ئەلپىدا ئۇچۇر تورى > > > 13134– نومۇرلۇق ئۇچۇر

ياپونىيە «يۇگۇلىنا» ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى


رايون: يوللانغان ۋاقتى: 2016-11-10 7:21:01

ئېلان: ياپونىيە «يۇگۇلىنا» ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى | ئەلپىدا ئۇچۇر تورىدىن ھەمبەھرىلەندى

—————

شىنجاڭ «ئەھمەد» خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ساھىبخانلىقىدىكى ياپونىيە «يۇگۇلىنا» ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 2016–يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى (شەنبە) ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىنغا ۋەتەن ئىچى–سىرتىدىن 200 نەپەر مېھمان تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.



يىغىنغا ياپونىيەدىن كەلگەن ئەزىز مېھمان ياپونىيە يۇگۇلىنا شىركىتىنىڭ باش ۋەكىلى ئوكادا خانىم، شىنجاڭ سەھىيە نەشرىياتىنىڭ باشلىقى يالقۇن ئابدۇسالام، ياپونىيە يۇگۇلىنا ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى پالۋان ئابدۇلرەشىدخان، شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورى سۇلايمان ئىسلام، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1-دوختۇرخانىسىنىڭ ياش دوكتورلىرىدىن ئىلھام، ئابدۇسەمى، ئابدۇنەبى، ئېلى ئەپەندىلەر، شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو-پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى تۇرغۇن جۈمە باشچىلىقىدىكى كارخانىچىلار ۋە ساغلاملىققا كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەر ساھەدىكى دوستلار بولۇپ 200 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. يىغىنغا شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى ئابدۇرېشىت غوپۇر رىياسەتچىلىك قىلدى.



رىياسەتچى باشلاش سۆزىدە، 2005-يىلى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ داۋالاش كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، 2006-يىلىدىن تاكى 2013-يىلىغىچە ياپونىيەدە ئاۋۋال 2 يىلچە تىل ئۆگىنىش ۋە ئارقىدىن توكيو تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇشنى تاماملاپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تەتقىقات تىپىدىكى شىركەت ياپونىيە لىۋەنىست شىركىتىدە تەتقىقاتچى ۋە مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تۈر مەسلىھەتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.



2014-يىلى 11-ئايدا ئۆز ۋەتەن-خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىستىكىدە ۋەتەنگە قايتىپ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1-دوختۇرخانىسىغا ئىشقا چۈشكەن، ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي شىنجاڭ ئەھمەد خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىپ، ياپونىيە يۇگۇلىنا ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى دىيارىمىزغا ئېلىپ كىرگەن پەخىرلىك ئوغلان، دوكتور ئەخمەتجان نىيازنى يىغىن ئەھلىگە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.



ئارقىدىن، ياپونىيە يۇگۇلىنا شىركىتىنىڭ باش ۋەكىلى ئوكادا خانىم سۆزگە چىقىپ، يىغىن ئەھلىگە يۇگۇلىنا شىركىتى، يۇگۇلىنا ۋە يۇگۇلىنانىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئىستقبالى ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى. ئۇ سۆزىدە: «ياپونىيە يۇگۇلىنا شىركىتى 2005-يىلى 4 مىليارد 900 مىليون ياپونىيە يىنى مەبلەغ سېلىپ قۇرۇلغان، بىئولوگىيىلىك دورا ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەت بولۇپ، باش شىتابى توكيودىكى ئەڭ ئاۋات مىناتو رايونىغا جايلاشقان. تەتقىقات ۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى دۇنيادىكى ئەڭ بۇلغانمىغان رايون دەپ ئاتالغان ئوكىناۋا ناھىيىسى ئىشىگاكى ئارىلىغا جايلاشقان. شىركەت قارمىقىدا، يۇگۇلىنا تەتقىقات ئىشلەپچىقىرىش ئورنى، يۇگۇلىنا يېمەكلىك، گىرىم بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش سېتىش مەركىزى، يۇگۇلىنا بىئولوگىيىلىك يېقىلغۇ، مۇھىت ئاسراش تەتقىقات ئورنى، سودا-ھەمكارلىق مەركىزى قاتارلىق فۇنكسىيىلىك تارماقلىرى بولۇپ 200دىن ئارتۇق خىزمەتچىسى بار. شىركەتنىڭ يەنە بېنگالدا تۇرۇشلۇق نامراتلارنى يۆلەش-ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى تۈگىتىش تەتقىقات مەركىزى بار بولۇپ، يۇگۇلىنا دۇنيادىكى ئاچارچىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىۋاتقان بىر شىركەتتۇر.



ياپونىيە يۇگۇلىنا شىركىتى 2015-يىلى شاڭخەيدە ئۆزىنىڭ تارماق شىركىتى «شاڭخەي يۇگۇلىنا بىئو پەن-تېخنىكا شىركىتى» نى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، بۇ يەردە ياپونىيەدىن كەلگەن باشقۇرغۇچىلار ۋە تېخنىكلار ياپونىيەدىن كىرگۈزۈلگەن خام ئەشيا ۋە ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ يۇگۇلىنا يۈرۈشلۈك ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.» - دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



ئاندىن يىغىن ساھىبخانى دوكتور ئەخمەتجان نىياز سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى ئېيتتى: «جەمىئىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى، ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، داۋالاش ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، سەھىيە مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى مىسلىسىز ئىلغارلاشتى. ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ۋە سۈپىتى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتىرىلىپ ساغلاملىققا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغان ھالەت شەكىللەندى. بولۇپمۇ ياپونىيە قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە ساغلاملىققا ئەھمىيەت بېرىش ئەندىزىسى كېسەل بولغاندىن كېيىن تەدبىر قوللىنىشتىن، كېسەل بولۇشتىن بۇرۇن تەدبىر قوللىنىش شەكلىگە ئۆزگەردى. سوزۇلما خاراكتېرلىك، ئېرسىيەت خاراكتېرلىك، يامان سۈپەتلىك كېسەللەرگە قارىتا نوقۇل دورا ئارقىلىق كونترول قىلىپ داۋالاشتىن، «دورا + ساغلاملىق يېمەكلىكى» ئارقىلىق كونترول قىلىپ داۋالاشقا ئۆزگەردى.



دۇنيا بويىچە كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈرى ئەڭ ئۇزۇن دۆلەت ياپونىيەدە، ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنىڭ 85 ياش، ئاياللارنىڭ 87 ياش بولۇپ، بۇ، ياپونىيەنىڭ ئىلغار داۋالاش ئەسلىھەلىرى، ئەتراپلىق سەھىيە مۇلازىمىتى ۋە بۇلغىنىش ئاز بولغان ياشاش شارائىتىنىڭ نەتىجىسى بولسىمۇ، لېكىن ياپونلارنىڭ ساغلاملىققا پايدىلىق يېمەك-ئىچمەك، تۇرمۇش، كۈتۈنۈش ئادەتلىرىدىن ئايرىپ قاراشقا قەتئىي بولمايدۇ. ياپونىيە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئەڭ كۆپ تەتقىق قىلىپ ياسايدىغان ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىش ئەڭ ئومۇملاشقان دۆلەت بولۇپ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى، تۈرىنىڭ خىلمۇ-خىللىقى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر.



دوكتور ئەخمەتجان سۆز ئارىلىقىدا، ئۆزىنىڭ دوختۇرخانىدا بىمارلارنى داۋالاش بىلەن بىرگە تېخىمۇ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، شىنجاڭ ئەھمەد خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، دىيارىمىز كىشىلىرىنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، قان قەنتى، قان مېيى، قان بېسىمى يۇقىرىلىقتىن ئىبارەت «ئۈچتە يۇقىرى» كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا باب كېلىدىغان «يۇگۇلىنا ئۈچ داۋا تابلىتى»، نېرۋىنى قۇۋۋەتلەپ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدىغان، بەدەندىكى زەھەرنى ھەيدەپ، قەۋزىيەتنى ياخشىلايدىغان «يۇگۇلىنا گابا تابلىتى»، ساغلام ئورۇقلاشقا ياردەم بېرىدىغان «يۇگۇلىنا يېشىل قەھۋە دەملىمىسى» ۋە «يۇگۇلىنا ئەۋرىشىم ئىچىملىكى»، ئىشتىھاسى ئاجىز، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن، تاماق تاللايدىغان بالىلار ۋە خىزمىتى ئالدىراش، سەپەرگە كۆپ چىقىدىغان كىشىلەر، ئوپېراتسىيىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق بىمارلار ئۈچۈن «يۇگۇلىنا ئوزۇقلۇق پىرەنىكى»، «يۇگۇلىنا روشەن تابلىتى»، «يۇگۇلىنا رېماتىزم تابلىتى» قاتارلىق ياپونىيەنىڭ ئەڭ داڭلىق ساغلاملىق مەھسۇلاتى بولغان يۇگۇلىنا ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى دىيارىمىز بازىرىغا ئېلىپ كىرگەنلىكىنى بايان قىلدى.



يۇگۇلىنا ئۈندىدار دۇكىنى



يىغىن داۋامىدا، شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى سۇلايمان ئىسلام سۆز قىلىپ:-دۆلىتىمىز ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۆمرى ئادەتتە بىر-ئىككى يىلدىن ئاشمايدۇ، لېكىن تەرەققىي قىلغان ئەللەرنىڭ 50-60 يىلدىن بېرى ئۆلمەي ئۆز بازىرىنى تېپىۋاتقان، كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ، ئۇزۇندىن بېرى ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىمۇ ئاز ئەمەس. پەن-تېخنىكىسى تەرەققىي قىلغان، تىببىي-مېدىتسىنا ساھەسىدە ئىزچىل دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتقان ياپونىيەنىڭ يۇگۇلىنا مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقىمىزنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ، ئۇزۇن مۇددەت ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، - دېدى



ئارقىدىن، يىغىن ئەھلىنىڭ گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە پەخىرلىك ئەزىمەت، پالۋان ئابدۇلرەشىدخان مۇنبەرگە چىقىپ، ساغلام تەن ۋە ساغلام روھنىڭ ئىنسان ئۈچۈن مۇھىملىقى، ساغلاملىقنىڭ ھەق ئاتا قىلغان كاتتا نېئمەت ۋە ئامانەت ئىكەنلىكى، ھەربىرەيلەننىڭ ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقى، ئۆزىنىڭ ياپونىيە يۇگۇلىنا ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ پاكلىقىغا ئىشەنگەنلىكى ھەمدە ئىشلىتىپ ئۈنۈمىنى ھېس قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ مەھسۇلاتقا ئوبراز ۋەكىلى بولغانلىقى، بۇ ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ سۈپەتلىك ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى توغرا تاللاپ ئىشلىتىپ، ساغلام ياشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



كەينىدىن، شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىچكى ئاجراتما بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، مۇدىر ۋىراچ ئىلھام دوختۇر مۇنداق دېدى: -ياپونىيە يۇگۇلىنا ساغلاملىق مەھسۇلاتىنىڭ رايونىمىزغا كىرىشى بىز ئۈچۈن خۇشاللىق بىر ئىش، بۇ مەھسۇلات كىرگەندىن بېرى ئۆزىمىز، بىمارلىرىمىز ئىشلىتىپ كۆردى، ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى بولىۋاتىدۇ، خەلقىمىز بەدىنىنى كېسەل چىرماپ ئېغىرلىشىپ كەتكەندە دوختۇرخانىغا كېلىشنى ئويلىماي، دوختۇرخانىغا كېلىشتىن بۇرۇن، يېمەك-ئىچمەك، كۈندىلىك تۇرمۇش ئادەتلىرىگە دىققەت قىلىپ، "سۇ كەلگۈچە توغان سال" دېگەندەك، بەدەننى كېسەل چىرماشتىن بۇرۇن ئۆزىنى ياخشى كۈتۈشنى ئۆگىنىۋېلىشى لازىم.



شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1-تارماق دوختۇرخانىسى سۆڭەك-بوغۇم كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى، دوكتور ئابدۇسەمى ئەمەت: ئەخمەتجان مېنىڭ باشلانغۇچتىن تارتىپ تاكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگۈچە بىرگە ئوقۇغان ساۋاقدىشىم ھەم ھازىرقى خىزمەتدىشىم، ئۇنىڭ سەمىمىيلىكى ۋە كەسىپچانلىقىغا، خەلقىمىز ئۈچۈن بىجاندىل ئىشلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، -دېدى.



ئاندىن، ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ دىرېكتورى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى، ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق كەسپىي ساغلاملىق تور بېكىتى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەلقەم ئىلھام يۈكسەل سۆز قىلىپ، دىيارىمىز ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا ساقلىنىۋاتقان بەزى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى زىيادە كۆپتۈرۈپ، قۇيرۇق كۆرسىتىپ ئۆپكە سېتىشتەك، ھەتتا ئۇنى دورا ۋە داۋالاشنىڭمۇ ئورنىغا دەسسىتىشكە ئۇرۇنۇشقا ئوخشاش بىر قىسىم مەسىلىلەرنى كەسكىن تەنقىد قىلدى. ھەر ئىشنى شۇ ئىشنىڭ ئەھلى بولغان كىشىلەرنىڭ قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى، بولۇپمۇ دوكتور ئەخمەتجانغا ئوخشاش يۇقىرى قاتلام تېببىي ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ ئۆز رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دىيارىمىز ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە خەلقىمىز ئۈچۈن بىخەتەر، ئىشەنچلىك، سۈپەتلىك بولغان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىستېمال مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنىڭ تەخىرسىزلىكى ھەققىدە توختالدى.



يىغىن ئاخىرىدا، شىنجاڭ ئۆز تۇغ مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ دېرىكتورى، شىنجاڭ ئەھمەد خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ سېتىشقا مەسئۇل مۇئاۋىن دېرىكتورى ئابلىكىم تۇردى خۇلاسە سۆزى قىلدى ھەمدە دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى سودا ساھەسىدىكى كەسىپداشلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ياپونىيە يۇگۇلىنا ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى كەڭ خەلقىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي، ئېنىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشنى ئىستىگۈچىلەرنىڭ قىزىق لىنىيە تېلېفونى 4000991455 ياكى 18199889434 غا تېلېفون ئۇرۇپ ئالاقىلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



ياپونىيە يۇگۇلىنا مەھسۇلاتلىرى سېتىش مەسلىھەتچىسىنىڭ ئۈندىدارى



ياپونىيە يۇگۇلىنا مەھسۇلاتلىرى ئۈندىدار دۇكىنى



ئۆزتۇغ سالونى



ياپونىيە يۇگۇلىنا مەھسۇلاتلىرى سالونى



تۆۋەندىكى سۈرەتتىكى ئىككىلىك كودنى تونۇتۇپ (سىكانېرلاپ) ياپونىيە «يۇگۇلىنا» ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ھەققىدىكى ۋىدىيونى كۆرۈڭ



ئالاقىلەشكەندە، قارشى تەرەپكە مەزكۇر ئۇچۇرنى «ئەلپىدا ئۇچۇر تورى»دا كۆرگەنلىكىڭىزنى ئېيتىڭ.
ئالاقىلەشكۈچى:ئەلپىدا ئۇچۇر تورى
ئېخەت/توربەت:www.uchur.com
ئالدىنقىسى: گېزىت-ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولايلى
كېيىنكىسـى: ئىستۇدېنتلىرىمىز: چىلاندىن باشلانغان يول