ئەلپىدا ئۇچۇر تورى > > > 13133– نومۇرلۇق ئۇچۇر

خەتتاتلىرىمىز: ئېلى تۇرسۇن ئەلتۇغ


رايون: يوللانغان ۋاقتى: 2016-11-10 5:56:02

ئەسلىي تېما: خەتتاتلىرىمىزدىن ئېلى تۇرسۇن ئەلتۇغ ھەققىدە | يازمىدا ئەسقەر ئىدرىس ئەلپىدا | ئەلپىدا ئۇچۇر تورىدىن تارقىتىلدى | تور مەنزىلى: www.uchur.com، «ئەنئەنە ۋە خەتتات» توپى تەشكىللىگۈچىسى: ئەسقەر ئىدرىس ئەلپىدا، ئۈندىدار ئالاقىسى: asqer416

—————

خەتتاتلىقتىن ئىبارەت سەنئەت ساھەسىدىكى بۇ ئالاھىدە كەسىپ ھەر بىر خەتتاتتىن يۈكسەك بولغان سەۋرچانلىق، ئېغىر-بېسىقلىق، سالماقلىق، سوغۇققانلىق، ئۈزۈكسىز تىرىشىش، بەل قويۇۋەتمەسلىك، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. يازمىمىزدا تونۇشتۇرماقچى بولغان بارچۇق ئوغلى ئىلى تۇرسۇن ئەلتۇغ ئەنە شۇ تەلەپ بويىچە ئۈزۈكسىز تىرىشىپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ خەتتاتلىقتا بەلگىلىك سەۋىيە يارىتىۋاتقان ياش خەتتاتلىرىمىزنىڭ بىرى.



ئېلى تۇرسۇن ئەلتۇغ 1977-يىلى 4-ئايدا قەدىمىي يۇرتلارنىڭ بىرى قەشقەر مارالبېشى ناھىيەسى چىغانچۈل يېزىسىدا تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرىنى ئۆز يۇرتىدا تاماملىغان. 1994-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ بىڭتۈەن مىللىي پىداگوگىكا مەكتىپنىڭ گۈزەل-سەنئەت كەسپىگە ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىپ، 1997-يىلى ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ شۇ يىلى مارالبېشى ناھىيە ئاقساقمارال يېزىلىق 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ گۈزەل-سەنئەت ئوقۇتقۇچلىقىغا تەقسىم قىلىنغان. 2001-يىلى 2-ئايدا مارالبېشى ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىغا يۆتكىلىپ، ئىدارىنىڭ كاتىپ ئىشخانسىدا مۇئاۋىن كاتىپ ۋە باش كاتىپ بولۇپ ئىشلىگەن. 2003-يىلى 4-ئايدا ئۆز كەسپىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، مارالبېشى ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكىلىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇ بۇ مەكتەپنىڭ گۈزەل-سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.



ئېلى تۇرسۇن ئەلتۇغ 1995-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتىنى ئۆگىنىشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن، پىشقەدەم خەتتات ۋە ئۇستازلارنىڭ ئېسل خەتتاتلىق ئۈلگىلىرىدىن ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ كەسپىي سەۋىيىسنى تىرىشىپ ئۆستۈرگەن. ئۇنىڭ 150 پارچىدىن ئارتۇق ھەرخىل نۇسخىدىكى ھۆسنخەت ئەسەرلىرى ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان.



10 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەر دەرىجىلىك كۆرگەزمىلەرگە تاللىنىپ قاتناشتۇرۇلغان ۋە مۇكاپاتلانغان. ئىككى قېتىم مەكتەپ دەرىجىلىك ھۆسنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئېچىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئوقۇتۇش خىزمىتى جەريانىدا دەرس ئۆتۈش بىلەن 2-دەرسخانا پائالىيتىنى زىچ بىرلەشتۇرۇش ئارقىلىق كۆپلىگەن ھۆسنخەت ھەۋەسكارلىرىنى تەربىيەلەپ يېتشتۈرگەن.



ئۇ «تۆمۈر داۋامەتنىڭ ئىنقىلابى شېئىرلىرى» نى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، مەدەنىيەت مىنستىرلىقى، جۇڭگو مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزى، دۇنيا جۇڭگو مۇھاجىرلىرى بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2012-يىلىدىن باشلاپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، دۇبەي، ئامېرىكىنىڭ نىيويورۇكتا تۇرۇشلۇق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش ئىشىتابى، ياپونىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئاۋستىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىچىلغان خەتتاتلىق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسگە 4 پارچە ئەسىرى قاتناشتۇرۇلغان.


2012-يىلى 8-ئايدا جۇڭگو-تۈركىيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يىلىدا ئۇنىڭ بىر پارچە ئۇيغۇر خەتتاتلىق ئەسىرى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان. 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى نورۇز بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن « ئېلى تۇرسۇن ئەلتۇغ ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» ئاچقان. 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى مارالبېشى ئالتۇن توغراق ساياھەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن «ئېلى تۇرسۇن ئەلتۇغ ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» ئاچقان.


2014-يىلى شاڭخەي شەھىرى جىڭئەن ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەش مەركىزى بىلەن بىرلىكتە بىر ئەسەردە ئوخشاش بىر مەزمۇننى ئىككى خىل يېزىق ئارقىلىق پۈتۈپ چىققان، جەمئىي ئەسەر 100 پارچە بولۇپ رەسىملىك كىتابنى باستۇرۇپ شاڭخەي بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تۈنجى قەدىمنى ئالغان. 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى مارالبېشى ناھىيە يېڭئۆستەڭ يېزىسىدا «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» ئاچقان.


ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پېشقەدەم كادىرلار خەتتاتلىق-رەسساملىق جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى. ئەلپىدا ئۇچۇر تېخنىكىسى (ئەلپىدا ئۇچۇر تورى) نامىدىن ئېلى تۇرسۇن ئەلتۇغنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەت ھاياتىغا زور ئۇتۇق تىلەيمىز.



تۆۋەندە «ئەنئەنە ۋە خەتتات» پائالىيىتىنىڭ 11–سان مۇكاپات ساھىبى، تىرىشچان خەتتات ئېلى تۇرسۇن ئەلتۇغنىڭ بىر قىسىم ھۆسنخەتلىرى بېرىلدى


—————

قوشۇمچە: «ئەنئەنە ۋە خەتتات» ئۈندىدار توپى تەشكىللىگۈچىسى، ئەلپىدا تورى «خەتتاتلار سەھىپىسى» مەسئۇلى، ئەلپىدا ئۇچۇر تورى ھەمكار قۇرغۇچىسى ئەسقەر ئىدرىس ئەلپىدانىڭ تۆۋەندىكى ئۈندىدار ئىككىلىك كودنى تونۇتۇش ياكى سىكانېرلاش ئارقىلىق «ئەنئەنە ۋە خەتتات» توپىغا قوشۇلۇڭ.( توپقا قوشۇلۇشتىن ئىلگىرى توپ مەسئۇلى ئەسقەر ئىدرىس ئەلپىداغا ئۆزىڭىزنىڭ توپقا قوشۇلۇش مەقسىتىڭىز، ئىسىم – فامىلىڭىز، كەسپىڭىز، يۇرتىڭىز قاتارلىقلارنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ)



ئالاقىلەشكەندە، قارشى تەرەپكە مەزكۇر ئۇچۇرنى «ئەلپىدا ئۇچۇر تورى»دا كۆرگەنلىكىڭىزنى ئېيتىڭ.
ئالاقىلەشكۈچى:ئەلپىدا ئۇچۇر تورى
ئېخەت/توربەت:www.uchur.com
ئالدىنقىسى: خەتتاتلىرىمىز: جۈمەقارى ياسىن شىرمەتى
كېيىنكىسـى: «ئەنئەنە ۋە خەتتات» 11–سان نەتىجىسى