ئەلپىدا ئۇچۇر تورى > > > 13152– نومۇرلۇق ئۇچۇر

سەنۇبەر تۇرسۇن بېيجىڭدا لېكسىيە سۆزلىدى


رايون: يوللانغان ۋاقتى: 2016-11-14 21:21:25

ئەسلىي تېما: كۈي خانىشى سەنۇبەر تۇرسۇن بېيجىڭدا لېكسىيە سۆزلىدى | مەركىزىي تېلېۋىزىيە تورى مۇخبىرى ئەسقەرجان ئەنۋەر خەۋىرى | ئەلپىدا ئۇچۇر تورىدىن ھەمبەھرىلەندى

————

مەركىزىي تېلېۋىزىيە تورى مۇخبىرى ئەسقەرجان ئەنۋەر خەۋىرى: «جۇڭگو مىللەتلىرى ئەل ئارا مۇزىكا ھەپتىلىكى»گە قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق ناخشىچىسى سەنۇبەر تۇرسۇن 2016–يىل 13–نويابىر چۈشتىن بۇرۇن مەركىزىي مۇزىكا ئىنىستىتۇتىدا «ئۇيغۇر 12 مۇقامى ۋە مېنىڭ جەمەتىم» تېمىسىدا بىر مەيدان داغدۇغىلىق لېكسىيە سۆزلىدى. لېكسىيەگە مەركىزىي مۇزىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ساڭ خەيبو ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھەر ساھە، ھەر كەسىپ، ھەر مىللەتتىن بولغان 200 دىن ئارتۇق كىشى لېكسىيەگە ئىشتراك قىلدى.



سەنۇبەر تۇرسۇن بىر يېرىم سائەت داۋاملاشقان لېكسىيە جەريانىدا، ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتى بىلەن ئۆزىنىڭ جەمەتى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى شەرھىلەش بىلەن بىرگە، نەق مەيداندا دۇتار بىلەن بىر قانچە ناخشا ئېيتىپ پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. لېكسىيە ئاخىرىدا ھەر مىللەت لېكسىيە ئىشتىراكچىلىرىنىڭ بەس–بەستە سورىغان سوئاللىرىغا ئەستايىدىل جاۋاب بەردى. لېكسىيە ئاخىرىدا ساڭ خەيبو ئەپەندى سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ ناخشىچىلىق ھاياتىغا ھەمدە بۇ قېتىملىق لېكسىيەسىگە يۇقىرى باھا بەردى.



ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق «جۇڭگو مىللەتلىرى ئەل ئارا مۇزىكا ھەپتىلىكى»نى مەركىزىي مۇزىكا ئىنىستىتۇتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، دۆلەتلىك كۇتۇپخانا، دۆلەت تىياتىرخانىسى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرستېتى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرستىېتى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو تاراتقۇلار ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار ئۆتكۈزۈشكە ياردەملەشكەن.



بۇ ھەپتىلىك مەركىزىي مۇزىكا ئىنىستىتۇتى مۇزىكا فاكولتېتى تەسىس قىلغان، ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان، ئىلمىيلىك ۋە ئاممىۋىيلىققا ئىگە پائالىيەت بولۇپ، بۈگۈنكىلەرگە ئەجدادلىرىمىزنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك سەنئەت مىراسلىرىنى تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. ئەھەتجان ئابلىز فوتوسى



ئالاقىلەشكەندە، قارشى تەرەپكە مەزكۇر ئۇچۇرنى «ئەلپىدا ئۇچۇر تورى»دا كۆرگەنلىكىڭىزنى ئېيتىڭ.
ئالاقىلەشكۈچى:ئەلپىدا ئۇچۇر تورى
ئېخەت/توربەت:www.uchur.com
ئالدىنقىسى: «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» مۇكاپاتلاندى
كېيىنكىسـى: «جۇڭگو مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى»سى بولۇڭ