ئەلپىدا ئۇچۇر تورى > > > 13132– نومۇرلۇق ئۇچۇر

پېشايۋان قۇرۇلمىسى ھەققىدە ئىزدىنىش


رايون: يوللانغان ۋاقتى: 2016-11-10 4:41:25

ئەسلىي تېما: سەنئەت تەتقىقاتىنىڭ گۈللىنىشى ئىزباسارلارغا موھتاج [ئۇيغۇر بىناكارلىقى بىلەن خەنزۇ بىناكارلىقىدىكى پېشايۋان قۇرۇلمىسى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش] | يازما ئاپتورى: بەھرام قۇربان سىنتاش | مەزكۇر ماقالە «شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 2005-يىل 12-ئاي 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان | ئەلپىدا ئۇچۇر تورىدىن تارقىتىلدى | ئەلپىدا تور مەنزىلى: www.alpida.com

—————

ئۇيغۇر بىناكارلىقى بىلەن خەنزۇ بىناكارلىقىدىكى پېشايۋان قۇرۇلمىسى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش

- بەھرام قۇربان سىنتاش


2004-يىلى ئەتىيازدا دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمىي پايتەختى بولغان شىئەن شەھىرى، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ چاقچۇق ماكانى دەپ نام ئالغان، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان جېندېجىن شەھىرى، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ مەركىزىي شەھىرى جىڭجۇ شەھىرى ۋە جۇڭگودىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان شاڭخەي شەھىرى قاتارلىق جايلاردا خەنزۇ قەدىمكى زامان بىناكارلىق ئۇسلۇبىدىكى قۇرۇلۇشلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشتىم. بۇ مېنىڭ خەنزۇ بىناكارلىقى ھەققىدىكى تونۇتۇشۇمنى چوڭقۇرلاشتۇردى ھەمدە بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىش ئىرادەمنى كۈچەيتتى.


خەنزۇ بىناكارلىق ئۇسلۇبى ئىچىدىكى پېشايۋاننىڭ بىناكارلىقتا ئىشلىتىش ئۈنۈمى ۋە زىننەتلەش تەلىپى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان قۇرۇلما شەكلى، نەققاشلىق ھۈنەر-سەنئىتى ۋە رەڭ بېرىش ئۇسلۇبى ئۇيغۇرلارنىڭ پېشايۋان قۇرۇلمىمىزغا ھەقىقەتەن ئوخشىشپ كېتىدۇ. بەزى ئوردا-قەسىر، بۇتخانىلاردىكى پېشايۋان قۇرۇلمىسىمۇ قەشقەر ھېيتگاھ جامە پېشايۋانلىرىنىڭ ياسىلىش ئۇسلۇبىغا تولىمۇ ئوخشايدۇ. بولۇپمۇ، قۇرۇلمىلارنىڭ تۈزۈلۈشىدىن تارتىپ، لىملارغا ئىشلەنگەن بەزى، نەقىش رەڭلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىچە ناھايىتى ئوخشايدۇ.


مەن تۆۋەندىكى تېمىلار بويىچە ئۆزئارا سېلىشتۇرۇش، ئىزدىنىش ئارقىلىق دەسلەپكى يەكۈننى چىقىرىشنى توغرا تاپتىم.


بىرىنچى، ئۇيغۇر بىناكارلىقى بىلەن خەنزۇ بىناكارلىقىدا پېشايۋان

ئۇيغۇرلاردىكى «پېشايۋان» ئاتالغۇسى پارسچە سۆز بولۇپ، «ئۆينىڭ ئالدى تەرىپىگە چىقىرىلغان ئايۋان» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. (1) ئۇيغۇرلاردىكى پېشايۋان ياساش ئۇسلۇبى ئۆزگىچە يۇقىرى ياغاچچىلىق ھۈنەر-سەنئىتى بىلەن ياسىلىدۇ. ئۇيغۇر قۇرۇلۇشلىرىدىكى پېشايۋان ئۆز ئىچىدىن ئىككى خىل پاسونغا بۆلۈنىدۇ. بىرى، ئالدى يۈزى تۈز چىقىرىلغان پىشايۋان؛ يەنە بىرى، ئالدى تەرىپى ياي ياكى مېھراب شەكلىدە چىقىرىلغان ئەگمە پېشايۋان. بۇ ئىككى خىل پېشايۋان شەكلى ئۇيغۇرلارنىڭ تىپىك مىللىي ئۇسلۇبىدۇر.



ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى پېشايۋان قۇرۇلمىسىنى تۈزگۈچى بۆلەكلىرىنىڭ بايانى:

1) پېشايۋان تۈۋرۈكى

بۇ پېشايۋان قۇرۇلمىسىنىڭ مۇھىم قىسمى بولۇپ، پېشايۋان تورۇسىنى تىرەپ تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. پۈتكۈل پېشايۋان قۇرۇلمىسىنىڭ يان تەرىپىدىكى ئېغىرلىق تۈۋرۈككە چۈشىدۇ. پېشايۋان تۈۋرۈكىگە ماتېرىيال تاللىغاندا، قارا تېرەك ياغىچىنىڭ ئۆلچەملىك توملۇق ۋە ئۇزۇنلۇقتىكى قىسمى ئېلىپ ئىشلىتىلىدۇ. تۈۋرۈك قىلىشقا تاللانغان ياغاچنىڭ چوقۇم تۈز ۋە پۇتاقلىرى ئاز بولۇشى، ئىمكانقەدەر يېرىق بولماسلىقى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار پېشايۋان تۈۋرۈكىنى ياساشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. پېشايۋان تۈۋرۈكىگە كۆپىنچە گۈل، نەقىش ئويىدۇ ۋە ئۇنى ئۆزگىچە شەكىل چىقىرىپ ياسايدۇ.


تۈۋرۈكنىڭ شەكىللىرى خىلمۇخىل بولۇپ، چوڭ جەھەتتىن تۆت قىرلىق، ئالتە قىرلىق، سەككىز قىرلىق ۋە كۆپ قىرلىق، يۇمىلاق ھەم بوغۇر قورساقلىق بولىدۇ. ئالتە قىرلىق ۋە سەككىز قىرلىق تۈۋرۈكلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۈستى تەرەپ تىرەش قىسمى مۇرەككەپ ھەم كۆركەم قىلىپ ياسىلىدۇ. ئۈستى تەرەپ تىرەش قىسمى تەتۈر كونۇس شەكلىدە بولۇپ، ئۇنىڭغا قىر بۇلۇڭ چىقىرىلىپ، ئاندىن بۇ قىر بۇلۇڭغا توغرىلاپ ئاستىن-ئۈستىن ئويۇقلارنى ئۆز رېتى بويىچە دەل كەلتۈرۈپ ئويۇش ئارقىلىق، كۈچلۈك سىتېرېئولۇق تۇيغۇ ھاسىل قىلىنىدۇ. بۇ پاسوندىكى تۈۋرۈكلەرنىڭ تۈۋرۈك غولىغا، يۇقىرى-تۆۋەن ئورنىغا ئىشلىتىلىدىغان ئۆلچەملىك گۈل نەقىشلىرى بولىدۇ. ئاساسەن گۈل نۇسخىلىق، مېۋە نۇسخىلىق نەقىشلەر ۋە گېئومىتېرىيەلىك نەقىشلەر بىرلەشتۈرۈلۈپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل تۈۋرۈكلەر ئاساسەن ئالدى يۈزى تۈز چىقىرىلغان پېشايۋان قۇرۇلۇشىدا ئىشلىتىلىدۇ. پېشايۋان لىمى بىلەن تۈۋرۈك ئارىلىقىغا گۈللۈك تىرەك قىستۇرۇلۇپ، تۈۋرۈك پېشايۋانغا تىرىلىدۇ.


بۇ خىل تۈۋرۈك ئىنتايىن نەپىس، ئاساسەن چوڭ قورۇلارنىڭ پېشايۋانلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل پاسون قەشقەر رايونىغا بەكرەك ئوموملاشقان. ئاپاق خوجا مازىرىدىكى مەسچىت پېشايۋانلىرىنىڭ تۈۋرۈكلىرى دەل مۇشۇ پاسوندا ياسالغان.


ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرلاردا تۆت قىرلىق تۈۋرۈكلەرمۇ ئوموملاشقان. بۇ خىل تۈۋرۈك ئاساسەن ئالدى يۈزى ياي شەكىللىك، مېھراب شەكىللىك ئەگمە پېشايۋانلارغا ئىشلىتىلىدۇ. تۈۋرۈكنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئۈستى قىسىملىرىغا ياكى ئاستىغا ناۋا ئېلىنىدۇ. تۈۋرۈك ئۈستىدىكى ناۋا ئاستىغا ئانار ياكى ئانارنىڭ ئۆزگەرگەن (نەقىشلەنگەن) شەكلى قويۇلۇپ ھەم تۈۋرۈكنىڭ تىرەش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلىدۇ ھەم كىشىگە بېرىلىدىغان گۈزەللىك تۇيغۇسى ئاشۇرۇلىدۇ. بۇ خىل ئانار شەكلى ئىككى تۈۋرۈك ئارىسىغا چۈشكەن ياي ياكى مېھراب شەكلىنىڭ تۇتاشقان قىسمىغىمۇ ئۇلاپ ئىشلىتىلىدۇ. يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلغان بۇ ئىككى خىل تۈۋرۈك ئۇيغۇرلارنىڭ پېشايۋان قۇرۇلۇشىدا كۆپرەك ئوموملاشقان.


2) پېشايۋان تورۇسى

ئۇيغۇر پېشايۋانلىرى تورۇس، لىم ۋە ۋاسىلاردىن تەركىپ تاپىدۇ. لىم–تورۇسنى تۈزگۈچى ئاساسىي قۇرۇلما ھېسابلىنىدۇ.


تورۇس لىمى قويۇشتا ئاۋۋال ئىش تورۇسنىڭ تۆرىدىكى چوڭ لىملارنى قويۇشتىن باشلىنىدۇ. چوڭ لىم پېشايۋاننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قۇرۇلۇش تېمىغا، پېشايۋاننىڭ چۆرىسىدىكى لىملار بولسا پېشايۋان تۈۋرۈكىگە ئېلىنىدۇ. ئاندىن چوڭ لىملارغا كىچىك لىملار بەلگىلىك ئارىلىقتا توغرىسىغا پاراللېل ھالەتتە مىنگەشتۈرۈلۈپ قويۇلۇپ، پېشايۋان تورۇسىنىڭ دەسلەپكى قۇرۇلمىسى شەكىللىنىدۇ. بەزىدە ئىككى پاراللېل لىمنىڭ ئارىسىغا بىر نەچچە كىچىك لىم تۆت بۇلۇڭ، ئالتە بۇلۇڭ ۋە سەككىز بۇلۇڭ قىلىپ شەكىل چىقىرىلىپ قويۇلىدۇ. چوڭ ۋە كىچىك لىملارنىڭ ئۈستى ۋاسا جۈپ قىلى يېپىلىپ (ۋاسا جۈپلەر تاختاي ھالەتتە، كالتەك ھالەتتە ۋە ۋادەك ھالەتتە بولىدۇ)، ئاندىن ئۆينىڭ تورۇسىنى ياپقاندەك، پېشايۋان تورۇسىنىڭ ئۈستى يېپىلىدۇ.


3) پېشايۋان قۇرۇلمىسىدىكى نەقىشلەر

پېشايۋان تورۇسىنى نەقىشلەشتە، ئاۋۋال لىملار تورۇسقا ئېلىنىشتىن بۇرۇن نەقىشلىرى ئويۇۋېلىنىپ، ئاندىن پېشايۋان يېپىلىدۇ. بەزى تورۇسلارنىڭ مەلۇم بۆلەكتىكى كىچىك لىملىرىنى بىراقلا يېپىۋېتىپ، تورۇسنى تەكشى يۈز ھالىتىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئۈستىگە گېئومىتېرىيەلىك شەكىللەر چۈشۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ ئىچىگە گۈل ۋە نەقىشلەر ھەرخىل رەڭدىكى سىردا سىرلاپ تولدۇرۇلىدۇ. بۇ خىل پېشايۋان تورۇسى ئىنتايىن نەپىس ياسىلىدۇ. بۇ ئاساسەن پېشايۋان قۇرۇلمىسىنىڭ مەركىزىي قىسمىغا توغرا كېلىدۇ. قالغان بۆلەكلىرىدىكى كىچىك لىملار پاراللېل ھالەتتە بولىدۇ. كىچىك لىملارغا ئاساسەن دېگۈدەك ئانار نۇسخىسى نەقىش قىلىپ ئويۇلىدۇ. چوڭ لىملار قات-قات نەقىش ۋە گۈللەر بىلەن تولدۇرۇلىدۇ. بەزىدە مەنزىرە رەسىملىرى سىزىلىدۇ. پېشايۋان تورۇسى ھەم پېشايۋان تۈۋرۈكلىرىدىكى تۈرلۈك شەكىلدىكى نەقىش ۋە گۈل نۇسخىلىرى ئاساسەن قىزىل، يېشىل، قاراكۆك، سېرىق رەڭلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇپ سىرلىنىدۇ.



خەنزۇ بىناكارلىقىدىكى پېشايۋان قۇرۇلمىسىنى تۈزگۈچى بۆلەكلىرىنىڭ بايانى:


1) پېشايۋان تۈۋرۈكى

تۈۋرۈكلىرى ئاساسەن سىلىندىر شەكلىدە بولۇپ قىرلىرى بولمايدۇ. ئۈستىگە ھېچقانداق نەقىش ئالمايدۇ. بەزىدە تۈۋرۈكلەرگە ياماشقان ئەجدىھا شەكلىنى چۈشۈرىدۇ. تۈۋرۈكلىرى كۆپىنچە قىزىل سىر بىلەن سىرلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭكىدەك تۈۋرۈك نۇسخىسى كۆپ ئەمەس. پېشايۋان تۈۋرۈكىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭكىگە ئوخشاش مۇرەككەپ ياسالمايدۇ.


2) پېشايۋان تورۇسى

خەنزۇ بىناكارلىقىدىكى پېشايۋان تورۇسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭكىگە ئوخشاش مۇرەككەپ ياسىلىدۇ. خەنزۇلارمۇ چوڭ لىمنى تۈۋرۈككە ئېلىپ، كىچىك لىملارنى چوڭ لىملارغا مىنگەشتۈرۈپ ئۆزئارا پاراللېل ھالەتكە كەلتۈرىدۇ ياكى ئۇيغۇرلارنىڭكىگە ئوخشاش ئالتە بۇلۇڭلۇق، سەككىز بۇلۇڭلۇق شەكىل چىقىرىپ، چوڭ لىمغا پاراللېل قىلىپ قويىدۇ. تورۇسنىڭ نەقىش ئۇسلۇبى ئۇيغۇرلارنىڭكىگە يۈزدەيۈز ئوخشىمىسىمۇ، ئاساسەن ئوخشىشىپ قالىدۇ. چوڭ جەھەتتىن بىرلا خىل ئۇسلۇبقا كىرىدۇ. خەنزۇلارمۇ تورۇسمۇ كۆركەم نەقىشلەرنىڭ ئويىدۇ، گۈللەرنى سىزىدۇ. بەزىدە ئۇيغۇرلارنىڭكىگە ئوخشاش مەنزىرە رەسىملىرىنىمۇ سىزىدۇ. سىرلاش، رەڭ بېرىش جەھەتتە چوڭ جەھەتتىن ئۇيغۇرلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ. بىراق، ئوچۇق قىزىل رەڭنى ئاساس قىلىپ ئىشلىتىدۇ.


پېشايۋان ياساش ئادىتى كۆپلىگەن ئەللەردە يوق بولۇپ، ئاساسەن ئۇيغۇر، ئۆزبېكلەردە ھەمدە شىنجاڭ بىلەن چېگرىلىنىدىغان بەزى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدىلا بار. خەنزۇ خەلقىنىڭ پېشايۋان ياساش ئۇسلۇبى ئىچكى رايونلاردا قىسمەن ئوموملاشقان بولۇپ، خۇيزۇلارمۇ بۇ ئۇسلۇبنى قوللانغان. ئۇنىڭدىن باشقا خۇاشيا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى بەزى جايلاردىمۇ بار.


بۇلاردىن باشقا، ياۋروپا ئىتالىيە ئۇسلۇبىدىكى رىمچە قۇرۇلۇشلاردا پېشايۋان شەكلى قوللىنىپ، پېشايۋانلىق كارىدور ھاسىل قىلىنغان. بۇ خىل پېشايۋانلار ئاساسەن گرانت تاشلار بىەلن تىپىك رىمچە ئۇسلۇبتا ياسىلىدۇ. بىزنىڭ پېشايۋان قۇرۇلمىمىزغا ئانچە ئوخشىمايدۇ. ئىتالىيە بىناكارلىقىدا قۇرۇلۇشلارغا پېشايۋانلىق كارىدور چىقىرىش بەك ئوموملاشقان.


ئۇيغۇرلاردا پېشايۋان ئىشلىتىلىشى


ئۇيغۇرلار پېشايۋاندىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىدۇ. پېشايۋان يېرىم ئوچۇق قۇرۇلۇش بولۇپ، مۇھىت بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھويلىسىنى باغ بىلەن ئوراشتەك تۇرمۇش ئادىتىگە ماس ھالدا ئۇزۇن تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن.


پېشايۋان ياساش ئۇيغۇرلارنىڭ جۇغراپىيەلىك مۇھىتىغا ماسلاشقان بولۇپ، چوڭقۇر ئىلمىي ئاساسقا ئىگە. چۈنكى، شىنجاڭنىڭ ھاۋاسى قۇرغاق، قۇياش نۇرىنىڭ تىك چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن. شۇڭا، ئۇيغۇرلار يازنىڭ دىمىق، ئىسسىق ۋە قىزىق ئاپتاپلىق كۈنلىرىدە پېشايۋان ئاستىدا سايىداپ ئولتۇرۇشقا ئادەتلەنگەن. ئۇيغۇرلار يەنە ياز كۈنلىرى پېشايۋان ئاستىدىكى سۇپىلارغا زىلچە-گىلەم-كۆرپىلەرنى سېلىپ، يېشىللىق بىلەن تولغان ھويلىسىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىپ، تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن بەھرە ئالىدۇ. كۆپىنچە ياز كېچىلىرى پېشايۋان ئاستىدىكى سۇپىدا ئۇخلايدۇ (كىچىك بالىلار ئاساسەن ئۆيدە ئۇخلايدۇ). ئۇيغۇرلار ياز كۈنلىرى ئۆيگە كەلگەن مېھماننى پېشايۋان ئاستىدىكى سۇپىسىغا باشلايدۇ ۋە مېھمانلارنىڭ ئاستىغا ئېسىل رەختلەردىن تىكىلگەن كۆرپىلەرنى سېلىپ، داستىخانلارغا تۈرلۈك مېۋە-چېۋە ۋە مول نازۇ-نېمەتلەرنى تىزىپ كۈتۈۋالىدۇ. دېمەك، ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا پېشايۋان ۋە سۇپا بولمىسا بولمايدۇ. ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر ئۆيىنىڭ پېشايۋېنى بولىدۇ (شارائىتى يوقلار بۇنىڭ سىرتىدا). پېشايۋان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئېڭى، روھىيىتى ۋە پىسخىكىسىغا سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، پېشايۋانسىز ئۇيغۇر ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. بۇرۇندىن باي ۋە ھاللىقراق كىشىلەر پېشايۋاننى ئىنتايىن كۆكەم، ھەشەمەتلىك سېلىپ كەلگەن. قولى قىسقىلار ۋە نامراتراقلىرى ئۆيلىرىنىڭ ئالدىغا ئاددىي بولسىمۇ پېشايۋان قىلىدۇ. ئىنتايىن نامرات دېگەنلىرىمۇ بىرقانچە تال بادرىنى تىرەپ، ئۈستىنى شاخ-شۇمبىلار بىلەن يېپىپ بولسىمۇ «پېشايۋان» ياساپ ئولتۇرىدۇ. پېشايۋان ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراق ئۆي ۋە جامائەت قۇرۇلۇشلىرىدا، مەسچىتلەردە ۋە باشقا بارلىق قۇرۇلۇشلاردا دېگۈدەك مەۋجۇت. ھازىرقىدەك بىنالاشقان قەۋەتلىك قۇرۇلۇشلارنىڭمۇ بالكونلۇق پېشايۋانلىرى بار.


خەنزۇلاردا پېشايۋاننىڭ ئىشلىتىلىشى


خەنزۇلاردا پېشايۋان خان سارايلىرى، قورۇق، چوڭ باغ-ھويلىلىق ساراي ۋە بۇتخانىلاردا ئوموملاشقان بولۇپ، خەلقنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرىدە ئانچە ئوموملاشمىغان. چۈنكى، خەنزۇلارنىڭ پىسخىكىسىدىكى تارىختىن بۇيان شەكىللەنگەن بېكىمىچىلىك خاھىشى بۇنى ياقتۇرۇپ كەتمىگەن. شۇڭا، ئۇلارنىڭ ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشلىرىغا قارايدىغان بولساق، سىرتقا ئانچە ئېچىۋېتىلمەيدۇ. ھويلىسىنىڭ قورۇق تېمى ئېگىز قوپۇرۇلۇپ، ئۆينى تۆت تامنىڭ ئىچىگە سالىدۇ. ئۆيلىرى قەپەس-ئايۋان شەكلىدە بولۇپ، ھويلىسىدىكى ئازراق گۈللۈكنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئەتراپىدا باغلىرى بولمايدۇ. خەنزۇ خەلقىنىڭ ئولتۇراق ئوي قۇرۇلۇشىدا پېشايۋاننىڭ بولماسلىقى ئۇلارنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا پېشايۋانغا ئېھتىياجىنىڭ يوقلۇقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ ھەم ئۇلار ياشاۋاتقان ماكاننىڭ جۇغراپىيەلىك مۇھىتى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى، ئىچكى رايونلار نەم ھەم كۈن نۇرى ئانچە يېتەرلىك ئەمەس. شۇڭا، كىشىلەر پېشايۋاننىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئانچە قوغلىشىپ كەتمىگەن. بىراق، چوڭ تىپتىكى ئوردا-ساراي، بۇتخانىلارنىڭ پېشايۋانلىرى بەك ھەيۋەتلىك بولۇپ، بۇ پەقەت پېشايۋانلىق كارىدور رولىنىلا ئۆتەيدۇ. بۇنىڭدىن خەنزۇ خەلقىدە تەبىقە پەرقىنىڭ زورلۇقىنى، پۇقرالارنىڭ ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشى بىلەن خان-پادىشاھ، بەگ-ۋەزىرلەرنىڭ ئوردا-قەسرلىرى ۋە جامائەت سورۇنلىرىنىڭ ئورتاقلىققا ئىگە ئەمەسلىكىنى، پېشايۋان پەقەت چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇشلارغىلا مەركەزلەشكەنلىكىنى، كەڭ ئاۋام خەلققە ئوموملاشمىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.


دېمەك، ئۇيغۇرلاردا پېشايۋان كەڭ خەلق تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستېتىك ئېڭى بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلانغان ھەم خەلق تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ مۇكەممەل گەۋدىسىگە ئايلانغان. بىراق، ئۇزۇن يىللىق تەبىئىي ۋە سۈنئىي ئاپەت تۈپەيلى بەزى بىناكارلىق يادىكارلىقلىرىمىز مۇكەممەل ساقلانمىغان.


خەنزۇلاردا بولسا پېشايۋان قۇرۇلۇشى كەڭ خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا ئۇيغۇرلارنىڭكىدەك سىڭىپ كىرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە خەلقنىڭ ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان. شۇڭا، ئۇلاردا پېشايۋاننىڭ ئۇسلۇب-تۈرلىرى بىر قەدەر چەكلىك. گەرچە خەنزۇلارنىڭ پېشايۋان قۇرۇلۇشى يېڭىلىنىپ راۋاجلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما چوڭ تىپتىكى بەزى قۇرۇلۇشلىرى خېلى مۇكەممەل ساقلانغان.



ئىككىنچى، بىناكارلىقتىكى پېشايۋان ياساش ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزئارا تەسىرى ۋە ئۆتۈشۈشى


ھەرقانداق بىر قەدىمكى مەدەنىيەت ياكى ئادەتنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلغاندا، شۇ خىل مەدەنىيەت ۋە ئادەتلەرنىڭ مەلۇم خەلق ياكى مىللەت ئىچىدە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئىزنالىرىدىن دەلىل-ئىسپات ئىزدەش ئىلىم ساھەسىدە بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان نۇقتا. مۇشۇ نۇقتا بويىچە ئالغاندا، بىز يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن بىناكارلىقتىكى پېشايۋانغا ئائىت ئالاھىدىلىكلەر تاكى ھازىرغىچە ئۇيغۇر بىناكارلىقىدا بىر خىل ئەنئەنە بولۇپ داۋاملىشىپ كەلمەكتە.


ئۇيغۇر بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرىدا پېشايۋاننىڭ تارىخى


ئەجدادلىرىمىزنىڭ تارىم ۋادىسىدا ياراتقان مەدەنىيىتى بىر قەدەر ئۇزۇن. لوپنۇر، چەرچەن، نىيەلەردىن تېپىلغان نىيە قەدىمكى شەھىرى، كىروران قەدىمكى شەھىرى، مىرەن قەدىمكى شەھىرى، ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرى قاتارلىقلار ئۇيغۇرلار تارىم ۋادىسىدا قۇرغان خانلىقلارنىڭ مەشھۇر شەھەرلىرى. ئارخىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەردە بۇ شەھەرلەرنىڭ خارابىلىرىدىن نۇرغۇنلىغان يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ماددىي بۇيۇملار تېپىلغان. ئالىملار بۇ ماددىي بۇيۇملار ئارقىلىق تارىم ۋادىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي تەرىپىدە يۈكسەك بىر مەدەنىيەتنىڭ يارىتىلغانلىقىنى، بۇ مەدەنىيەتنىڭ يىپەك يولىنىڭ ئەڭ مۇھىم تۈگىنى ئىكەنلىكىنى يەكۈنلىدى. بۇ جايلاردىن يەنە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئولتۇراق جاي خارابىلىرى تېپىلدى. بەزى خارابىلەر خېلى مۇكەممەل ساقلانغان بولۇپ، بۇلار بۈگۈنكى جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆي سېلىش ئۇسلۇبى بىلەن ئوخشاشلىقىنى ئىسپاتلىدى. مەسىلەن، تەكلىماكاننىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان لوپنۇر ۋادىسى بىلەن خوتەن رايونىغا خاس بولغان قوشام ئۆيلەر تەكلىماكاننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى قەدىمكى شەھەرلەر – كىروران، مىرەن، نىيە شەھىرى خارابىلىرىدىن كۆپلەپ تېپىلدى. ئەينى زاماندىكى بۇ ئۆيلەرنىڭ سېلىنىش ئۇسلۇبى، قۇرۇلما شەكلى بۈگۈنكى كۈندىكى تارىم ۋادىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي سېلىش ئۇسلۇبى بىلەن تامامەن ئوخشاش بولۇپ، بۇ جايلاردا ياشايدىغان خەلققە خاس بولغان بىر خىل قۇرۇلۇشتۇر. ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى، ھۈنەر-سەنئىتى ۋە ئىشلىتىلىشى مۇشۇ جاينىڭ جۇغراپىيەلىك شارائىتىغا ماسلاشقان ھەم بۇ جايدىكى خەلق تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، ھازىرقىدەك كۆركەم، ھەشەمەتلىك ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن. ئالىملارنىڭ تەكشۈرۈش خاتىرىسدە بۇ جايلاردىن تېپىلغان ئەينى دەۋرگە تەۋە قۇرۇلۇشلاردا پېشايۋان قۇرۇلمىسىنىڭ بارلىقى يېزىلغان.


ئالىملار نىيە قەدىمكى شەھەر خارابىسىدىكى دەپ نام بەرگەن ئۆينىڭ چۈشەندۈرۈشىدىن مۇنۇلارغا ئىگە بولىمىز.


1. ھويلا

ھويلىنىڭ شەرق، غەرب، شىمال تەرەپلىرىدە ئايلانما كارىدورلۇق پېشايۋان بار. شىمال تەرىپى مېھمانخانا بىلەن تۇتىشىدۇ.


2. مېھمانخانا

«مېھمانخانا چاسا شەكلىدە بولۇپ، ھويلىغا قاراپ تۇرىدۇ. غەربىي جەنۇب تەرىپىدە پېشايۋان بار. شەرق، غەرب تەرەپلىرىدە ئىشىكى بار». (2) ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي قۇرۇلمىسىنىڭ تۈزۈلۈشى ھەققىدە «كىروران قەدىمكى شەھىرىگە تەخمىنەن 50 كىلومېتىر يىراقلىقتا قەدىمكى شەھىرى بولۇپ، شەھەردىكى بىر كىچىك چاخسا ئىشىك، شەھەرنىڭ جەنۇبىي قسىمىدا يىگىرمە ئېغىزچە ئۆي ساقلىنىپ قالغان. تەكشى يۈزدە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدىن قارىغاندا، ھويلا-ئاراملىق، پېشايۋانلىق ۋە ئاددىي قىلىپ ياسالغان. ئۆيلەرگە ناھايىتى يوغان ۋە نۇرغۇن ياغاچلار ئىشلىتىلگەن بولۇپ، قۇرۇلمىسى كىروراندىكىگە ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇ جاينىڭ ھەممىلا يېرىدە بېجىرىم ساقلانغان تۈۋرۈك، لىم، زەگۈندە، بالا بېشى، بوسۇغا ياغىچى، تۇرۇملاش ئۈچۈن ئەركەك-چىشى ئويۇلغان ۋە تۆشۈك ئېچىلغان بىناكارلىق دېتاللىرى ئۇچراپ تۇرىدۇ». (3) دەپ يېزىلغان دوكلاتتىمۇ ئۆي قۇرۇلمىلىرىدا پېشايۋاننىڭ بارلىقى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ياسىلىش ئۇسۇلى تامامەن ئوخشاش. بۇ قۇرۇلۇشلارنى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 3-ئەسىرنىڭ مەھسۇلى دەپ قارىساق، ئەڭ كەم دېگەندە 2300 يىل بۇرۇن سېلىنغان قۇرۇلۇش دېيىشكىمۇ بولىدۇ. بىراق، بۇ قۇرۇلۇشلارنى دەل شۇ مەزگىللەردە سېلىنغان دەپ مۇتلەقلەشتۈرۈۋېتىشكىمۇ بولمايدۇ. «ئارخېئولوگلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا «بۇ جايدا ئاز دېگەندىمۇ بۇنىڭدىن 3800 يىل ئىلگىرىلا ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش تارىخى باشلانغان». (4) دېمەك، كەم دېگەندىمۇ 3800 يىللار بۇرۇن تەدرىجىي ھالدا بىزنىڭ بۇ خىل ئولتۇراق ئۆي شەكلىمىز بارلىققا كەلگەن. شۇڭا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراق ئۆي تارىخى بىلەن پېشايۋان ياساش تارىخىنى كەم دېگەندىمۇ بىر-ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرى سۈرۈشكە بولىدۇ. بۇنىڭدىن بىزنىڭ پېشايۋان بىناكارلىق تارىخىمىزنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ھەمدە ئۇنىڭ تارىخىي ئاساسىنىڭ چىڭلىقىنى، شۇنداقلا تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا تارىخىي ۋە تەبىئىي شارائىتقا ماس ھالدا خەلقىمىز ئۇنى تۇرمۇشىدا نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىشلىتىپ ۋە پايدىلىنىپلا قالماستىن، دەۋرمۇدەۋر مۇكەممەللەشتۈرۈپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.



خەنزۇلارنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرىدا پېشايۋاننىڭ تەدرىجىي شەكىللىنىش تارىخى


خەنزۇلارنىڭ خەن دەۋرىدىكى قۇرۇلۇشلاردا پېشايۋان يوق، قۇرۇلۇش تېمى سىرتىغا پېشايۋان چىقىرىلمىغان. كېيىنكى دەۋرلەردىكى خەنزۇ بىناكارلىقىغا سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەر ئاددىي ئۇسلۇبتا سېلىنغان بۇ قۇرۇلۇشلاردا مۇرەككەپ قۇرۇلما، نەقىش قاتارلىقلار ئاز ئۇچرايدۇ ھەم ئۇ بىر قەدەم سىدام.


گەرچە خەن دەۋرىدە پېشايۋان شەكىللەنمىگەن بولسىمۇ، بۇ دەۋر بىلەن قەدەمداش بولغان كىروران، مىرەن، نىيە خارابىلىرىدىكى قەدىمكى شەھەرلەردە پېشايۋان ياساش ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ئوموملىشىپ بولغان، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن تارىخىي جەرياندا قۇرۇلمىسى مۇرەككەپلىككە قاراپ تەرەققىي قىلغان ۋە مۇكەممەللەشكەن. تۈۋرۈكلەرگە گۈل نەقىش ئويۇشنى خەن دەۋرىدىكى سىدام قۇرۇلۇشلارغا سېلىشتۇرغىنىمىزدا، ئەينى چاغدىكى تارىم ۋادىسىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەينى دەۋرلەردە خەنزۇ خەلقىنىڭ قۇرۇلۇشلىرىمۇ كۆپ خاسلىققا ۋە مۇرەككەپلىككە قاراپ يۈزلەنگەن. ۋېي، جىن، جەنۇبىي-شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىن باشلاپ، غەربىي يۇرت بۇددىزىمى ۋە بىناكارلىقى خەنزۇ خەلقى ئارىسىدا تارقالغان. كۇچالىق بۇددا ئالىمى، ئارخېتىكتور بۇددىچىڭئا لوياڭ شەھىرى ۋە شەھەر ئەتراپلىرىدا بۇددىزىمنى تەرغىپ قىلىش بىلەن بىرگە، 912 ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئۆزى لايىھەلەپ، ئۆزى ئىنژېنىر بولۇپ ياساپ پۈتتۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر بۇددىزىم بىناكارلىقى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئېرىشكەن. سۈي-تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىگە كەلگەندە ئىچكى جايلاردا جۇڭگو بىناكارلىقىدا بولمىغان غەربىي يۇرتچە بۇددىزىم بىناكارلىق ئۇسلۇبى ئوموملىشىشقا ۋە بارا-بارا يىلتىز تارتىشقا باشلىغان.


بۇددىزىم ئىچكى جايلارغا ھىندىستاندىن ئەمەس، بەلكى مەدەنىيەت ئاساسى كۈچلۈك بولغان غەربىي يۇرتتىن كىرگەن. بۇ، بۇددىزىم بىناكارلىقى ئاللىقاچان غەربىي دىيارچە ئۇيغۇر ئۇسلۇبىغا ئايلىنىپ بولغان ۋاقىت بولۇپ، ئۇ بۇددا دىنى بىلەن بىللە ئىچكى جايلارغا كەڭ تارقالغان. خەنزۇ بىناكارلىقى ئەنە شۇنداق كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش جەريانىدا كۆپ خىللىققا ۋە مۇرەككەپلىككە قاراپ راۋاجلانغان. ئەينى دەۋردىكى خەنزۇ بىناكارلىقى بۇتخانا قۇرۇلۇشىدا بەكرەك تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بۇتخانا قۇرۇلۇشى بۇددىزمنىڭ ئەقىدىلىرى ئاساسىدا سېلىنغان ھەم غەربىي دىيارچە گۈل، نەقىش، تۈۋرۈك ۋە باشقا بىناكارلىق ئۇسلۇبلىرى خەنزۇ بىناكارلىقىنى بېيتقان. بۇ دەۋرنىڭ بۇددا ئىمارەتلىرىدە پېشايۋان شەكلى كۆرۈنەرلىك ئىپادىلەنگەن بولۇپ، قۇرۇلۇشلار نوقۇل يەككە گەۋدە بولۇشتىن مۇرەككەپلىشىپ، پېشايۋان، راۋاق، باغ قاتارلىق بىر يۈرۈش گەۋدىگە ئايلانغان. مۇھىت بىلەن بىنا بىرلەشتۈرۈلگەن پېشايۋان ۋە پېشايۋانلىق كارىدور، راۋاق قاتارلىقلار يېرىم ئوچۇق مۇھىت قۇرۇلۇشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەينى دەۋردە كەڭ ئوموملىشىشقا باشلىغان. بۇ خىل قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ئوردا-ساراي قۇرۇلۇشىلىرىدا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلغان ۋە كېيىنكى ۋاقىتلارغىچە ئىشلىتىلگەن. شۇڭلاشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ بىناكارلىق ئۇسلۇبىنىڭ خەنزۇ بىناكارلىقىغا قوشقان تۆھپىسىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. ئالايلۇق: «قۇبلايخاننىڭ ۋاقتىدا ئەختەرىددىن ئاتلىق ئۇيغۇر ئىنژېنېر ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ ئەينى چاغدا ئوردا ۋە شەھەر قۇرۇلۇشلىرىنى باشقۇرىدىغان چادىر مەھكىمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئەختەرىددىننىڭ شەرق تارىخىدىكى تۆھپىسى ھازىرقى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ دەسلەپكى ئاساسىنى لايىھەلەپ بىنا قىلىشىدا» ئىپادىلىنىدۇ. «ئەختەرىددىننىڭ لايىھەسى بويىچە، بىرىنچى قەدەمدە يەرنىڭ قىيپاش شەكلىگە ئاساسەن، يەر ئاستى قانىلى قېزىلىپ، سۇ ئاقىدىغان ساپال نۆكەشلەر ئورنىتىلغان. ئىككىنچى قەدەمدە، خانلار تۇرىدىغان ئوردىلار تەبىئىي مەنزىرىسى چىرايلىق جايلارغا سېلىنغان. ئەختەرىدددىننىڭ لايىھەسىگە ئاساسەن ھازىرقى جۇڭنەنخەت ۋە بېيخەي كۆللىرى بىنا قىلىنىپ، خان ئوردىلىرى شۇ كۆللەرنىڭ ئىككى قىرغىقىغا ياسالغان، ھازىرقى جىڭشەن باغچىسىنىڭ ئەتراپىغا خان ئائىلىسىنىڭ ھايۋانات باغچىسى بىنا قىلىنغان». (6) يۇقىرىقى مىساللار ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردە خەنزۇ بىناكارلىق ئۇسلۇبلىرىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.


بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئەختەرىدىن تەرىپىدىن لايىھەلىنىپ سېلىنىشى، جۇڭگونىڭ تىپىك مەدەنىيەت گۆھىرى بولغان خان ئوردىسىنىڭمۇ ئەختەرىددىن تەرىپىدىن پىلانلىنىپ لايىھەلىنىشى ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ خەنزۇ بىناكارلىقىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن ئەڭ ئۇلۇغ تارىخىي تۆھپىسىدۇر. مانا بۇ قۇرۇلۇشلار تا ھازىرغىچە ئىنتايىن مۇكەممەل ساقلانغان بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ تارىخىي قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئەڭ ئېسىلى ھېسابلىنىدۇ. گەرچە بۇ خان ساراي قۇرۇلۇشى بىۋاسىتە ئۇيغۇر ئۇسلۇبىدا سېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئۇسلۇبىنىڭ تەبىئىي سىڭدۈرۈلۈشى بىلەن بۇ قۇرۇلۇش مۇكەممەللىككە ئىگە بولغان. يەنى پېشايۋان ۋە پېشايۋان تورۇسلىرىنىڭ شەكىل ۋە نەقىشلىرى ئۇيغۇر بىناكارلىق لايىھەسى بويىچە پىلانلىنىپ، جۇڭگونىڭ باشقا سۇلالىلىرىدا كۆرۈنۈپ باقمىغان ئۆزگىچە ئۇسلۇبنى شەكىللەندۈرگەن.


ئازادلىقتىن كېيىن ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ بىناكارلىقى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. ئۇيغۇر رايونىدا يەرلىك ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبتىكى قۇرۇلۇشلار كۆپلەپ سېلىندى. ئەمما پېشايۋان تۈرىدىكى قۇرۇلۇشلار دېگەندەك كۆپ بولمىدى. شۇنداقتىمۇ يەرلىك خەلقلەر ئۆيلىرىنى سېلىشتا ئەنئەنىۋى پېشايۋان ئۇسلۇبىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.


10 يىللىق مالىمانچىلىقتا نۇرغۇن ئەنئەنىۋى، تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىمىز «كاپىتالىزمنىڭ قالدۇقى»، «4 كونا»، «زەھەرلىك ئوت»... دېگەندەك بەتناملار بىلەن ھاقارەتلىنىپ ۋەيران قىلىندى، بۇزۇپ چەيلەندى، چېقىۋېتىلدى، كۆيدۈرۈلدى ۋە يوقىتىۋېتىلدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بەزى مەسچىت-خانىقا، مەقبەرىلەر ئاسرالمىغانلىقتىن، ئەسلىي ھالىتىنى يوقاتتى.



ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، يېقىنقى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان ئېلىمىز يېزا-بازارلىرىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. دېھقانلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆيلىرى يېڭىلاندى. بولۇپمۇ بەزى بېيىغان دېھقان ۋە يەككە تىجارەتچى، سودىگەرلەر راۋرۇس پېشايۋانلىق زامانىۋى ئۆيلەرنى سېلىشقا باشلىدى. ئۈرۈمچى، غۇلجا، قەشقەر، ئاتۇش قاتارلىق جايلاردا كىشىلەر بەس-بەستە ئۇيغۇر ئۇسلۇبى بىلەن ياۋروپا ئۇسلۇبى بىرلەشتۈرۈلگەن زامانىۋى ئېسىل داچا-ساراي ۋە ئولتۇراق ئۆيلەرنى سېلىپ، شىنجاڭنىڭ مىللىي بىناكارلىق ئۇسلۇبىنى بېيتتى. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئۆرپ-ئادەتكە بىرلەشتۈرۈلگەن ساياھەتچىلىك يوشۇرۇن بايلىقى ھەسسىلەپ ئاشتى ۋە ئاشماقتا.


ئىچكى ئۆلكىلەردە خەنزۇ خەلقىمۇ ئۆزىنىڭ بىناكارلىق مەدەنىيىتىنى قەدىرلەپ، خارابلىشىشقا يۈزلەنگەن قەدىمىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە تارىخىي ئورۇنلارنى رېمونت قىلىپ سىرتقا ئېچىۋەتتى. بۇ قاتاردا خەنزۇ بىناكارلىقى، جۈملىدىن پېشايۋان قۇرۇلۇشلىرىمۇ تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتى. زامانىۋى ئۇسلۇب بىلەن ئەنئەنىۋى بىناكارلىق ئۇسلۇبى بىرلەشتۈرۈلگەن نۇرغۇنلىغان ئېگىز ئىمارەتلەر ھەرقايسى شەھەرلەردە بەس-بەستە قەد كۆتۈردى.


قۇرۇلۇش لايىھەلەش، سىرتقى مۇھىت ۋە ئۆي ئىچىنى لايىھەلەش-زىننەتلەشتە خەنزۇچە پېشايۋانلارنى لايىھەلەشتەك مىللىي ئۇسلۇب جۇڭگو مەدەنىيىتىنى نامايەندە قىلىدىغان بىرىنچى قول ماتېرىيال قىلىندى. مىللىي ئۇسلۇب يەنە نۇرغۇنلىغان زامانىۋى تېز تاماقخانىلارنىڭ دۇكان يۈزىنى لايىھەلەشتە، ئىچكى قىسمىنى زىننەتلەشتە ئورتاق مودىغا ئايلاندى.


ئىچكى جايلاردا زامانىۋى لايىھەلەش، زامانىۋى ھۈنەر-سەنئەت ۋە زامانىۋى ماتېرىياللار ئىشلىتىلگەن، جۇڭگو ۋە چەت ئەل كىشىلىرىنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلپ قىلىدىغان جۇڭگوچە ئۇسلۇبتىكى چوڭ-چوڭ مېھمانخانا ۋە سودا سارايلار تۈركۈملەپ سېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قۇرۇلۇشلاردىكى چوڭ زاللارنى لايىھەلەشتە پېشايۋان قۇرۇلمىلىق شەكىللەر كەڭ كۆلەمدە ئوموملاشتى. ئۇيغۇر خەلقى بىلەن خەنزۇ خەلقى بىناكارلىقتا پېشايۋان ئۇسلۇبىنىڭ ئەسلىي شەكلىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، پېشايۋان ياساش ھۈنەر-سەنئىتى تېخنىكىسىنى بارغانسېرى بېيتتى ۋە بۇ جەھەتتە زور يۈكسىلىشلەرگە ئېرىشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىچكى رايونلار ئىقتىسادىي ۋە ئەمەلىي كۈچ جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مىللىي بىناكارلىق ھۈنەر-سەنئىتىنى يۈكسەلدۈرۈپ، بىناكارلىق ساھەسىدە يېڭى سەھىپە ئاچتى.


بىراق، ئۇيغۇرلارنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بەزى ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مىللىي ئۇسلۇب، مىللىي خاسلىق ۋە يەرلىك ئۇسلۇبقا دېگەندەك ئەھمىيەت بېرىلمىدى ۋە راۋاجلاندۇرۇلمىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتىن كېيىن ساياھەت ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر شىنجاڭچە يەرلىك ئۇسلۇبنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى ئېچىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدى ۋە بۇ جەھەتتە ئۆزىمىزدە بار بولغان يوشۇرۇن تەرەققىيات كۈچىنى، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مەدەنىيەت تارىخى ئۇزۇن دىياردا ماددىي ئىقتىساد يارىتىش ئەۋزەللىكىنىڭ يۇقىرىلىقىنى تونۇپ يەتتى. بۇنىڭ بىلەن قىسقىغىنە بىر قانچە يىل ئىچىدە ئۈرۈمچىدە «خەلقئارا چوڭ بازار»، «مىللەتلەر كوچىسى»، «دۆڭكۆۋرۈك سودا بازىرى»... قاتارلىق مىللىي ئۇسلۇب شەكلىدە سېلىنغان بىنالار قەد كۆتۈرۈپ، كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىشكە باشلىدى. بۇ كىشىنى تولىمۇ خۇشال قىلىدۇ.


بىراق، بۇلار بىز ئۈچۈن تېخى يېتەرلىك ئەمەس. مىللىتىمىز ئىچىدە ئۇيغۇر بىناكارلىق ساھەسىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ۋە ئىزدىنىغانلار تولىمۇ ئاز بولغانلىقتىن، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر بىناكارلىقىدا ساپ ۋە قويۇق بولغان ھەقىقىي مىللىي پۇراق ۋە مىللىي ئۇسلۇب يارىتىلمايۋاتىدۇ.


تارىختا ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇ بىناكارلىقىغا قوشقان تۆھپىسى زور بولغان بولسا، مانا ئەمدى بىزنىڭمۇ خەنزۇ خەلقىنىڭ (ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تەرەققىي قىلغان رايونلارنىڭ) بىناكارلىق ھۈنەر-سەنئىتى جەھەتتىكى تېخنىكىسى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قانداق قىلىپ مىللىيەتلىك ۋە زامانىۋىيلىقنى بىرلەشتۈرەلىگەنلىكىدەك مول تەجرىبىلىرىنى كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىشىمىز زۆرۈر بولۇپ قالدى.


يىغىپ ئېيتقاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر بىناكارلىق ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ بېزىلىشىگە بولغان تەلىپىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلاردا شەخسلەر قەۋەتلىك بىنا ۋە داچىسىمان تۇرالغۇلارنى سېلىش، ھەرخىل ئۇنىۋېرسال قۇرۇلۇشلارنى سېلىپ، ئۆي-مۈلۈك كەسپى ۋە زىننەتلەش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش، رېستۇران، تېز تاماقخانا ۋە باشقا كۆڭۈل ئېچىش، چېنىقىش تىپىدىكى كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى ۋە بارغانسېرى راۋاجلىنىپ سان ۋە كۆلەم جەھەتتە رېكورت يارىتىلدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ئۇسلۇبى ئاساسىدا قۇرۇلۇش لايىھەلەۋاتقان ھەقىقىي لايىھەلىگۈچىلىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ قولىدىن چىققان خېلى سۈپەتلىك قۇرۇلۇشلىرىمىز بار بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، بىراقلا زامانىۋى قۇرۇلۇشقا سەكرەپ كەتكەن ھېسىياتچان لايىھەلىگۈچىلىرىمىزمۇ، كىشىلەرنىڭ ياۋروپاچە قۇرۇلۇشلارغا قىزىقىشىدىن پايدىلىنىپ (ياۋروپاچە قۇرۇلۇش شەكلىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا ماس كېلىدۇ دەپ قاراپ)، ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇش شەكلىنى توغرا ئۆزلەشتۈرۈش يولىنى تاپالماي، بىراقلا قارىقويۇق كۆچۈرۈپ ئېلىپ كىرىۋاتقان تەقلىدچى لايىھەلىگۈچىلىرىمىزمۇ پەيدا بولدى.


بىناكارلىقمۇ باشقا ھەرقانداق ساھە ۋە كەسىپلەرگە ئوخشاش ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدۇ. بىناكارلىقتىكى لايىھەلەش ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ چايناپ بولغان نەرسىسىنى چايناش دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىدا بارلىققا كەلگەن يېڭىلىق قەدىمىگە يېتىشىپ مېڭىش ۋە جەمئىيەتنىڭ تۇرمۇش تەلىپىگە ماسلىشىش دېگەنلىكتۇر. ئەگەر بۇ قانۇنىيەتنىڭ ئەكسىچە يول تۇتىدىكەنمىز، مۇقەررەركى، جەمئىيەت تەرىپىدىن شاللىنىپ كېتىمىز. شۇڭا، لايىھەلىدىم، ئىجاد قىلدىم دەپ، باشقىلارنىڭكىنى ئوغرىلىقچە كۆچۈرۈپ ئېلىپ كىرىپ ئۆزىمىزنىڭ قىلىۋالساق بولمايدۇ. چوقۇم ئۆزىمىزگە خاس يېڭىلىق يارىتىشىمىز لازىم. لېكىن، دىيارىمىزدا يىلتىزى يوق ئۇسلۇبنى ھېچقانداق تەتقىقاتسىزلا كۆتۈرۈپ چىقىشمۇ ئىلمىيلىك ئەمەس.



شۇنى تەكىتلەش زۆرۈركى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتكەن پېشايۋان ئۆزىنىڭ بىناكارلىق شەكلى ۋە خاسلىقى بىلەن تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. بىز ئۇنى مىللىتىمىز ۋە مىللىتىمىزنىڭ تارىخىغا بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەت ۋە ئىلمىي پوزىتسىيەدە تۇرۇپ يۈكسەلدۈرۈشىمىز، ئۇنى بۈگۈنكى زامان بىناكارلىق يېڭى ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرۈشتە ماتېرىيال مەنبەسى قىلىشىمىز لازىم. پېشايۋاننىڭ ئەۋزەللىكى شۇكى، ئۇ بۈگۈنكى زامان قۇرۇلۇشلىرىنىڭ تەلىپىدىن تامامەن چىقالايدۇ. ھازىرقى زامانىۋى ماتېرىياللار ئارقىلىق ئۇنى چوڭ كۆلەملىك قۇرۇلۇش قىلىپ چىقىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىلىشچانلىققا ئىگە بولۇشتەك رولى تېخى يوقالغىنى يوق. ئەكسىچە، خەلقىمىز ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولماقتا. ئنىڭ بۇ خىل ئەمەلىي ئىشلىتىلىشچانلىقى بىنانىڭ ئىچى ۋە سىرتىنى زىننەتلەشتە، بىنا تۈۋرۈكلىرىنى، پېشايۋان تۈۋرۈكلىرىنى زىننەتلەش ئۇسلۇبى بويىچە ئوراپ زىننەتلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.


بىز پېشايۋاننى تەشكىل قىلغۇچى ھەربىر شەكىلنى ئىنچىكە كۆزىتىپ چىقساق، قانداق قىلغاندا چوڭ تىپتىكى زامانىۋى قۇرۇلۇش لايىھەلەشتە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئىزدەنسەك بولىدۇ. ئىشىنىمەنكى، پېشايۋان ياساش ئۇسلۇبىمىزنى بۈگۈنكى زامان قۇرۇلۇش لايىھەسى ئۈچۈن جەزمەن خىزمەت قىلدۇرالايمىز. ئۇيغۇر بىناكارلىقىدا مىللىتىمىزنىڭ پېشايۋانغا ئوخشاش ئەنئەنىۋى بىناكارلىق بايلىقىمىز خېلى مول. ئىشىنىمەنكى، بىزنىڭ كەلگۈسىمىز خۇددى ئۇلۇغ ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ «مېنىڭچە، كەلگۈسى – يېڭى، شەرق مەدەنىيەت گۈللىنىشىنى نامايەندە قىلغان كەلگۈسى بولۇپ، ئۇ دەل بۇ يەردىن باشلىنىدۇ. مېنىڭ بۇ ئىپتىخار ۋە ئۈمىدۋارلىق بىلەن تولغان سۆزۈمدىن ئەجەبلەنمەڭ!...» دېگىنىدەك بولىدۇ.


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى بولغان ئۈرۈمچى شەھىرى مەركىزىي ئاسىيا جۈملىدىن، يىپەك يولىدىكى ئىقتىساد ئەڭ گۈللەنگەن زامانىۋى شەھەر بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن شەھىرىمىز ۋە مىللىتىمىزنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان چوڭ-كىچىك ئېسىل قۇرۇلۇشلارنى بەرپا قىلىشىمىزغا ۋە بۇ جەھەتتە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇ ۋەزىپە مېنىڭ ۋە كەسىپداشلىرىمنىڭ ھەمدە كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ئورۇندىشىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. مېنىڭچە، بىناكارلىقتىن ئىبارەت بۇ چوڭ قۇرۇلۇش ئىلمىنى بىرەر پارچە ئىلمىي ماقالە بىلەن تولۇق يورۇتۇپ بەرگىلى بولمايدۇ. ھەتتا بۇ ھەقتە بىر ياكى بىرقانچە توملۇق ئەسەر يېزىلسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ. شۇڭا، داۋاملىق ئۆگىنىشىمىزگە، ئىزدىنىشىمىزگە، تەتقىق قىلىشىمىزغا، بىلگەنلىرىمىزنى خەلقىمىز بىلەن ئورتاقلىشىپ، بىلىمىمىزنى تېخىمۇ موللاشتۇرۇشىمىزغا، كەسپىي سەۋىيەمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ (تامام). – ئاپتور بەھرام قۇربان سىنتاش: شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ 2001-يىللىق ئوقۇغۇچىسى، مەزكۇر ماقالە ئۇنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش يۈزىسىدىن يازغان ئىلمىي ماقالىسى، يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: زۆرەم ياسىن


ئىزاھاتلار:

(1) ئالىمجان مەخسۇت، ئابدۇشۈكۈر مەخسۇت: «ئۇيغۇر بىناكارلىق تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 1-نەشرى، 141-بەت \ (2) «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 234-بەت \ ئالىمجان مەخسۇت، ئابدۇشۈكۈر مەخسۇت: «ئۇيغۇر بىناكارلىق تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 1-نەشرى، 147-بەت \ (3) يۇقىرىدىكى كىتاب، 145-بەت \ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى، 1988-يىللىق 4-سان، 32- 33-بەتلەر


ئالاقىلەشكەندە، قارشى تەرەپكە مەزكۇر ئۇچۇرنى «ئەلپىدا ئۇچۇر تورى»دا كۆرگەنلىكىڭىزنى ئېيتىڭ.
ئالاقىلەشكۈچى:ئەلپىدا ئۇچۇر تورى
ئېخەت/توربەت:www.uchur.com
كېيىنكىسـى: فىنلاندىيەدىكى ئالتايشۇناسلىق تەتقىقاتى