ئەلپىدا ئۇچۇر تورى > > > 13146– نومۇرلۇق ئۇچۇر

«جۇڭگو مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى»سى بولۇڭ


رايون: يوللانغان ۋاقتى: 2016-11-12 8:32:44

ئەسلىي تېما: 2017-يىللىق «جۇڭگو مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى» مۇسابىقىسىنىڭ تۈزۈمى | ئۇچۇر مەزمۇنى ۋە سۈرەتلەرنى بېيجىڭ «A.B.U» مائارىپ پەن–تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن. | ئەلپىدا ئۇچۇر تورىدىن تارقىتىلدى. | ئەلپىدا ئۇچۇر تورى مەنزىلى: www.uchur.com

—————

«ئۇدۇن لوڭقىسى» 2017-يىللىق «جۇڭگو مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى» ئىنگلىز تىلى تاللانما مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ مۇسابىقە رايونىدا مۇسابىقە باشلىناي دەپ قالدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى شەھەر، رايون ۋە ناھىيەلەردە تاللاش مۇسابىقە باسقۇچىدىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۈرۈمچىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇتقانلار بېيجىڭغا بېرىپ مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ساۋاقداشلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەكتەپلەردە ھەقسىز ئوقۇش پۇرستىگە ئىگە بولالايدۇ. تېزدىن كېلىپ تىزىملىتىڭ.



1. مۇسابىقە چۈشەندۈرۈلىشى

ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ روھىدا مائارىپنىڭ رولى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، قەدىمدىن بۈگۈنكىچە ئىنسانلار مەدەنىيەت روھىدىكى گۈللەرنى ھاياتلىق مائارىپى، ئەقلىي كۈچ مائارىپى، روھىي مائارىپى ئارقىلىق سۇغۇرۇپ پەرۋىش قىلىپ كەلمەكتە، بۇ دەل مائارىپىمىزنىڭ روھى، «مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى» پائالىيىتىمىزنىڭ نىزامى، «مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى» پائالىيىتىنىڭ ئىنتىلىدىغان نىشانى بولسا جۇڭگولۇق ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەخلاق، ئەقلىي، تەنتەربىيە، سەنئەت، ئەمگەك قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپ تەرەپلەردىن تەڭ تەرەققىي قىلىپ ساغلاملىققا ئىگە، ھاياتقا مېھىرلىق، جۇشقۇن، بىلىملىك، ئالىيجاناپ ئادەم بولۇش.



بېيجىڭ «A.B.U» مائارىپ پەن–تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى «جۇڭگو مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى» مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ ئۆلكە دەرىجىلىك ئۇيۇشتۇرغۇچى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.

«جۇڭگو مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار» مۇسابىقىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە «جۇڭگو مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار» مۇسابىقىسى مەملىكەتلىك مۇسابىقە گۇرۇپپا ھەيئىتى بىرلىشىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئەدەبىيات، گۈزەل–سەنئەت، چەت ئەل تىلى، ئىلىم–پەن قاتارلىق بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، تېلېۋىزىيەدە كۆرسىتىلىدىغان ئۇنىۋېرسال مۇسابىقە بولۇپ، «جۇڭگو مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار» پائالىيىتىنىڭ مۇھىم قىسمى ھېسابلىنىدۇ، جۇڭگودىكى ياش–ئۆسمۈرلەرگە ئادىل، باراۋەر، ئاشكارا ھالدا ئۆزىنى كۆرسىتىش، ئۆزىنى بايقاش، جۇڭگودىكى ئەڭ كەسپىي، ئۆلچەملىك، ئىلمىي تۈسكە ئىگە يۇقىرى سەۋىيەلىك تېلېۋىزىيە مۇسابىقە سەھنىسى قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىدۇ.



«جۇڭگو مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى» مۇسابىقىسى كەڭ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىنگىلىز تىلى ھەۋەسكارلىرىغا ماس كېلىدىغان بولۇپ، مۇسابىقە تەرتىپىنىڭ ئادىل، باراۋەر، كەسپىي ۋە ئىلمىي بولۇشنى كۆزدە تۇتىدۇ، يېڭىچە تۈستىكى مۇسابىقە تۈزۈمى ۋە ئۆلچەملىك خەلقئارالىق نوپۇزلۇق تىل سىناق سىستېمىسىنى قوللىنىپ، تاللانغۇچىلارنىڭ بۇ سەھنىدە تېخىمۇ يۇقىرى شەرەپ ۋە ئىنگلىزتىلى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشىگە ئىگە بولىدۇ.


1. ئۆلچەملىك خەلقئارالىق نوپۇزلۇق تىل سىناق سىستېمىسى قوللىنىلغان، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئادىل، باراۋەر، ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشقا كاپالەت قىلىپ، ماھىرلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرى مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ئەمەلىي سىناق ئارقىلىق پەرزەنتلىرىنىڭ ئىنگىلىز تىلى ۋە باشقا پەنلەردىكى ئۇنىۋېرسال قوللىنىشچان سەۋىيەسى ۋە قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدۇ. مۇسابىقە ماھىرلىرىغا خەلقئارا تىل ئۆلچەملىك سىناق باھالاش كىنىشكىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ، بۇ پەرزەنتلەرنىڭ كەلگۈسىدىكى پىلانىغا ياخشى تەييارلىق قىلىش تاللىشى بولالايدۇ.

2. ئۆلكە دەرىجىلىك مۇسابىقىدىكى مۇنەۋۋەر تاللانغۇچىلار كەم دېگەندە جۇڭگو ۋە چەت ئەلدىكى داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ تەكلىپنامە، چاقىرىق قەغىزى (شەرتلىك ۋە شەرتسىز) ئېرىشىدۇ، بۇ قاتناشقۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىلمىي بىلىم قابىلىيىتىنى بىۋاسىتە سىناق قىلىش ۋە باھالاپ چىققان بولىدۇ.


3. ئۆلكە دەرىجىلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە جۇڭگو ۋە چەت ئەل مەكتەپلىرىدىكى مۇنەۋۋەر ماھىرلار بىلەن بىرگە نەقمەيداندا سىناق قىلىش، باھالاش، پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق باسقۇچلار بار، بۇ ماھىرلارنىڭ نەقمەيداندىكى رىقابەت ئېڭى ۋە قىيىنچىللىققا تاقابىل تۇرۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆز خاسلىقى بىلەن ئۆزىنى كۆرسىتىش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.



4. «جۇڭگو مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى» ئىنگىلىز تىلى مۇسابىقىسى مەملىكەتلىك يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار ھەر بىرىگە جۇڭگو ۋە چەت ئەلدىكى داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ چاقىرىق قەغىزىگە (شەرتلىك ۋە شەرتسىز) ئېرىشىدۇ.


5. «جۇڭگو مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى» ئىنگىلىز تىلى مۇسابىقىسى مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىدا پۈتۈن دۇنيادىكى كۆرۈرمەنلەرگە ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى كۆرسىتىشكە مۇيەسسەر بولىدۇ، بارلىق ماھىرلارغا جۇڭگو ۋە چەت ئەلدىكى داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ يۇقىرى سوممىلىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىش پۇرسىتى بار بولۇپ، دۇنيادىكى داڭلىق مەكتەپلەردە ئوقۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.



يېڭىچە ئۇسلۇبتىكى «جۇڭگو مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى» ئەدەبىيات مۇسابىقىسى، ماتېماتىكا مۇسابىقىسى بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ. «جۇڭگو مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى» ئۇسسۇل مۇسابىقىسى، خەلقئارا دوستلۇق مۇسابىقىسى كەلگۈسىدىكى ئۇزۇنغا قالمىغان ۋاقىتتا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.



دوستلار، 2017-يىللىق CCTV «جۇڭگو مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى» مۇسابىقىسىنىڭ ئىنگىلىز تىلى، ئەدەبىيات، ماتېماتىكا قاتارلىق مۇسابىقىلىرى 2016-يىلى 10- ئايدىن 2017-يىلى 7- ئايغىچە پۈتۈن مەملىكەتتە ئۆتكۈزۈلىدۇ، ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە ئىنگىلىز تىلى ھەۋەسكارلىرىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.



مۇسابىقە نىشانى


ماھىرلارغا پۇرسەت يارىتىش:

1. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىدا ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى نامايان قىلىش؛ 2. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ياشلار بىلەن پىكىر-ئالماشتۇرۇش؛ 3. ئۆزىنىڭ ئۇنىۋېرسال بىلىم سەۋىيەسىنى سىناش؛ 4. يۇقىرى قىممەتتىكى شەرەپ كىنىشكىسىگە ئېرىشىش؛ 5. رىقابەتلىشىش، قىيىنچىلىققا قارشى تۇرۇش، جەلپ قىلىش، ئۆزىنى ئىپادىلەش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش؛ 6. جۇڭگو ۋە چەت ئەلدىكى داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ چاقىرىق قەغىزىگە ئېرىشىش؛ 7. جۇڭگو ۋە چەت ئەلدىكى داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىش.



ئاتا-ئانىلارغا پۇرسەت يارىتىش:

1. بىر قېتىملىق پەرزەنتلىرىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈش؛ 2. بىر قېتملىق پەرزەنتلىرى بىلەن ئۆسۈپ يېتىلىش؛ 3. بىر قېتىملىق پەرزەنتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆگىنىش؛ 4. بىر قېتىملىق پەرزەنتلىرى بىلەن رىقابەتنى باشتىن كەچۈرۈش، قىيىنچىلىققا قارشى تۇرۇش، خۇشاللىقنى بەھرىلىنىش.



مۇسابىقىنىڭ گۇرۇپپىلارغا ئايرىش تۈزۈلمىسى:

1. مۇسابىقە يەسلىي گۇرۇپپىسى، باشلانغۇچ كىچىكلەر گۇرۇپپىسى (باشلانغۇچ 1-يىللىقتىن 3-يىللىقىچە)، باشلانغۇچ چوڭلار گۇرۇپپىسى ( باشلانغۇچ 4- يىللىقتىن 6- يىللىقىچە)، تولۇقسىز گۇرۇپپىسى، تولۇق ئوتتۇرا گۇرۇپپىسى، ئالىي مەكتەپ ۋە چوڭلار گۇرۇپپىسى قاتارلىقلار؛ 2. «جۇڭگو مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى» مۇسابىقىسى بولسا شەھەر دەرىجىلىك، ئۆلكە دەرىجىلىك، مەملىكەت دەرىجىلىك ئۈچ باسقۇچ ئېلىپ بېرىلىدۇ، مەملىكەتلىك مۇسابىقە يەنە يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ؛ 3. ھەر قايسى دەرىجىدىكى ھەيئەت ئەزالىرى مۇسابىقە رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، شۇ رايوندىكى مۇسابىقىنىڭ باسقۇچلىرى ۋە تۈزۈملىرىنى بېكىتىدۇ، ئادىل، باراۋەر، ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ماھىرلارنى تاللاپ چىقىدۇ.


سۈرەتتىكى ئىككىلىك كودنى تونۇتۇپ ياكى سىكانېرلاپ مۇسابىقە ئەھۋالىنىڭ ۋىدىيوسىنى كۆرۈڭ.


ئالاقىلەشكەندە، قارشى تەرەپكە مەزكۇر ئۇچۇرنى «ئەلپىدا ئۇچۇر تورى»دا كۆرگەنلىكىڭىزنى ئېيتىڭ.
ئالاقىلەشكۈچى:ئەلپىدا ئۇچۇر تورى
ئېخەت/توربەت:www.uchur.com
ئالدىنقىسى: سەنۇبەر تۇرسۇن بېيجىڭدا لېكسىيە سۆزلىدى
كېيىنكىسـى: گېزىت-ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولايلى