گۈلچېھرە ئەزىز. ئۈرۈمچى. 2016-يىل 10-فېۋرال... تەپسىلاتىنى چېكىپ كۆرۈڭ



قوشۇمچە: تۆۋەندىكىسى شائىر ئابدۇللا ئارىپوف يازغان، تېيىپجان ئ‍ېليوپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان، ناخشىچى مەھمۇد سۇلايمان كۈيلىگەن «سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ» ناخشا تېكىستى

*

ئويغاتقۇچى باغلارنى كەزدىم،

تاپاي دېدىم قىردىن ئىزىڭنى.

جۈپ مەڭزىڭدىن رەڭ ئالغان دېدىم،

لالىزارغا بۇراپ يۈزۈمنى.

ئۇچراتمىدىم ئەمما ئۆزۈڭنى،

سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ؟!


يىراقلاردىن ھەيۋەتلىك تاغلار،

خىيالىمنى كېلىدۇ بېسىپ.

ئۆتتى قانچە ئىنتىزار چاغلار،

ۋەسلىڭ ماڭا بولمىدى نېسىپ.

سەنسىز مەنمۇ، باھارمۇ غېرىب،

سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ؟!


ئۆڭكۈرلەردە سەكرەيدۇ ئاھۇ،

بەرگىلەرنى ئوينايدۇ شامال.

قارلىقلاردا شىلدىرلىغان سۇ،

دەريالاردا قىلىدۇ جەۋلان.

نىگاھىمدىن پەقەت سەن پىنھان،

سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ؟!


مانا بۈگۈن نەۋرۇزى ئالەم،

دوستلىرىمغا گۈللەر تۇتارمەن،

نەلەردىسەن سۆيگۈنۈم ئەركەم؟

قولۇمدا گۈل سېنى كۈتەرمەن،

ئۆمرۈم بويى ساقلاپ ئۆتەرمەن،

سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ؟



تۆۋەندىكى بىر قىسىم ئابدۇللا ئارىپوف شېئىرلىرى «يازغۇچىلار تورى (يازغۇچىلار مۇنبىرى)» دىن ئېلىندى، مۇنبەرگە يوللىغۇچى: بەرقى

*

سېغىنىش

پارچىغىنا بۇلۇت،

چەكسىز ئاسمان،

ئېدىر ئارقىسىدىكى يالغۇز ئاياق يول.

بارلىق تەشۋىشلەرنى ئۇنۇتۇپ شۇتاپ،

كەتكۈم كېلەر يېنىڭغا ئۇدۇل.


قىسمەت مەيىن ئىچتىم ئاچچىق ۋە قىرتاق،

تۇيدۇم ئېھتىراسنىڭ ساماۋىي كۈچىن.

دۇنيادا ئادىمىزات ياشىماس ئاخىر،

پەقەت ئىرادىسىنى سىنىماق ئۈچۈن.


پارچىغىنا بۇلۇت،

چەكسىز ئاسمان،

ئېدىر ئارقىسىدىكى يالغۇز ئاياق يول.

بارچە تەشۋىشلەرنى ئۇنۇتۇپ شۇ دەم،

قايتالىسام ئىدى يېنىڭغا ئۇدۇل.



ئانام ۋاپاتىغا

ماكاندا لاماكانسەن،

ئەمدى قايدىن ئىزلىگەيدۇرمەن،

پىغانىمنى كىمگە ئېيتىپ،

كىمگە سەن ھەققىدە سۆزلىگەيدۇرمەن.

بىراۋلار ماتىمىدە ئاھۇ پەرياد ئەيلىگەن ئىدىم،

سېنىڭ ئۈچۈن ئەي غېرىبىم

ئىچ-ئىچىمدىن بۇزلىغايدۇرمەن.



ساپ دىل

تۈننىڭ جىمجىت سەيرىگە

تەكلىپ قىلدىم، قايتمىدىڭ.

قايتمىدىڭيۇ ئۆزگۈنى

سۆيۈشۈمنى ئېيتمىدىڭ.


سەن كەتتىڭيۇ قەلبىڭنىڭ

ئىزى قالدى يادىمدا.

سۈتتەك ئايدىڭ كېچىنىڭ

ئۆزى قالدى يانىمدا.



غەلىتە زات

ياڭاقنىڭ تېگىدىن ئۆتكەنمۇ بۇ زات؟

خۇش ئەمەس دوستىدىن يارىدىن.

بېشىنى سىلىساڭ شۇ زامات،

چىشلەيدۇ قولۇڭدىن.



مۇھاجىر

-نېمىشقا قەددىڭ ئېگىك، ھەمدە بېشىڭ ھەم؟

نېمىشقا نىگاھىڭنى تارتىدۇ تۇپراق؟

-مېنىڭ يەر ئۈستىدە تونۇشلىرىم كەم،

مېنىڭ يەر ئاستىدا دوستلىرىم كۆپراق.



سىزنى ئۇچراتقۇچە

قاي پۇرسەت مەن سىزنى كۆردۈم بىنىگاھ،

ئەمدى زەررە ھىجران دىلىمنى غەشلەر.

نەقەدەر ياراشقان ئۆزىڭىزگە، ئاھ

دەرتلىك تەبەسسۇم، مەيۈس قاراشلار.


ھېچكىمنى ھەيرەتكە سالماس ھېچقاچان،

مېنىڭ يېنىڭىزدا يوقۇم يا بارىم.

يا پەلەك شۇنچى يىل يۈرۈپتىمەن سەرسان،

سىزنى ئۇچراتقۇچە ئەركە دىلبىرىم...



شائىر

ئېچىنما شائىرغا خورلۇقى ئۈچۈن،

ياكى پارچە نانغا زارلىقى ئۈچۈن.

بىلىپ قوي ئەسلىدە ياشايدۇ شائىر،

دۇنيادا مۇھەببەت بارلىقى ئۈچۈن.



ئامۇ دەرياغا

كىملىكىمنى بىلەر ئىدىم ئازراق،

بىلەر ئىدىم سۇيۇقلىقىمنى.

ئامۇ دەريانى كۆرگەندە بىراق،

بىلىپ قالدىم بۈيۈكلىكىمنى.



جاھانكەشتە

بىر كۈن سورىدىلەر جاھانكەشتىدىن،

ئېيتقىن بىر يۈرەككە ئالەم سىققايمۇ؟

ياكى يوقمۇ سەندە تۇرار جاي ۋەتەن،

قاڭقىپ يۈرمەكلىكتىن باشقا مۈڭگۈز چىققايمۇ؟


ئۇ دېدىم تاقىتىم يوقتۇر پىراققا،

مەن ئەسلى مۇھەببەت ئۈچۈن يارايمەن.

پەقەت گاھى–گاھى كېتىپ يىراققا،

يۇرتنى دەس كۆتۈرۈپ تويۇپ قارايمەن.



ئاتا دۇئاسى

ئوغلۇم سورىماسمەن سەندىن مال-دۇنيا،

ئۆي ھەم سېلىپ بەرمە مەيلى ئالامەت.

مەيلى كۆزلىرىمگە بولمىغىن زىيا،

يېنىمدا يۈرسەڭ بەس ساقۇ–سالامەت.


مەيلى كۆتۈرمىگىن مېنى يەلكەڭدە،

قالقان ھەم بولمىغىن ياغسا مالامەت.

بىر كۈن ياستۇققا باشىم تەككەندە،

يېنىمدا تۇرساڭ بەس ساقۇ–سالامەت.



ئالاقىلەشكەندە، قارشى تەرەپكە مەزكۇر ئۇچۇرنى «ئەلپىدا ئۇچۇر تورى»دا كۆرگەنلىكىڭىزنى ئېيتىڭ.
ئالاقىلەشكۈچى:ئەلپىدا ئۇچۇر تورى
ئېخەت/توربەت:www.uchur.com
ئالدىنقىسى: ئامېرىكا يېڭى زۇڭتۇڭى دونالد تىرامپ
كېيىنكىسـى: ئىستۇدېنتلىرىمىز: لۇغەتتىن باشلانغان يول