ئەلپىدا ئۇچۇر تورى > > > 13159– نومۇرلۇق ئۇچۇر

«مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» مۇكاپاتلاندى


رايون: يوللانغان ۋاقتى: 2016-11-16 2:34:17

ئەسلىي تېما: 18 قىسىملىق «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ھۆججەتلىك فىلىمى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى | ئۇچۇر مەنبەسى: 我从新疆来 سالونى | ئەلپىدا ئۇچۇر تورىدىن ئۆزلەشتۈرۈلۈپ تارقىتىلدى

—————

2016-يىل 11-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە شېنجېندا ئۆتكۈزۈلگەن «22-نۆۋەتلىك جۇڭگو ھۆججەتلىك فىلىم ئىلمىي پائالىيىتى ۋە 3-نۆۋەتلىك شېنجېن ياشلار فىلىم-سۈرەت بايرىمى»دا، شاڭخەي «جاھانگىر» مەدەنىيەت مەبلەغچىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئىشلىگەن چوڭ تىپتىكى 18 قىسىملىق «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ھۆججەتلىك فىلىمى «ئەڭ كاتتا مىكرو ھۆججەتلىك ئەسەر مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.



«مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» فىلىمى 18 نەپەر شىنجاڭلىقنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان بولۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بايان قىلىدۇ. مەزكۇر فىلىم شاڭخەي «جاھانگىر» مەدەنىيەت مەبلەغچىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن بولۇپ، ئەسەر ئەسلىي ئاپتورى قۇربانجان سەمەت فىلىمنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى، رېژىسسورى ۋە فىلىم ئىشلىگۈچىسى. بۇ فىلىم شەخس نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، ھەقىقىي كەچۈرمىش ۋە ھېس-تۇيغۇلارنى مەزمۇن قىلغان؛ شىنجاڭلىقلارنىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلاردىكى ھەقىقىي تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن. فىلىمدە ھەر بىر پىرسۇناژ جەمئىيەت ۋە زامانغا ماسلىشىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئوخشىمىغان مىللەت ۋە مەدەنىيەت بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، ئارزۇسى ئۈچۈن كۈرىشىۋاتقان ئاددىي كىشىلەرگە جەمئىيەتنىڭ ھۆرمىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.



مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن، دۆلەت ئىچى-سىرتىدا زور داغدۇغا قوزغاپ، مەركىزىي تېلېۋىزىيەسى 1-قانىلى، 9-قانىلى ۋە ئامېرىكا قىتئەسى قانىلى، ياۋروپا قانىلى قاتارلىق چەت ئەل تاراتقۇلىرىدىمۇ تارقىتىلغان، توردا چېكىلىش قېتىم سانى 20 مىليوندىن ئېشىپ، دوۋبىيەن تورىدىكى ئىنكاس باھا 8.7 بولغان، مىكروبىلوگ ئوقۇشچانلىقى 270 مىليون قېتىم بولۇپ، تېمىغا چۈشكەن ئىنكاس 95 مىڭ پارچە بولغان.



قۇربانجان سەمەت ھەققىدە:

قۇربانجان سەمەت شىنجاڭ خوتەندىن، ئۇيغۇر، 1982-يىلى تۇغۇلغان، جۇڭگو فوتوگرافلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو مىللىي ئۆرپ-ئادەت فوتوسۈرەتچىلىك جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئەركىن فوتوگراف، مۇستەقىل پىلانلىغۇچى. ئىلگىرى بېيجىڭ، پېڭياۋ قاتارلىق خەلقئارالىق فوتو سۈرەت بايرىمىدا ۋە شىنجاڭنىڭ بىر قانچە شەھەرلىرىدە شەخسىي فوتۇسۈرەت كۆرگەزمىسىنى ئاچقان ھەم 2014-يىلى جۇڭگو ئېكولوگىيە خەلقئارالىق فوتۇسۈرەت كۆرگەزمىسىدە «يىللىق مۇنەۋۋەر فوتوگراف» شەرىپىگە ئېرىشكەن. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھۆججەتلىك فىلىم قانىلى فوتوگرافى سۈپىتىدە كۆپلىگەن ھۆججەتلىك فىلىملەرنى ئىشلەشكە قاتناشقان. ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلغان ھۆججەتلىك فىلىملەردىن «قاراڭغۇ تاغ خاتىرىسى» ۋە «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» قاتارلىقلار بار (قۇربانجان سەمەت ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى بۇ يەردە)



«جاھانگىر» شىركىتى ھەققىدە

شاڭخەي «جاھانگىر» مەدەنىيەت مەبلەغچىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى قۇربانجان سەمەت قۇرغان شىركەت بولۇپ، ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسپىي يۈرگۈزۈش ۋە كۆلەملىك تىجارەت قىلىش ئەندىزىسىدىكى كۆپ مەدەنىيەتلىك ئىجادچانلىققا ئىگە. «جاھانگىر» مەدەنىيىتى نۆۋەتتە نۇرغۇن مۇنەۋۋەر يازغۇچىلار ۋە سىنارىستلار بىلەن توختام ئىمزالىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنستىرى ۋاڭ مېڭنىڭ «这边风景» دېگەن ئەسىرىمۇ بار. ئۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن ھازىرقى زامان تور فىلىملىرىمۇ ئىشلىنىش باسقۇچىدا تۇرماقتا.



«مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» 2-بۆلۈمى

نۆۋەتتە، «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ھۆججەتلىك فىلىمىنىڭ 2-بۆلۈمى پىلانلاش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش باسقۇچىنى تاماملاپ بولغان بولۇپ، «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» سۈرەتلەر توپلىمىنىڭ 3-بۆلۈمىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئوخشىمىغان 10 دۆلەتتە خىزمەت ۋە تۇرمۇش قىلىۋاتقان شىنجاڭلىقلارنىڭ ھېكايىسىنى خاتىرىلىگەن. مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم ئالدىنقى فىلىمگە ئوخشاشلا ئادەملەرنىڭ مىللىتى ۋە دۆلىتىنى ئۆلچەم قىلماي، يۆتكىلىش–كۆچۈش، كۆپ مەدەنىيەتلىك يۇغۇرۇلۇش ۋە سۈركىلىش ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى جەمئىيەتتە ئۇلارنىڭ خۇشاللىق – خاپىلىق ۋە جەم بولۇش – ئايرىلىش ھېكايىلىرىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە تۇرمۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەت ۋە ئازاب نۇقتىسى مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم ئىپادىلىمەكچى بولغان كارتىنا بولۇپ، ھەر بىر باش قەھرىمان ھازىرقى جەمئىيەت ۋە دۇنيا ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى تىپىك سۆز تېمىسىنى يورۇتىدۇ. «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ھۆججەتلىك فىلىمىنىڭ 2-بۆلۈمى 2017-يىل بېشىدا ياۋروپا، ئافرىقا ۋە شىمالىي ئامېرىكىدا سۈرەتكە ئېلىنىش پىلانلانغان بولۇپ، شاڭخەي «جاھانگىر» مەدەنىيەت مەبلەغچىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى لېدىرى قۇربانجان ۋە مۇئاۋىن لېدىر ما جىيا فىلىم ئىشلىگۈچىلىرى بولدى.



بۇ قېتىم ئېرىشىلگەن جۇڭگو ھۆججەتلىك فىلىم مۇكاپاتى مەزكۇر ساھەدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى كەسپىي باھالاش مۇكاپاتى ھېسابلىنىدۇ. «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ھۆججەتلىك فىلىمى مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇ خۇشخەۋەرنى جۇڭگودىكى ھەرقايسى داڭلىق تاراتقۇلار بەس-بەستە تارقاتقان. «جاھانگىر» مەدەنىيەت مەبلەغچىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى قۇرغۇچىسى ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى، رېژىسسور قۇربانجان سەمەت «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» فىلىمىنىڭ ھەرقايسى بىرلەشمە سۈرەتكە ئالغان، قوللىغان ئورۇنلار ۋە شەخسلەرگە ئالاھىدە رەھمىتىنى بىلدۈرىدۇ.



قوشۇمچە: قۇربانجان سەمەت ھەققىدە

ھۆججەتلىك فىلىم «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم»نىڭ قايتا قويۇلۇش ئۇچۇرى ۋە فوتوگراف، ئوپېراتور قۇربانجان سەمەت ھەققىدىكى تەپسىلاتلار | ئەلپىدا ئۇچۇر تورىدىن ھەمبەھرىلەندى


ئالاقىلەشكەندە، قارشى تەرەپكە مەزكۇر ئۇچۇرنى «ئەلپىدا ئۇچۇر تورى»دا كۆرگەنلىكىڭىزنى ئېيتىڭ.
ئالاقىلەشكۈچى:ئەلپىدا ئۇچۇر تورى
ئېخەت/توربەت:www.uchur.com
ئالدىنقىسى: يادنامە | لۇتپۇللا مۇتەللىپنى ئەسلەيمىز
كېيىنكىسـى: سەنۇبەر تۇرسۇن بېيجىڭدا لېكسىيە سۆزلىدى