ئەلپىدا ئۇچۇر تورى > > > 13149– نومۇرلۇق ئۇچۇر

گۇاڭجۇ كېچىسىنى يورۇتقان «چىراغ»


رايون: يوللانغان ۋاقتى: 2016-11-12 18:28:57

ئەسلىي تېما: ئۇ كىتابخانا ئېچىپ، شەھەر كېچىسىنى يورۇتتى | مەنبە: 中美设计顾问 سالونى | ئەلپىدا ئۇچۇر تورىدىن تەرجىمە قىلىپ ئىشلەندى

—————

ئۇنىڭ ئىسمى ليۇ ئېرشى، ئارخىتېكتور (بىناكارلىق ئۇستىسى)، ئىشتىن سىرتقى يازغۇچى، پىراكتىكانت شائىر، ساياھەت مەستانىسى، گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى تۇنجى 24 سائەت ئېچىلىدىغان «1200 كىتابخانىسى»نىڭ قۇرغۇچىسى. بۈگۈن بىز ئۇنىڭ قەلبنى ئىختىيارسىز ئىللىتىدىغان ھېكايىسىدىن ئاڭلايمىز.



2008-يىل، ئۇ خۇانەن تەبىئىي پەنلەر سانائىتى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىناكارلىق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئوڭۇشلۇق ھالدا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىنىڭ لايىھە ئاكادېمىيەسىگە كىردى. بۇ جەرياندا ئۆزى مۇستەقىل پۈتتۈرگەن ئەسەرلىرى بار بولدى ھەم كوللېكتىپ تەشكىللەپ، گۇاڭجۇ شەھىرىكى ئەڭ داڭلىق قۇرۇلۇش تۈرى بولغان «گۇاڭجۇ تىياتىرخانىسى»نىڭ ئاشكارا خېرىدار چاقىرىش رىقابىتىدە ئۇتۇپمۇ چىقتى. بىر ئارخىتېكتور (بىناكارلىق ئۇستىسى، بىناكار) نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ كەسپىي ساھەدە قىلىدىغان ئىش ۋە قازىنىدىغان شۆھرەتنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشىپ باقتى.



ئۇ يەنە داۋاملاشتۇرسا، قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ تەكرارلىنىشتىن باشقىسى ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ، 2011-يىلى 26 يېشىدا مۇقىم خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ چىقتى ۋە قەھۋەخانا ئاچتى. «بۇ قەھۋەخانىنى ئېچىشىم بىر باشلىنىش بولدى، ئەگەر مەن ھاياتىمدا مۇشۇ بىرىنچى قەھۋەخانامنى ئاچمىغان بولسام، كەينىدىكى ئىشلارغا مېنىڭ جۈرئىتىم بولمايتتى». قەھۋەخانىنى ماڭدۇرۇش ئىشىدىمۇ ئۇ قەدەمنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ، تېزلا مۈشۈك بېقىپ، ئاپتاپقا قاقلىنىپ، كىتاب كۆرۈپ، ئارام ئالىدىغان كۈنلەرگە ئۇلاشتى. ئەمما، ئۇ تىنچ سۇدەك خاتىرجەم تۇرمۇشنى خالىماي، يەنە بىر قېتىم ئۆزگىرىشنى تاللىدى.



2013-يىلى، ئۇنىڭ ئىككىنچى قەھۋەخانىسى ئېچىلىپ ئىككى ئايدىن كېيىن، تىجارەت يۈرۈشتۈرۈش ئىشلىرىنى قول ئاستىدىكىلەرگە تاپشۇرۇپ، ئۆزىنىڭ نەزىرىدىكى تەيۋەن ئارىلىنى پىيادە چۆگىلەپ چىقىشتىن ئىبارەت كاتتا بىر ئىشقا تۇتۇش قىلدى (ئۇنىڭ ئالدىدا ئۇ تەيجۇڭ دۇڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى ئوقۇۋاتاتتى). ئارالنى ئايلىنىپ چىقىش ئۈچۈن 51 كۈن 1200 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىش توغرا كېلەتتى. ئۇ بۇ جەرياندا ھەتتا مەكتەپ ئىشخانىلىرىدا تۈنىدى، مېھماندوست تەيۋەنلىكلەر تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىندى. ناتونۇش مۇھىت ۋە سەپەردىكى كىشىلەر يەتكۈزگەن ئىللىقلىق ئۇنىڭ ساياھەت سەپىرىگە ئويلىمىغان ھېسلارنى ئېلىپ كەلدى.



ئۇ ئويلاشقا باشلىدى: «مەنمۇ شۇ مېھماندوست كىشىلەر قاتارىدا تېخىمۇ كۆپ ياردەم ۋە ئىللىقلىققا مۇھتاج كىشىلەر ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشالىسام... سىرتلاردا كېچىلىرى تېنەپ يۈرگەن كىشىلەر ئۈچۈن كىچىككىنە بولسىمۇ ئىللىقلىق يەتكۈزەلەيدىغان بىر كىشى بولسام...». مېھىر-مۇھەببەت ئەزەلدىنلا بىز ئويلاپ باقمىغان ئۇسۇل بىلەن تارقىلىدۇ، قايسى خىل ئىش-ھەرىكىتىمىزنىڭ تۇيۇقسىز بىر كۈنلەردە باشقىلار ھاياتىنى ئۆزگەرتىشتەك قۇدرەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتەلمەيمىز.



2014-يىلى، ئۇ تەيۋەن ئارىلىنى پىيادە ئايلىنىپ چىقىش سەپىرىنى تاماملاپ، گۇاڭجۇغا قايتىپ كېلىپ، گۇاڭجۇلا ئەمەس، پۈتۈن جۇڭگودا ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان بىر ئىللىق ماكان-«1200 كىتابخانىسى»نى قۇرۇپ چىقتى. دۇكان ئىسمىدىكى 1200 سانى دەل ئۇنىڭ تەيۋەن ئارىلىنى پىيادە ئايلىنىپ چىققان مۇساپىسى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئۇ 30 ياشتا ئىدى.



«1200 كىتابخانىسى»دا كۈندۈزى نورمال كىتاب تىجارىتى بولاتتى. پەقەت كېچىدىلا ئۇنىڭدىن مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئىللىقلىقنىڭ نۇرلىرى كىتابخانا ئىچى ۋە سىرتىغا چېچىلاتتى. بۇ يەردە مۇھەببىتىدىن ئايرىلغانلار، ئۇخلىيالمايدىغانلار، ئائىلە زوراۋانلىقى تۈپەيلىدىن ئائىلىسىگە قايتىشقا رايى يوق ئوقۇغۇچىلار، پويىز-ئايروپىلانغا سەھەردە ئۈلگۈرۈپ بارماقچى بولغانلار، ئىشلەمچىلەر، ياقا-يۇرتلۇقلار، تۈنەيدىغانغا جاي تاپالماي يۈرگەن يولۇچىلار... ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن كېچىگە ھەمراھ بولىدىغانلار بار ئىدى.



بەزىلەر ئۇنىڭدىن مۇشۇنداق كىتابخانا قانداقمۇ تىجارەت قىلىپ، پۇل تېپىپ ئۆزىنى ۋە خىزمەتچىلەرنى بېقىپ كېتەلىسۇن دەپ سوئال قويغىنىدا، ئۇنىڭ جاۋابى تولىمۇ ئاددىي بولدى: «كېچىدە ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سىرتقا تۈنەپ قېلىشقا مەجبۇر بولىدىغان ئادەملەرلا بولىدىكەن، كىتابخانام ئېچىلىپ تۇرىدۇ».



تۈن كېچىدە، «1200 كىتابخانىسى»دە ھېكايىلەر تولا. ئۆيىدىن قېچىپ چىقىپ كىتابخانىدا تۆت ئاي تۇرغان 80 ياشلىق كىتابخۇمار مويسىپت؛ كىتابخانىدا يېرىم يىلدەك تۇرغان شەھەرنىڭ سەرگەردان ئۆسمۈرلىرى...



«1200 كىتابخانىسى»- گۇاڭجۇ شەھىرى بويىچە تۇنجى بولۇپ مېيىپ – ئاجىزلارنى خىزمەتچى قىلىپ ئىشلەتكەن كىتابخانا. ئۇنىڭ نەزىرىدە بۇ ئىش ھەممەيلەننىڭ قۇدرىتى يېتىدىغان، ھەممەيلەن قىلالايدىغان ئىشلار قاتارىدا سانىلاتتى. ئۇ ھەتتا، كېچىدە كىتابخانىدا جىمجىتلىقنى خالايدىغانلار ئۈچۈن كىتابخانا تېمى ئارقىسىدىكى كىچىككىنە بوشلۇقنى مەخسۇس بوشىتىپ بەردى.



يېرىم كېچىدە، قورساق ئاچسا قانداق قىلغۇلۇق؟ ھېچقىسى يوق، بۇ يەردە ئاددىي ۋە كىچىك بولسىمۇ كېچىلىك تاماقخانىمۇ تەييار قىلىنغان. ئۇنىڭ كېچىلىك تاماقخانىسىدا پەقەتلا تۈگرە ۋە ئۇماچلا سېتىلاتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، تۈگرە تامىقى جۇڭگو تائام مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ يارقىن نامايەندىسى بولۇپ سانىلاتتى. تۈگرىلەر مەخسۇس كىتابخۇمارلار ئۈچۈن تەييارلانغان بولۇپ، ھەممىلا ئادەمنىڭ تېتىپ كۆرۈشىگە نېسىپ بولۇۋەرمەيتتى. قانداق دېسىڭىز، بۇ «كىتابخانا تامىقى»نى يېيىش ئۈچۈن سىز ئاۋۋال سوئاللارغا جاۋاب بېرىشىڭىز كېرەك. مەسىلەن، «تۈگرە» دېگەن ئەسەر قايسى ئاپتورنىڭ... دېگەندەك. جاۋاب بېرەلمىسىڭىز، كەچۈرۈڭ، قايتىپ بېرىپ ئاچ قورساق كىتاب ئاختۇرمىسىڭىز بولمايدۇ.



كىتابخانىدىكى توڭلاتقۇغا بولسا «روھىي يېمەكلىك»لەر سېلىنغان، خالىغانچە ئېلىپ «تېتىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ»...



«1200 كىتابخانىسى» قوينىغا قەدەم ئالغانلىكى كىشىلەرگە مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئىللىقلىقنى يەتكۈزسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ بىر قوللۇق ئۆزگىچە «لايىھە»سىنى مۇجەسسەملىگەن. تاشلىۋېتىلگەن كونا بۇيۇملار، كونا ئائىلە ئۈسكۈنىلىرى، ھەرخىل ئۆي جاھازىلىرى... ئۇنىڭ نەزىرىدە بۇ كونا نەرسىلەر ھاياتىي كۈچكە ئىگە، گەرچە تاشلىۋېتىلگەن، ئۇنتۇلغان ھالەتتە بولسىمۇ... بۇ نەرسىلەر تىلسىز بولسىمۇ، ئەمما ھېكايىسى چىنلىق بىلەن يۇغۇرۇلغان.



ئىشچىلار تاشلىۋەتكەن نۇركابىل جاھازىسى ئۇنىڭ قولىدا 360 گرادۇسلۇق كىتاب جاھازىسىغا ئايلاندى. ئۆرۈلۈپ چۈشەي دېگەن ياغاچ كارىۋات ئۇنىڭ قولىدا ئېسىل كىتاب يايمىسىغا ئايلاندى. كونا ياغاچ دېرىزە ئۇنىڭ قولىدا تام قىلىنىپ ھەم رومانتىك ھەم قەدىمىي پۇراققا ئىگە بولدى.



كېچە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ۋاقىتنىڭ سىرىنى ئېيتىشماقتا. ئۇيقۇسىز قەلبلەرنىڭ ئىللىق ماكانى...



قۇرۇلۇپ بىر يىلدىن كېيىن، يەنى 2015–يىل 8–ئايدا «1200 كىتابخانىسى» CNN تەرىپىدىن باھالىنىدىغان دۇنياۋى ئەڭ قالتىس 17 كىتابخانا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلاپ زىيارەت قىلىدۇ، يا كىتابنى دەپ، يا بولمىسا ئۇنىڭ ھېكايىسىنى دەپ، ھەتتا بەزىدە كاتتا يازغۇچىلارمۇ كىرىپ قالىدۇ (سۈرەتتىكىسى داڭلىق يازغۇچى لۇڭ يىڭتەي)...



ليۇ ئېرشى ۋە ئۇنىڭ «1200 كىتابخانىسى» بىزگە مېھىر–مۇھەببەتنىڭ كۈچىنى ئويلىمىغان بىر نۇقتىدىن كۆرسىتىپ قويدى. ئەگەر ئائىلىمىزنى، تۇرمۇشنى، خىزمىتىمىزنى، كەسپىمىزنى ۋە ياكى شىركىتىمىزنى مەنىسىنى يوقاتتى دەپ قارىساق، بۇ يىگىتتەك قەلبىمىزدىن تەسىرلىنىپ تۇرۇپ، مۇھەببەت ۋە مېھىر بىلەن ئىش–ھەرىكىتىمىزگە «تەم» قاتساق، ئىشىنىڭكى، ئۇ سىزگە ئويلىمىغان نەتىجىلەرنى ئاتا قىلىدۇ. (تامام)



ئالاقىلەشكەندە، قارشى تەرەپكە مەزكۇر ئۇچۇرنى «ئەلپىدا ئۇچۇر تورى»دا كۆرگەنلىكىڭىزنى ئېيتىڭ.
ئالاقىلەشكۈچى:ئەلپىدا ئۇچۇر تورى
ئېخەت/توربەت:www.uchur.com
كېيىنكىسـى: بانكا بىلەن بىرلىشىپ ئىگىلىك تىكلەڭ