ئەلپىدا ئۇچۇر تورى > > > 13147– نومۇرلۇق ئۇچۇر

خەتتاتلىرىمىز: جۈمەقارى ياسىن شىرمەتى


رايون: يوللانغان ۋاقتى: 2016-11-12 12:47:45

ئەسلىي تېما: خەتتاتلىرىمىزدىن جۈمە قارى ياسىن شىرمەتى ھەققىدە | يازمىدا: ئەسقەر ئىدرىس ئەلپىدا | ئەلپىدا ئۇچۇر تورىدىن ئىشلىنىپ تارقىتىلدى | تور مەنزىلى: www.uchur.com، «ئەنئەنە ۋە خەتتات» توپى تەشكىللىگۈچىسى: ئەسقەر ئىدرىس ئەلپىدا، ئۈندىدار ئالاقىسى: asqer416

—————

قەيسەرلىك، ئۆملۈك ۋە ئىشچانلىقنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى بىلمەكچى بولساڭ، چۈمۈلىنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزەت. بەلكىم، ئۇ ساڭا ھاياتلىقتىن دەرس بېرىشى مۇمكىن. - ئەسقەر ئىدرىس



جەمئىيىتىمىزدە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تىنىمسىز ئىزدىنىپ ئۆز ساھەسى، ئۆز كەسپىدە نەتىجە يارىتىۋاتقان ياشلىرىمىز ئاز ئەمەس. قەيسەرلىك ۋە ئىشچانلىق بىلەن تىنىمسىز كۈرەش قىلىدىغان چۈمۈلە روھىنى ئۆزىنىڭ تۇرمۇش مىزانى قىلغان جۈمە قارى ياسىن شىرمەتى ئۆزى دۇچ كەلگەن تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى قەيسەرلىك بىلەن يېڭىپ، ئالىي مەكتەپتىن ئىبارەت بىلىم ئوچىقىغا قەدەم ئالدى ۋە بۇ بىلىم ئوچىقىدا ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن بەلگىلىك نەتىجە يارىتىپ ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. خەتتاتلىقتىن ئىبارەت ئۆزى سۆيگەن كەسىپنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، بۇ ساھەدىمۇ بەلگىلىك نەتىجە ياراتتى. ئۇ ھېلىھەم قەشقەر ئۇنۋېرسىتېتىدىن ئىبارەت بىلىم يۇرتىدا ئۆزىنىڭ كېيىنكى ئارزۇ – نىشانلىرى ئۈچۈن ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتىدۇ...



جۈمە قارى ياسىن شىرمەتى 1996-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى تارىمدىكى بوستانلىق، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى گۈزەل يۇرت ئونسۇ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان.باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئونسۇ ناھىيە قىزىل بازىرىدا ئوقۇپ تاماملىغان. باشلانغۇچنىڭ 5-يىللىقىدا خەتتاتلىق ئۆگىنىشنى باشلىغان. تولۇقسىز 1-يىللىقتا تەتىل مەزگىللىرىدىن پايدىلىنىپ ساتىراشچىلىق كەسپىنى ئۆگەنگەن، ئائىلە قىيىنچىلىقىنى زىممىسىگە ئېلىش ئۈچۈن تۈرلۈك قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا ئىشلەپ، ئائىلە قىينچىلىقىنى ھەل قىلىش بىلەن بىرگە، بىر قىسىم ئوقۇش پۇللىرىنىمۇ ھەل قىلغان.



تولۇقسىز 2-يىللىققا چىققاندا ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ياش- ئۆسمۈرلەر گۈزەل -سەنئەت مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن. تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قايىللىقىنى قوزغىغان ۋە 2012-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن گۈزەل-سەنئەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. تولۇق ئوتتۇرىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ ئۆز قىزىقىشى بويىچە قەشقەر ئۇنۋېرستىتىنىڭ گۈزەل-سەنئەت كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان



ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن 2015-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ تەئلىق خەت نۇسخىسىنىڭ چېكىتلىك ئۆلچىمىنى ئۆگىنىشنى باشلىغان. قەشقەردىكى ھەرقايسى خەتتات ئۇستازلارنىڭ يېتەكلىشى ۋە قەشقەر ئۇنىۋېرستېتى چوڭلار مائارىپى ئوقۇتقۇچىسى ئادىلجان مۇھەممىدى ۋە خەتتات مەمەتئېلى يۇنۇس قاتارلىق ئۇستازلاردىن خەتتاتلىقتىن بىۋاستە تەلىم ئېلىش بىلەن ھازىرقى سەۋىيەگە يەتكەن، شۇنداقلا ئۇستازلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن



ئۇ ھازىر قەشقەر سەنئەت مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك رەسساملار جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قەيسەر ھېسامىدىن مۇئەلىمنىڭ تەربىيەلىشىدە قەيسەر ھېسامىدىن مۇئەللىمنىڭ خانئۆي رەسىم كارىدورىنى ئېچىۋاتىدۇ. خەتتات جۈمەقارى ياسىن شىرمەتى ھازىر قەشقەر ئۇنۋېرستىتىنىڭ گۈزەل-سەنئەت كەسپىدە بىلىم ئاشۇرۇۋاتىدۇ.



ئەلپىدا ئۇچۇر تورى نامىدىن ياش ھۆسنخەت شەيداسى جۈمەقارى ياسىن شىرمەتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى قەدەملىرىگە بەرىكەت تىلەيمىز.



تۆۋەندە تىرىشچان خەتتات جۈمەقارى ياسىن شىرمەتىنىڭ ھۆسنخەتلىرىدىن بېرىلدى


—————

قوشۇمچە: «ئەنئەنە ۋە خەتتات» ئۈندىدار توپى تەشكىللىگۈچىسى، ئەلپىدا تورى «خەتتاتلار سەھىپىسى» مەسئۇلى، ئەلپىدا ئۇچۇر تورى ھەمكار قۇرغۇچىسى ئەسقەر ئىدرىس ئەلپىدانىڭ تۆۋەندىكى ئۈندىدار ئىككىلىك كودنى تونۇتۇش ياكى سىكانېرلاش ئارقىلىق «ئەنئەنە ۋە خەتتات» توپىغا قوشۇلۇڭ.( توپقا قوشۇلۇشتىن ئىلگىرى توپ مەسئۇلى ئەسقەر ئىدرىس ئەلپىداغا ئۆزىڭىزنىڭ توپقا قوشۇلۇش مەقسىتىڭىز، ئىسىم – فامىلىڭىز، كەسپىڭىز، يۇرتىڭىز قاتارلىقلارنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ)



ئالاقىلەشكەندە، قارشى تەرەپكە مەزكۇر ئۇچۇرنى «ئەلپىدا ئۇچۇر تورى»دا كۆرگەنلىكىڭىزنى ئېيتىڭ.
ئالاقىلەشكۈچى:ئەلپىدا ئۇچۇر تورى
ئېخەت/توربەت:www.uchur.com
كېيىنكىسـى: خەتتاتلىرىمىز: ئېلى تۇرسۇن ئەلتۇغ