ئەلپىدا ئۇچۇر تورى > > > 13135– نومۇرلۇق ئۇچۇر

ئامېرىكا يېڭى زۇڭتۇڭى دونالد تىرامپ


رايون: يوللانغان ۋاقتى: 2016-11-10 15:06:24

ئەسلىي تېما: ﺩﻭﻧﺎﻟﺪ ﺗﯩﺮﺍﻣﭙﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﮭﺎﻟﻰ | نۇر تورىغا يوللىغۇچى: ﺟﺎﮪﺎﻧﻜﻪﺯﺩﻯ | ئەلپىدا ئۇچۇر تورىدىن ھەمبەھرىلەندى

——————

ئىلاۋە: مەزكۇر يازمىدا تورداشلارغا قولاي بولۇشىنى كۆزلەپ، نۇر تورىدا ئېلان قىلىنغان «دونالد تىرامپنىڭ تەرجىمىھالى» (يوللىغۇچى جاھانكەزدى) ۋە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمە قىلغان «يېڭى زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ غەلىبە نۇتۇقى» دىن ئىبارەت ئىككى پارچە باغلىنىشلىق يازما بىر تېمىدا ھەمبەھرىلەندى

—————

ﺩﻭﻧﺎﻟﺪ ﺗﯩﺮﺍﻣﭗ 1946-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻧﯩﻴﯘﻳﻮﺭﻛﺘﺎ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ، ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻴﻮﻥ، ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭ، ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ، ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﻰ. ئۇ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﯚﻱ-ﻣﯜﻟﯜﻙ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، «ﻳﻪﺭ-ﻣﯜﻟﯜﻙ ﺷﺎﮪﻰ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯚﻱ-ﻣﯜﻟﯜﻙ ﯞﻩ ﭘﺎﻱ ﭼﯧﻜﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ، ﻧﯩﻴﯘﻳﻮﺭﻙ، ﻳﯧﯖﻰ ﺟﯧﺮﺳﯩﻲ، ﻓﯩﻠﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﯩﺸﺘﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻳﻪﺭ ﺑﯚﻟﻪﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﻱ-ﻣﯜﻟﯜﻛﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮪﻪﻣﺪﻩ «ﺗﯩﺮﺍﻣﭗ ﺋﺎﯞﯨﻴﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ» ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ. ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﺟﯧﺮﺳﯩﻲ «ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ» ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﭘﯘﺗﺒﻮﻝ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻏﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻰ. ﺋﯘ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﺴﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻣﻪﭘﺘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﻪﮪﻪﺭ-ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﺩﺍ ﮪﻪﺷﻪﻣﻪﺕ ﺳﺎﺭﺍﻱ ﯞﻩ ﺩﺍﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ، 100 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﻭﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﺎﻳﺎﮪﻪﺕ ﻛﯧﻤﯩﺴﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ، ﻳﻪﻧﻪ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻲ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻧﻰ ﺑﺎﺭ.



ﺩﻭﻧﺎﻟﺪ ﺗﯩﺮﺍﻣﭗ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻗﯘﻣﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، 13 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﯞﻻﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ «ﻧﯩﻴﯘﻳﻮﺭﻙ ﮪﻪﺭﺑﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ» ﮔﻪ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﮪﻪﺭﺑﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ، ﺗﯩﺮﺍﻣﭙﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺋﻪﻻ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ. 1964-ﻳﯩﻠﻰ ﮪﻪﺭﺑﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﻩ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺭﻩﮪﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﺎﻻﭘﯩﺘﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ. ﮪﻪﺭﺑﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺗﯩﺮﺍﻣﭗ ﭘﯧﻨﺴﯩﻠﯟﺍﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﯞﺍﺭﺗﻮﺭ ﺳﻮﺩﺍ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ. ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ، ﺗﯩﺮﺍﻣﭗ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﺎﮪﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭖ، ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ. ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺗﯩﺮﺍﻣﭗ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻱ-ﻣﯜﻟﯜﻙ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﭘﯘﻟﺪﺍﺭ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﭖ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﻱ-ﻣﯜﻟﯜﻙ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ.



ﺩﻭﻧﺎﻟﺪ ﺗﯩﺮﺍﻣﭗ ﺋﯜﭺ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻧﯩﻜﺎﮪﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺋﯩﯟﺍﻧﺎﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻮﻏﯘﻝ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﻣﺎﺭﻻ ﻣﻪﭘﻠﯧﺴﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ، ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﻣﯧﻼﻧﯩﻴﺎ ﺗﯩﺮﺍﻣﭙﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ ﺑﻪﺵ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻰ ﺑﺎﺭ. 2015-ﻳﯩﻠﻰ 12-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 7-ﻛﯜﻧﻰ، ﺗﯩﺮﺍﻣﭗ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ «ﺩﻩﯞﺭ» ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 2015-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭ ﻧﺎﻣﺰﺍﺗﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ. 2016-ﻳﯩﻠﻰ 2-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 3-ﻛﯜﻧﻰ، ﻧﻮﺑﯧﻞ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﻧﺎﻣﺰﺍﺗﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. 2016-ﻳﯩﻠﻰ 3-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 2-ﻛﯜﻧﻰ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺳﺎﻳﻠﯩﻤﯩﺪﺍ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 7 ﺋﯩﺸﺘﺎﺗﺘﺎ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻛﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ. 3-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8-ﻛﯜﻧﻰ، ﻣﯩﭽﮕﺎﻥ ﺋﯩﺸﺘﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﻣﯩﺴﺴﯩﺴﺴﯩﭙﻰ ﺋﯩﺸﺘﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺳﺎﻳﻠﯩﻤﯩﺪﺍ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. 4-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 20-ﻛﯜﻧﻰ، ﻧﯩﻴﯘﻳﻮﺭﻛﺘﺎ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺯﯗﯕﺘﯘﯓ ﺳﺎﻳﻠﯩﻤﯩﺪﺍ %65 ﻟﯩﻚ ﺑﯧﻠﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. 5-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 4-ﻛﯜﻧﻰ، ﺗﯩﺮﺍﻣﭙﻨﯩﯔ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﺗﯧﺪ ﻛﯩﺮﯗﺯ ﺳﺎﻳﻼﻣﺪﯨﻦ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﭗ، ﺗﯩﺮﺍﻣﭙﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﺰﺍﺗﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. 5-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 26-ﻛﯜﻧﻰ، ﺗﯩﺮﺍﻣﭙﻨﯩﯔ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﺳﻰ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﻟﻼﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ 1238 ﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ، ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺯﯗﯕﺘﯘﯓ ﻧﺎﻣﺰﺍﺗﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. 7-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 25-ﻛﯜﻧﻰ، CNN ﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﯖﻰ ﺭﺍﻱ ﺳﯩﻨﺎﺵ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺗﯩﺮﺍﻣﭗ %44 ﻟﯩﻚ ﻗﻮﻟﻼﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺯﯗﯕﺘﯘﯓ ﻧﺎﻣﺰﺍﺗﻰ %39 ﻟﯩﻚ ﻗﻮﻟﻼﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﮪﯩﻼﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ.


2016-ﻳﯩﻠﻰ 11-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 9-ﻛﯜﻧﻰ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺯﯗﯕﺘﯘﯓ ﻧﺎﻣﺰﺍﺗﻰ ﺩﻭﻧﺎﻟﺪ ﺗﯩﺮﺍﻣﭗ 270 ﺗﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺑﯧﻠﻪﺕ ﺳﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ، ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺯﯗﯕﺘﯘﯓ ﻧﺎﻣﺰﺍﺗﻰ ﮪﯩﻼﺭﯨﻨﻰ ﻳﯧﯖﯩﭗ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ 45-ﺯﯗﯕﺘﯘﯕﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ.



ﺗﯩﺮﺍﻣﭙﻨﯩﯔ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻲ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﻜﻰ:

1. ﺗﯩﺮﺍﻣﭗ ﺳﺎﺭﯨﻴﻰ: ﻧﯩﻴﯘﻳﻮﺭﻛﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭘﯘﻟﻐﺎ ﻳﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺴﺎﺭﺍﻱ / 2. ﭘﺎﻟﻤﺎ ﺑﯘﻻﻕ ﻗﻮﺭﯗﻗﻰ: 2004-ﻳﯩﻠﻰ 40 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺩﻭﻟﻼﺭﻏﺎ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ / 3. Mar-A-Lago ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ: ﻓﯩﻠﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﯩﺸﺘﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﻛﯘﻟﯘﺏ 200 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﻭﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﺎﺭﺍﻳﺪﯗ / 4. ﺗﯩﺮﺍﻣﭗ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺋﯩﺴﺘﯩﺮﺍﮪﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ: ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜﺯ ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺩﻭﻟﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺍﻳﺪﯗ.



ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﯩﺮﺍﻣﭗ ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺴﺎﺭﺍﻳﻼﺭ:

1. Trump Taj Mahal ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺴﺎﺭﯨﻴﻰ

2. ﺗﯩﺮﺍﻣﭗ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺴﺎﺭﯨﻴﻰ

3. ﺗﯩﺮﺍﻣﭗ ﭘﻮﺭﺗﻰ

4. Trump Grande

5. ﺗﯩﺮﺍﻣﭗ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﻰ

6. Trump Parc

7. Trump Park Avenue

8. Trump Tower

9. Trump World Tower

10. Trump Tower at City Center

11. Trump Plaza of the Palm Beaches

12. Trump Plaza

13. Grand Hyatt



ئەسلىي تېما: ئﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺯﯗﯕﺘﯘﯕﻰ ﺗﯩﺮﺍﻣﭙﻨﯩﯔ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻧﯘﺗﯘﻗﻰ | ﺗﻮﺧﻨﯩﻴﺎﺯ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﻧﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ | تور مەنبە: نۇر تورى | ئەلپىدا ئۇچۇر تورىدىن ھەمبەھرىلەندى

—————

ﺷﯘ ﻳﻪﺭ ﯞﺍﻗﺘﻰ 2016-ﻳﯩﻠﻰ 9-ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺯﯗﯕﺘﯘﯓ ﻧﺎﻣﺰﺍﺗﻰ ﺩﻭﻧﺎﻟﺪ ﺗﯩﺮﺍﻣﭗ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﮪﯩﻼﺭﻯ ﻛﻠﯩﻨﺘﻮﻧﻨﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺯﯗﯕﺘﯘﯕﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺋﯘ ﺳﺎﻳﻼﻣﺪﺍ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻧﻴﯘﻳﻮﺭﻙ «ﮪﯩﻠﺘﻮﻥ» ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺴﺎﺭﯨﻴﯩﺪﺍ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ، ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﻪﮪﺮﻟﻪﻧﺪﻯ. ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺴﻰ ﺗﯩﺮﺍﻣﭙﻨﯩﯔ ﻧﯘﺗﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻰ:



ﺭﻩﮪﻤﻪﺕ، ﻛﯚﭖ ﺭﻩﮪﻤﻪﺕ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ. ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺳﺎﻗﻠﯩﺘﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﺪﯨﻦ ﺧﯩﺠﯩﻠﻤﻪﻥ. ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﯩﺪﻩﻙ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺟﻪﯕﺪﻩ، ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺑﻪﻙ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﯨﮕﻪﻧﯩﺪﯨﻢ. ﻛﯚﭖ ﺭﻩﮪﻤﻪﺕ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ. ﺑﺎﻳﺎ ﮪﯩﻼﺭﻯ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﮪﯩﻼﺭﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﮕﻪ ﺭﻩﮪﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﻪﻥ، ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪﺱ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ. ﮪﯩﻼﺭﻯ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺗﯚﮪﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﺘﻰ، ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺭﻩﮪﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻘﺎ ﻗﻪﺭﺯﺩﺍﺭﻣﯩﺰ.

ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﺋﺎﺩﻩﻡ. ﮪﺎﺯﯨﺮ ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﺎﺭﺍﺯﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ، ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﺳﻰ، ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﺳﻰ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﺳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮪﺎﺯﯨﺮ ﺩﻩﻝ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﻪﻳﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯗﺭ.

ﭘﻪﻳﺘﻰ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﮪﻪﺭﺑﯩﺮ ﭘﯘﻗﺮﺍﻏﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﯞﻩﺩﻩ ﺑﯧﺮﯨﻤﻪﻧﻜﻰ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺯﯗﯕﺘﯘﯕﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﯘﻡ ﻣﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻣﯘﮪﯩﻢ. ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻣﯧﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯗﺭ، ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﯖﻼﺭﻏﺎ، ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﻣﻮﮪﺘﺎﺟﻤﻪﻥ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ، ﺑﯘ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﺸﺎﻻﻳﻤﯩﺰ.


ﻣﻪﻥ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﺳﺎﻳﻼﻡ ﺭﯨﻘﺎﺑﯩﺘﯩﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺳﯚﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﯩﻢ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭘﺎﺭﻻﻕ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺗﺘﯘﺭ. ﺑﯘ ﻧﯧﻤﯩﺪﯦﮕﻪﻥ ﺋﯘﻟﯘﻏﯟﺍﺭ، ﻧﯧﻤﯩﺪﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﺋﯩﺶ-ﮪﻪ! ﺑﯘ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯩﺮﻕ، ﺩﯨﻦ، ﺳﺎﻻﮪﯩﻴﻪﺕ، ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻗﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭ ﮪﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﯘﺭﯗﺵ، ﺋﺎﺭﯗﺯﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﻧﺎﺗﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﯩﻤﯩﺰ، ﺑﯩﺰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻗﻮﻝ ﺗﯘﺗﯘﺷﯘﭖ ﺑﯘﺭﭼﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻣﻪﻥ ﺳﻮﺩﺍ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﻪﺳﻰ ﻗﯘﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺗﯜﺭﻟﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺳﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ.


ﮪﺎﺯﯨﺮ ﻣﻪﻥ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯚﮪﭙﻪ ﻗﻮﺷﺎﻱ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ. ﻣﻪﻥ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﻤﻪﻥ، ﺋﯘ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ، ﮪﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻗﯧﺰﯨﺶ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.


ﺑﯩﺰ ﺷﻪﮪﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﯕﺸﺎﭖ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺷﻴﻮﻝ، ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ، ﺗﻮﻧﯧﻞ، ﺋﺎﻳﺮﻭﺩﺭﻭﻡ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﯞﻩ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻝ ﺋﻪﺳﻠﯩﮭﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﻤﯩﺰ، ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﮪﻪﺭﺑﯩﻲ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﭼﯧﻜﯩﻨﮕﻪﻥ ﭘﯧﺸﻘﻪﺩﻩﻡ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﻏﻪﻣﺨﻮﺭﻟﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﺩﺍﻗﻪﺗﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻜﻰ 18 ﺋﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻳﻼﻡ ﺭﯨﻘﺎﺑﯩﺘﻰ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﺪﻩ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻢ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯗﺭ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻤﯘ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﯜﺭﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯩﻼﻧﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ. ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘﭖ ﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺠﺎﺩﻛﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺱ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ، ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﮪﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﮕﻪ ﻧﻪﭖ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﺑﯩﺰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯘﺗﯘﻕ ﻗﺎﺯﯨﻨﺎﻻﻳﻤﯩﺰ.


ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﭘﯩﻼﻧﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ. ﺑﯩﺰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮪﻪﺳﺴﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﭖ، ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﮔﻪﯞﺩﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﻤﯩﺰ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ، ﺑﯩﺰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﻨﭻ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯚﺗﯜﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯘﺗﯘﻕ ﻗﺎﺯﯨﻨﺎﻻﻳﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺰ ﺋﻪﯞﺯﻩﻝ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ، ﺑﯩﺰ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﮪﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻳﻮﻕ، ﻳﻪﯕﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﻮﻕ، ﺑﯩﺰ ﻳﯧﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﻳﻮﻕ.


ﺑﯩﺰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯩﺰ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﻰ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯘﻟﯘﻏﯟﺍﺭ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻣﻪﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﯩﻤﻪﻧﻜﻰ، ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﻨﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﻤﯩﺰ، ﺑﯩﺰ ﮪﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ. ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭ، ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﭖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺷﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، ﮪﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰ.


ﮪﺎﺯﯨﺮ، ﻣﻪﻥ ﻣﺎﯕﺎ ﮪﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺭﻩﮪﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﻤﺎﻗﭽﯩﻤﻪﻥ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﯩﻼ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﺧﺸﺎﻡ ﻳﺎﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻧﯧﺴﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﭼﺎ-ﺳﯩﯖﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﻣﺎﺭﯨﻴﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯧﻠﺰﺍﺑﯧﺘﻘﺎ ﺭﻩﮪﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﻪﻥ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻛﻪﭼﺘﯩﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﻪﻙ ﺧﯩﺠﯩﻠﭽﺎﻥ. ﻳﻪﻧﻪ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻢ ﺭﻭﺑﯧﺮﺗﻤﯘ ﺑﺎﺭ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻨﺎﺱ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ، ﺋﯘ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ؟ ﺭﻭﺑﯧﺮﺕ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ؟ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﻣﯘﺷﯘ ﺳﻪﮪﻨﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ. ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻢ ﻓﻼﻳﺪﯤ، ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭ، ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺟﻪﻣﻪﺕ، ﻣﻪﻥ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ ﯞﻩ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻢ، ﺋﺎﭼﺎ-ﺳﯩﯖﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻜﻤﻪﻥ. ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ﻣﯧﻼﻧﯩﻴﺎ، ﺋﯩﯟﺍﻧﻜﺎ، ﺋﯧﺮﯨﻚ، ﺗﯩﻔﻔﺎﻧﻰ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺭﻭﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﯚﻳﯩﻤﻪﻥ، ﺭﻩﮪﻤﻪﺕ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﯞﺍﻗﺘﯩﯖﻼﺭ ﯞﻩ ﺯﯦﮭﻨﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺑﯧﻐﯩﺸﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﺭﻩﮪﻤﻪﺕ، ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺟﻪﺭﻳﺎﻥ.


ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻳﯩﺮﮔﯩﻨﭽﻠﯩﻚ، ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯜﺷﻜﯜﻝ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ. ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪﻣﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺭﻩﮪﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﻪﻥ. ﮪﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﺭﻩﮪﻤﻪﺕ. ﻻﯞﺭﺍ (ﺗﯩﺮﺍﻣﭙﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﻨﻰ) ﺑﻪﻙ ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ، ﯞﺍﻧﯩﺴﺎ (ﺗﯩﺮﺍﻣﭙﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﻨﻰ) ﺭﻩﮪﻤﻪﺕ ﺳﯩﺰﮔﻪ. ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﺎﻣﺪﯨﻦ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﻗﻮﻟﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﺭﻩﮪﻤﻪﺕ. ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﯩﻤﻪﻧﻜﻰ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭙﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ. ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩﻠﻪﺭﻛﯩﻦ، ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎﺯ، ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﻯ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎﺯ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﯕﻼﺭ، ﻛﯧﻴﻠﻰ، ﻛﺮﯨﺲ، ﺭﯗﺩﻯ، ﺳﯩﺘﯧﯟﯦﯩﻦ، ﺩﺍﯞﯨﺪ، ﺑﯩﺰﺩﻩ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺳﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚﭖ.


ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ، ﻣﻪﻥ ﻧﻴﯘﻳﻮﺭﻙ ﺷﻪﮪﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺟﯘﺩﻯ ﺟﯘﻟﯩﻴﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺭﻩﮪﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﻪﻥ، ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﻧﻐﺎ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺟﯘﺩﻯ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ؟ ﺟﯘﺩﻯ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ؟ ﻛﺮﯨﺲ ﻛﺮﯨﺴﺘﯩﻨﺎ (ﻳﯧﯖﻰ ﺟﯧﺮﺳﯩﻲ ﺋﯩﺸﺘﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ) ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﻛﯩﺸﻰ. ﺭﻩﮪﻤﻪﺕ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻛﺮﯨﺲ. ﺟﯧﻒ ﺳﯩﻜﻨﺲ، ﺳﯩﺰ ﻣﯧﻨﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﻧﻮﭘﯘﺯﻟﯘﻕ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ، ﯞﺍﺷﯩﻨﮕﺘﻮﻧﺪﺍ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﮪﯚﺭﻣﻪﺗﻜﻪ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺯﯦﮭﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ، ﭘﻪﻡ-ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﻰ. ﺟﯧﻒ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ؟ ﺋﯘ ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﻛﯩﺸﻰ.


ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻩﻳﻠﻪﻥ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘ ﺑﯩﻦ ﻛﺎﺳﯩﻦ (ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﺰﺍﺗﻰ)، ﺋﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﮪﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﺎﻳﻼﻡ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﻣﯘ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﺳﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯧﻦ، ﺳﯩﺰ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ؟ ﻣﯧﻚ ﺧﯧﻜﺎﺑﻰ (ﺋﺎﺭﻛﺎﻧﺰﺍﺱ ﺋﯩﺸﺘﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ)ﻣﯘ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ. ﺋﯘ ﺑﻪﻙ ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﻛﯩﺸﻰ. ﻣﯧﻚ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺳﺎﺭﺍ، ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﭖ ﺭﻩﮪﻤﻪﺕ. ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﻣﯧﻚ ﻓﯘﻟﯩﻦ ﯞﻩ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﻛﯧﻴﻠﻰ، 200ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﯞﻩ ﭘﻮﻟﻜﻮﯞﻧﯩﻚ ﺳﺎﻳﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮪﯩﻢ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﻣﯧﺪﺍﻟﻰ ﺷﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ 22 ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ. ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﻪﯓ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﻚ ﺋﻪﻝ ﺭﺍﻳﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ.


ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺗﺎﺭﺍﺗﻘﯘﻻﺭ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﭖ ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﻰ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺰ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯚﺗﯩﻤﯩﺰ. ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﮪﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﭼﻮﻟﭙﺎﻥ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺩﻩﯞﺍﺗﻘﯩﻨﯩﻢ ﺳﯩﺰ، ﻟﯧﻴﺌﯧﻨﺲ (ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﺳﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ). ﻟﯧﻴﺌﯧﻨﺲ ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﭼﻮﻟﭙﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ. ﻟﯧﻴﺌﯧﻨﺲ، ﺑﯘ ﻳﺎﻗﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﯔ. ﺑﯘ ﺳﯩﺰﮔﯩﻤﯘ ﻣﻪﻧﺴﯘﺏ ﯞﺍﻗﯩﺖ، ﺳﯩﺰﻣﯘ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺳﯚﺯﻟﻪﯓ. (ﻟﯧﻴﺌﯧﻨﺲ: ﺧﺎﻧﯩﻤﻼﺭ، ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭ، ﺑﯘ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺯﯗﯕﺘﯘﯕﻰ ﺩﻭﻧﺎﻟﺪ ﺗﯩﺮﺍﻣﭗ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺭﻩﮪﻤﻪﺕ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ! ﻣﻪﻥ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺷﻪﺭﻩﭖ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﯩﻤﻪﻥ.)


ﺋﯘ ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﮪﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ، ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ، ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﺳﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﮪﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﻯ. ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻴﻪﻟﻪﻳﻤﻪﻧﻜﻰ، ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﮪﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯨﻢ. ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺋﻪﮪﯟﺍﻝ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘﻻﺭ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ، ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﮪﻮﺷﻴﺎﺭ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻣﻪﻥ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺷﯘﻧﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻳﺎﻳﻜﻰ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ «ﺋﻪﺧﻤﻪﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ» ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﻪﻥ. ﻣﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯧﯖﯩﭗ، ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻏﺎ ﻗﻮﻝ ﭘﯘﻻﯕﻠﯩﺘﯩﭗ ﺳﺎﻻﻡ ﺑﻪﺭﮔﯩﻨﯩﻤﺪﻩ، ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯗﻗﺘﺎ ﺩﯛﻡ ﻳﺎﺗﻘﯘﺯﯗﯞﺍﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ، ﺷﯘ ﯞﻩﺟﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺋﻪﮪﯟﺍﻝ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﮕﻪ ﺭﻩﮪﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﻪﻥ.


ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻧﻴﯘﻳﻮﺭﻙ ﺷﻪﮪﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺭﻩﮪﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﻪﻥ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ. ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﻪﺭﯨﭙﻠﻪﭖ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯩﺰ ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﻧﻴﯘﻳﻮﺭﻙ ﺷﻪﮪﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﯩﺰ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺯﯗﯕﺘﯘﯓ ﺳﺎﻳﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺋﯩﺶ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺳﻪﮪﯩﭙﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﺎﺯﯨﻤﯩﺰ ﺩﻩﻳﺪﯨﻜﻪﻧﻤﯩﺰ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﮪﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﺍ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.


ﻣﻪﻥ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﯞﻩﺩﻩ ﺑﯧﺮﯨﻤﻪﻧﻜﻰ، ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﻪﻧﺪﯛﺭﻣﻪﻳﻤﻪﻥ. ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﻤﻪﻥ. ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺯﯗﯕﺘﯘﯕﯘﯕﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﺭﻣﻪﻥ، ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯚﺕ ﻳﯩﻞ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﻨﻰ، ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.

ﮪﺎﺯﯨﺮ ﺳﺎﻳﻼﻡ ﺋﺎﻳﺎﻏﻼﺷﺘﻰ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ. ﺑﯩﺰ ﺩﻩﺭﮪﺎﻝ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺪﻩﻙ ﺯﯗﯕﺘﯘﯕﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ، ﺑﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﯨﭙﯩﻢ. ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺑﯘ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺧﺸﺎﻡ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﻪﭼﯜﺭﻣﯩﺸﻠﻪﺭ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ ﺳﯚﻳﯩﻤﻪﻥ، ﺭﻩﮪﻤﻪﺕ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ! ﮪﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﺭﻩﮪﻤﻪﺕ! ﻣﯧﻚ ﭘﯧﯖﺲ (ﺗﯩﺮﺍﻣﭙﻨﯩﯔ ﺳﺎﻳﻼﻡ ﺷﯧﺮﯨﻜﻰ)ﻧﯩﯔ ﻣﯧﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﯚﭖ ﺭﻩﮪﻤﻪﺕ. (توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى، تور مەنبە: نۇر تورى)


ئالاقىلەشكەندە، قارشى تەرەپكە مەزكۇر ئۇچۇرنى «ئەلپىدا ئۇچۇر تورى»دا كۆرگەنلىكىڭىزنى ئېيتىڭ.
ئالاقىلەشكۈچى:ئەلپىدا ئۇچۇر تورى
ئېخەت/توربەت:www.uchur.com
كېيىنكىسـى: شائىر ئابدۇللا ئارىپوف ۋاپات بولدى