ئەلپىدا ئۇچۇر تورى > > > 13145– نومۇرلۇق ئۇچۇر

گېزىت-ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولايلى


رايون: يوللانغان ۋاقتى: 2016-11-12 7:10:58

ئەسلىي تېما: ئۇيغۇرچە گېزىت-ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولايلى | ئابدۇمىجىت يازمىسى | ئەلپىدا ئۇچۇر تورىدىن تارقىتىلدى | ئەلپىدا ئۇچۇر تورى مەنزىلى: www.uchur.com

—————

ئۇيغۇرچە گېزىت-ژۇرناللار مەملىكىتىمىزدە سان جەھەتتە خەنزۇچە گېزىت-ژۇرناللاردىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەردە يوق خېلى كۆپ ژۇرناللارمۇ ئۇيغۇرچە چىقىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا جۇڭگو كۇتۇپخانا ساھىسىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدا چىقىدىغان بىردىنبىر ژۇرنال بولغان «كىتاب مۇنبىرى»ژۇرنىلىنى، IT ساھەسىدە مەملىكەت بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدا چىقىدىغان بىردىنبىر كەسپىي ژۇرنال بولغان «كومپيوتىر ۋە تۇرمۇش» قاتارلىقلارنى مىسال قىلىش مۇمكىن. گەرچە بىر قىسىم گېزىت-ژۇرناللارنىڭ سۈپىتى ۋە مەزمۇنى خەلقئارا سەۋىيەسىدىن خېلىلا تۆۋەن چىقىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ گېزىت-ژۇرناللارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.


ئارىمىزدا ئەدەبىي ژۇرناللارنى ئوقۇيدىغانلار خېلى كۆپ، ھەم ژۇرناللارنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنىمۇ ئەدەبىي ژۇرناللار ئىگەللەيدۇ. ئىلمىي ژۇرناللىرىمىزنىڭ بولسا ھالى بەكلا خاراپ. مەسىلەن: «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى(تەبىئى پەن قىسمى)»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى(تەبىئى پەن قىسمى)» دېگەندەك ئىلمىي ژۇرناللار پەسىللىك، ھەتتا يېرىم يىللىق ژۇرناللار… بۇ ژۇرناللارنىڭ تراژىمۇ نەچچە يۈزدىنلا چىقىۋاتىدۇ. ماقالە كەمچىللىك، ئوقۇرمەن مەنبەسى بولماسلىق بۇ ژۇرناللارنى توختاپ قېلىش خەۋپىگە قەدەممۇ-قەدەم ئىتتىرىۋاتىدۇ…



ئۇيغۇرچە ئاشكارا تارقىتىلىدىغان ژۇرنالدىن جەمئىي 78، ئۇيغۇرچە گېزىتتىن 40 بار. ئۇندىن باشقا ھەر قايسى جايلاردا چىقىۋاتقان ئىچكى ژۇرناللاردىنمۇ 38 ژۇرنال بار (ئىچكى ژۇرناللار تېخى تولۇق تىزىمگە ئېلىنغىنى يوق). ھەر ساھەدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىزىقىشىغا ماس كېلىدىغان ئۇيغۇرچە ژۇرناللارنى ئاساسەن تاپقىلى بولىدۇ. ژۇرناللارنىڭ باھاسىمۇ ئانچە قىممەت ئەمەس. نەچچە پارچە كىتابنىڭ پۇلىغا ئۇيغۇرچە ژۇرناللارغا بىر يىللىق يېزىلالايسىز.


ئۇيغۇرچە گېزىت-ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولۇش ئۈچۈن ئۆزىڭىزگە يېقىن ئەتراپتىكى پوچتىخانىغا بېرىپ گېزىت، ژۇرنال نامى ياكى پوچتا ۋاكالەت نومۇرىنى دەپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ. گېزىت-ژۇرناللارغا يەنە جوڭگو پوچتىسىنىڭ گىزىت-ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولۇش تور بېتىدىن مۇشتەرى بولسىڭىزمۇ بولىدۇ. جوڭگو پوچتىسىنىڭ گىزىت-ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولۇش بەت ئادرىسى:



تۆۋەندە ئۆزۈم رەتلىگەن ئۇيغۇرچە گېزىت ۋە ژۇرناللارنىڭ تىزىملىكىنى چىقىرىپ قويدۇم. مۇشۇ تىزىملىكتىن پايدىلانساڭلارمۇ بولىدۇ.



ئالاقىلەشكەندە، قارشى تەرەپكە مەزكۇر ئۇچۇرنى «ئەلپىدا ئۇچۇر تورى»دا كۆرگەنلىكىڭىزنى ئېيتىڭ.
ئالاقىلەشكۈچى:ئەلپىدا ئۇچۇر تورى
ئېخەت/توربەت:www.uchur.com
ئالدىنقىسى: «جۇڭگو مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى»سى بولۇڭ
كېيىنكىسـى: ياپونىيە «يۇگۇلىنا» ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى