ئەلپىدا ئۇچۇر تورى > > > 13154– نومۇرلۇق ئۇچۇر

«يىتكەن بالا»نى ئوقۇغاندىن كېيىن


رايون: يوللانغان ۋاقتى: 2016-11-15 7:20:14

ئەسلىي تېما: «يۈتكەن بالا»نى ئوقۇغاندىن كېيىن (كىتاب ئوقۇش تەسىراتى) | تەبىسە يازمىسى | ئەلپىدا ئۇچۇر تورىدىن تارقىتىلدى

—————

ئائىلە ھارغان تەننىڭ دەم ئالىدىغان، ئاجىزلىغان ھېسىياتنىڭ تەسەللىيگە ئېرىشىدىغان، سەرسان روھنىڭ ئۆز ئەسلىنى تاپىدىغان ئارامگاھى. - تەبىسە خاتىرىلىرىدىن

—————

ئائىلە زوراۋانلىقى ھەققىدە ماتېرىيال ئىزدەپ يۈرگىنىمگە خېلى بىر مەزگىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە بۇ توپلىغان ماتېرىياللانى رەتلەپ يېزىپ چىقىش پۇرسىتى بولمىغان ئىدى. بۈگۈن قولۇمدىكى دەيۋې پېلزېر (Dave Pelzer)نىڭ «يىتكەن بالا» (The Lost Boy) ناملىق كىتابىنى ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كېيىن، ئائىلە زوراۋانلىقى بولۇپمۇ ئۇنىڭ بالىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرلىرى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتۈشنىڭ زۆرۆرلىكىنى ھېس قىلىپ قالدىم.



كىتاب نامى: «يىتكەن بالا» (The Lost Boy) \ ئاپتورى: دەيۋې پېلزېر (Dave Pelzer) \ ئاپتور ھەققىدە: دەيۋې پېلزېر ئامرىكىلىق يازغۇچى. ئۇ 1960-يىلى 29-دېكابىر ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشىتاتىدا دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇ ئائىلىسىدىكى بەش ئوغۇل بالىنىڭ ئىككىنچىسى. پېلزېرنىڭ كىتابلىرىدا ئاپىسى تەرىپىدىن ئۇزۇن يىل خورلانغانلىقى يېزىلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن 12يېشىدا ئاپىسىنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلىدۇ ۋە ساقچىلار تەرىپىدىن كالىفورنىيە ئىشىتاتىنىڭ ۋاقىتلىق بېقىۋېلىش ئورنىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. 18 ياشقا كىرگەن يىلى ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ئارمىيە قىسمىغا قوبۇل قىلىنىدۇ. پېلزېر 1980-يىلى توي قىلىدۇ ۋە بىر ئوغلى بولىدۇ. پېلزېرنىڭ ھازىرغىچە يازغان كىتابلىرىدىن «بىر نېمە دەپ ئاتالغان بالا» (1995)، «يىتكەن بالا (1997)، «دەيۋې ئىسىملىك ئادەم» (1999)، «مېنىڭ ھېكايەم» (2002)، «ئالدىغا قاراپ مېڭىش» (2008) قاتارلىقلار بار.



ئاپىسى تەرىپىدىن خورلىنىشقا ئۇچرىغان بالىلىق ھاياتىنىڭ خاتىرىسى بولغان «بىر نېمە دەپ ئاتالغان بالا» ناملىق كىتابىدىن كېيىن، دەيۋې پېلزىر تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بالىلىقىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتىلىرى ۋە ياشلىقىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدىكى كەچۈرمۈشلىرىنى «يۈتكەن بالا» دېگەن كىتابىغا يىغىنچاقلايدۇ. بۇ كىتاب پېلزېرنىڭ ھەقىقى كەچۈرمىشلىرى ئاساسىدا ۋەقەلىك يۈز بېرىپ نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن يېزىلغان. ئىنچىكىلىق بىلەن تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلىكلەر ئارقىلىق ھاراقكەش ئاپىسىنىڭ ئۆزىنى قانداق خورلىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشتۇرغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاتا-ئانىسىنىڭ مېھىر - مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمىگەن پېلزېرنىڭ ئۆزىنى روھىي جەھەتتىن يىتتۈرۈپ قويۇشتەك قايمۇققان ئىچكى دۇنياسىنى جانلىق تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كېيىنلىكتە ئوخشىمىغان بېقىۋالغۇچىلارنىڭ ئۆيىدىكى كەچۈرمىشلىرى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشىتاتىنىڭ ۋاقىتلىق پاناھلىنىش سىستېمىسىنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغان بالىلارنىڭ ھاياتىدا قانداق رول ئوينىغانلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. پېلزېر ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن بۇ ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرىنى يېزىش ئارقىلىق، ئائىلە زوراۋانلىقىنى ئاشكارىلاشنىڭ نومۇس ئىش ئەمەسلىكىنى كەڭ جامائەتچىلىككە تونۇتۇپلا قالماستىن، يەنە بۇ ئارقىلىق ئىنسان روھىنىڭ سۆيگۈ ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىدىغان ماھىيىتىنى يارقىن ئىپادىلەيدۇ.


بۇ كىتابتا ئوقۇرمەنلەر بىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە مۇھىم نۇقتىلار بار. بىرى، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرىدىكى پەرزەنتلىرىگە بولغان تەسىرى، ئىككىنچىسى بولسا ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدىكى ئۈلگىلىك رولى، ئاخىرىدىكىسى بولسا پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانا سۆيگۈسىگە بولغان تەشنالىقىدىن ئىبارەتتۇر.


پېلزېرنىڭ ئاپىسى ھاراقكەش ئايال، ئۇنىڭ كۈندىلىك قىلىدىغان ئىشى ھاراق ئىچىش ۋە تېلېۋىزورنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئۆزىنىڭ ياقتۇرىدىغان پىروگىراممىلىرىنى كۆرۈشتىن ئىبارەت. ئاپىسى ئۇنى ئەركىلىتىپ باغرىغا بېسىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئۇنى ئىسمى بىلەنمۇ چاقىرىپ باقمايدۇ، ياكى «بىر نېمە» دەيدۇ، ياكى بولمىسا «ئۇ بالا» دەپ ئاتايدۇ. ئاپىسىنىڭ كۈندىلىك قىلىدىغان ئىشى پېلزېرنى دادىسىغا «ئۇ بالا بۈگۈن مۇنداق قىلدى، بۇ بىر نېمە بۈگۈن ئۇنداق قىلدى» دېگەندەك تۈگىمەس شىكايەت قىلىشتىن ئىبارەت. ئەمما، دادىسى ھېچقاچان ئاپىسىنىڭ بۇنداق ھاقارەت قىلماسلىقىنى توسۇپ باقمايدۇ، ئەكسىچە ئائىلىسىدە بولۇۋاتقان كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى «ئەگەر سەن ئاپاڭنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان بولساڭ بۇنداق بولمايتتى، ئەگەر سەن ياخشى بالا بولغان بولساڭ بۇنداق ئىش يۈز بەرمەيتتى» دېگەندەك ئەيىبلەشلەر بىلەن پېلزېرغا ئارتىپ قويىدۇ. پېلزېر ئاپىسىنىڭ ئايىقى چىقماس تىل-توقماقلىرىدا كۈنلىرىنى ئۆتكەزسە، دادىسىنىڭ تۈگىمەس ئەيىبلەشلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئاستا-ئاستا يوقىتىدۇ. قوسىقى تويمىغانلىق سەۋەبىدىن سىرتتىكى ئەخلەت ساندۇقلىرىدىن ئاشقان- تاشقان يېمەكلىكلەرنى تېرىپ يەيدۇ. ھەتتا يېقىن ئەتراپتىكى ماگزىنلاردىن يېمەكلىك ئوغۇرلاشقا باشلايدۇ...


12 ياشقا كىرگەن يىلى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ئۇنىڭ كۈندە دېگۈدەك مەينەت-قاسماق، يۈز-كۆزلىرىگە كۆك چۈشكەن ھالەتنى كۆرۈۋېرىشكە چىدىيالماي ئاخىرى ساقچىغا مەلۇم قىلىدۇ ۋە ئۇنى ئاپىسىنىڭ زالىم قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تاكى 18 ياشقا كىرىپ ھاۋا ئارمىيەسىگە قوبۇل قىلىنغۇچە ئۇ ئوخشىمىغان ئائىلىلەردە ياشلىق دەۋرىنىڭ مۇھىم يىللىرىنى سەرسانلىق، ھۇدۇقۇش، قايمۇقۇش ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ.

پېلزېرنىڭ دادىسى ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇ خىزمەتنى قىلغۇچىلار شىمالىي ئامېرىكا جەمئىيىتىدە بىردەك قەھرىمان دەپ سانىلىدۇ. ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى بولسا ھۆرمەتكە لايىق خىزمەت قىلىۋاتقان دادىلىرىدىن غۇرۇر ھېس قىلىدۇ. ئەمما پېلزىرنىڭ قايمۇقۇشى مانا مۇشۇنىڭدىن باشلىنىدۇ. چوڭ بىلىدىغان، شەرەپ ھېس قىلىدىغان، غۇرۇر ھېس قىلىدىغان «قەھرىمان» دادىسىنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزالمىغانلىقى پېلزېرنى قاتتىق ئازابلايدۇ. ئاپىسىدىن كۆڭلى ئازار يېگەن ۋاقىتلىرىدا دادىسىغا تەلمۈرگەن كۆزلىرىنىڭ جاۋابسىز قېلىشى ئۇنىڭغا ئەلەم بولىدۇ. بولۇپمۇ ساقچىلار تەرىپىدىن ۋاقىتلىق پاناھلىنىش ئورنىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىردىنبىر ئۈمىدى بولغان دادىسى ئۇنى بىر قېتىممۇ كۆرگىلى كەلمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ «دادام بولسىمۇ مېنى ياخشى كۆرىدىغۇ» دېگەن ئۈمىدتە ئالتە يىلنى ئۆتكۈزىدۇ.



18 ياشقا كىرگەن يىلى ئۇ ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ دادىسىنى ' ;%ވZh8HE' ;%ވZhئاللىبۇرۇن ئاپىسدىن ئاجرىشىپ ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەن، خىزمىتىدىن بالدۇرلا پېنسىيەگە چىقىۋالغان دادىسىنى مىسكىن ھالەتتە مەلۇم بىر قاۋاقخانىدىن تاپىدۇ. دادىسى ئۇنىڭغا ئىنتايىن سوغاق ھالدا «ئەڭ ياخشىسى ھەممىنى ئۇنۇتقىن، مەندەك بىر داداڭنى، ئاپاڭنى، بۇرۇن بىر ئائىلەڭ بارلىقىنى، ھەممىنى ئۇنۇت» دەيدۇ. پېلزېرنىڭ قەلبى دادىسىغا «دادا، مېنىڭ ئېھتىياجىم چۈشكەندە سىز نەدە ئىدىڭىز؟ نېمىشقا بىر قېتىم بولسىمۇ ماڭا تېلېفون قىلالمىدىڭىز؟ باشقىلارنىڭ دادىسىغا ئوخشاش بالىلىرىغا كۆيىنىدىغان دادا بولغان بولۇشىڭىزنى قانچىلىك ئارزۇ قىلاتتىم، سىز بىلەن بىرگە ئوينىسام ۋە ياكى بىرگە بېلىق تۇتۇشقا بېرىشنى قانچىلىق خالايتتىم؟ نېمىشقا باشقا دادىلاردەك بولالمىدىڭىز؟ » دەپ چوقان سالغۇسى كېلىدۇ - يۇ، ئەمما ئۆزىنى مەجبۇرى تۇتۇۋېلىپ «كەچۈرۈڭ، سىز پەقەت دادام بولغانلىقىڭىز ئۈچۈنلا... مەن سىزنى سۆيىمەن» دەيدۇ. لېكىن، دادىسى جاۋاب قىلمايدۇ، چۈنكى ھاراق دېگەن ئىبلىس بۇ ئائىلىنى ئاللىبۇرۇن ۋەيران قىلغان ئىدى. شۇ چاغدىلا پېلزېر خىيالىدىكى دادىسىنىڭ ئاللىبۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ پېلزېرنىڭ قەلبىدىكى «قەھرىمان» دادىسى مەڭگۈگە يوقىلىدۇ.


پېلزېرنىڭ ئۆز ئاپىسى ئۇنى قاتتىق ئۇرۇپ، يامان تىللار بىلەن ھاقارەتلەپ، رەزىل ئۇسۇللار بىلەن قىينىغان ۋاقىتلاردىمۇ يەنىلا ئاپىسىنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرۈشىنى، ئۆزىگە ئازراق بولسىمۇ مېھرىبانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىشتىن توختاپ قالمايدۇ. ھەتتا دادىسى ئۇنىڭغا شۇنچە ئۇزۇن يىللار قارىمىغان بولسىمۇ يەنىلا ھەر يەردىن دادىسىنىڭ سىماسىنى ئىزدەيدۇ ۋە ئۇنى سېغىنىشتىن توختىمايدۇ. لېكىن، بىچارە پېلزېر ئۆزى يىللارچە ئىزدىگەن سۆيگۈنى ئۇلاردىن تاپالمايدۇ. ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ مېھىر - مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمىگەن پېلزېر باشقا كىشىلەردىن ئېتىراپ قىلىنىشنى ئىزدەشكە باشلايدۇ. شۇ جەرياندا ئۇ بىر قىسىم يامان بالىلارنىڭ توپىغا كىرىپ قېلىپ ئوغرىلىق ۋە باشقا يامان ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بىر قىسىم ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى بېرىپ ئۇنى بېقىۋېلىش نەتىجىسىدە ئۇ قايتىدىن ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلىشقا سازاۋەر بولىدۇ.



18 ياشقا كىرىپ ھاۋا ئارمىيەسىگە قوبۇل قىلىنغاندا، ئاپىسىدىن تەبرىك تېلېفونى كېلىدۇ. ئەمما ئۇ يىللارچە كۈتكەن «بالام، سېنى سۆيىمەن» دېگەن سۆزنى ئاپىسىدىن مەڭگۈ ئاڭلىيالمايدىغىنىغا كۆزى يېتىپ، باققۇچىسى ۋە يېڭى ئاپىسى بولغان ئەلىسنىڭ «كەل بالام» دەپ ئاچقان ئىللىق باغرىغا ئۆزىنى ئاتىدۇ، ئۇ شۇ چاغدىلا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئاتا-ئانىسىنڭ سۆيگۈسىگە بولغان ۋە ئۇلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشقا بولغان تەشنالىقنىڭ باققۇچى ئاپىسى بولغان ئەلىسنىڭ باغرىدا جاۋابقا ئېرىشكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. شۇ ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى ئۆزىگە ئوخشاش يىتكەن بالىلارغا توختىماي غەمخورلۇق يەتكۈزۈۋاتقان بىر قىسىم ئالىيجاناپ كىشىلەرگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدۇ...


بۇ يازمامنى ئاتا-ئانىلارغا بىر قانچە سوئال قويۇش بىلەن تاماملاشنى توغرا تاپتىم. جەمئىيەتنىڭ قالايمىقانلىقىندىن، ياتلارنىڭ بالىلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ قويۇشىدىن ۋە ئۇلارنىڭ يىتىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ بالىلارنى سىرتتا بىر دەممۇ يالغۇز قويالمايۋاتقان مۇشۇ ۋاقىتلاردا ئۆزىمىزگە بۇ سوئالنى قويۇپ باقتۇقمۇ، بالىلىرىمىز بىز بىلەن تۇرغاندا قانچىلىك بىخەتەر؟ بىز پەرزەنتلىرىمىزگە يېتەرلىك مېھىر - مۇھەببىتىمىزنى بېرەلىدۇقمۇ؟ ئۇلارنىڭ بىزگە ئېھتىياجى بولغاندا يېنىدا بولالىدۇقمۇ؟ ئۇلارنىڭ ھاياتىدا ئۈلگىلىك رول ئوينىيالىدۇقمۇ؟ (پايدىلانغان ماتىرىيال: «The Lost Boy by Dave Pelzer»)


ئالاقىلەشكەندە، قارشى تەرەپكە مەزكۇر ئۇچۇرنى «ئەلپىدا ئۇچۇر تورى»دا كۆرگەنلىكىڭىزنى ئېيتىڭ.
ئالاقىلەشكۈچى:ئەلپىدا ئۇچۇر تورى
ئېخەت/توربەت:www.uchur.com
كېيىنكىسـى: گۈلزار ئەركىن ۋە كىتاب يولى