ئەلپىدا ئۇچۇر تورى > > > 13160– نومۇرلۇق ئۇچۇر

يادنامە | لۇتپۇللا مۇتەللىپنى ئەسلەيمىز


رايون: يوللانغان ۋاقتى: 2016-11-16 5:20:16

ئەسلىي تېما: ئوتيۈرەك شائىر، مەرھۇم لۇتپۇللا مۇتەللىپنى ئەسلەيمىز | ئەلپىدا ئۇچۇر تورىدىن ھەمبەھرىلەندى

—————

بۈگۈن 2016–يىل 16–نويابىر، ئوت يۈرەك شائىرىمىز، مەرھۇم لۇتپۇللا مۇتەللىپ تەۋەللۇتىنىڭ 94 يىللىق خاتىرە كۈنى. شائىر، دراماتورگ ۋە رەسسام لۇتپۇللا مۇتەللىپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ داڭلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 1922-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى يەتتە سۇ ۋىلايىتىنىڭ چۈنجى رايونى (ھازىرقى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ئوبلاستى ئۇيغۇر رايونى) چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدا دۇنياغا كېلىپ، 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى گومىنداڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئاقسۇ شەھىرىدە 23 يېشىدا قەتلە قىلىنغان.



لۇتپۇللا 14 يېشىدىن باشلاپلا نادىر شېئىرلارنى يېزىشقا كىرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك شېئىرلىرىدىن «يىللارغا جاۋاب»، «خىيالچان تىلەك»، «تەسىراتىم»، «تۈن يېرىپ ئىزلار باسقاندا»، «يانار تاغلار» قاتارلىقلار بار. ئۇ يەنە «كۈرەش قىزى»، «سامساق ئاكاڭ قاينايدۇ»، «چىمەنگۈل»، «تاھىر-زوھرە» قاتارلىق درامىلارنى يازغان. بۇلاردىن تاشقىرى يەنە، لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «ئەجەل ھودۇقۇشىدا»، «پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ» دېگەن داڭلىق فېليەتونلىرى، «تىياتىرنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە راۋاجلىنىش تارىخى»، «سەنئەتكە مۇھەببەت» دېگەن ئىلمىي ماقالىلىرى بار. لۇتپۇللا يەنە «داۋانلار ئاشقاندا» دېگەن روماننى يېزىشقا باشلاپ، ئۇنىڭ 11 بابىنى يېزىپ تۈگەتكەن. ئەپسۇسكى، بۇنىڭ قوليازمىسى ھازىرغىچە تېپىلمىدى.



لۇتپۇللانىڭ دادىسى ھېزىم قوشۇمچە مەھەللە مەسچىتىنىڭ ئىماملىقى ۋە دىنىي ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر تەرىپىدىن « ھېزىم موللا » دەپ ئاتالغان. لۇتپۇللانىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئەركىلەتمە ئىسمى «لۇتۇن» بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ دەسلەپكى شېئىرلىرىدا بۇ ئىسىمنى تەخەللۇس ئورنىدا ئىشلەتكەن. لۇتپۇللا دادىسىنىڭ تەربىيەسىدە بەش يېشىدىلا ساۋاتىنى چىقارغان. باشلانغۇچ مەكتەپنى ئاۋۋال چۇنجىدا، كېيىن غۇلجا شەھىرىدىكى تاتار باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇپ تاماملىغان. 1936-يىلى غۇلجىدىكى رۇس گىمنازىيىسىگە ئوقۇشقا كىرىپ، رۇس تىلىنى پىششىق ئىگىلەپلا قالماستىن، رۇس ئەدەبىياتى ۋە دۇنيا ئەدەبىياتى بىلەنمۇ تونۇشقان. گىمنازىيىدىكى ئوقۇش ھاياتى داۋامىدا ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسى كېڭەيگەن. بىلىمى چوڭقۇرلاشقان.



لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1937 - يىلدىن باشلاپ شېئىرىيەت ئىجادىيىتى سېپىگە قەدەم قويدى. 1938-يىلى ئەينى ۋاقىتتا «ئىلى گېزىتى» نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى، «مىللەتلەر كۇلۇبى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان شائىر ئەنۋەر ناسىرى بىلەن تونۇشۇش لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يۈكسىلىشىگە زور تەسىر كۆرسەتتى. ئۇ ئىجادىيەتتىن باشقا «مىللەتلەر كۇلۇبى» نىڭ پائالىيەتلىرىگىمۇ قىزغىن قاتنىشىپ جەمئىيەتتە تېزلا تونۇلدى. شائىر ئەسەرلىرىنىڭ تىلى گۈزەل، چۈشىنىشلىك، ئوبرازلىق بولغاندىن سىرت، مىللەتپەرۋەرلىك، خەلقپەرۋەرلىك مەزمۇندارلىقى بىلەن يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىزغىن سۆيۈپ ئوقۇشىغا ۋە ئۈلگە قىلىشىغا مۇيەسسەر بولماقتا!!



لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1941-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسىدە خىزمەت قىلغان، كېيىن گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تەرىپىدىن كۆزگە قادالغان مىخ دەپ ئاقسۇغا يۆتكىۋېتىلگەن، كېيىن ئاقسۇ گېزىتىدە ئىشلىگەن ۋە بىلال ئەزىزى، مۇنىرىدىن خوجا قاتارلىق ئىلغار ياشلار بىلەن تونۇشۇپ، ئاقسۇدا ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1944-يىلى غۇلجىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىنقىلاب سادالىرىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ تۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاقسۇدىكى گومىنداڭ ئەمەلدارلىرىمۇ، لۇتپۇللانى خەتەرلىك ئۇنسۇر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، 1945-يىلى مىللىي ئارمىيە سايرامدىن ئۆتۈپ بايغا چۈشۈپ ئاقسۇغا يۈرۈش قىلغاندا، گومىنداڭ ئەمەلدارلىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ، بىلال ئەزىزى، مۇنىرىدىن خوجا قاتارلىق ئوغلانلارنى قولغا ئېلىپ تۈرمىگە قامىغان، 1945-يىلى مىللىي ئارمىيە ئونسۇغا چۈشكەندە، گومىنداڭ تېخىمۇ غالجىرلاشقان ۋە 9-ئاينىڭ 18-كۈنى لۇتپۇللا قاتارلىقلارنى تۈرمىدە ۋەھشىيلەرچە قەتلە قىلغان. كېيىن كىشىلەر لۇتپۇللا قاتارلىقلارنىڭ مېيىتىنى ئەۋرەز كارىزىدىن تېپىپ چىققان ۋە يۇيۇپ-تاراپ ئاقسۇ شەھىرى ئاق مەسچىتىنىڭ ئارقىسىدىكى (ھازىرقى شياڭگاڭ بازىرىنىڭ) ئوتتۇرىدىكى ئاممىۋى قەبرىستانلىققا دەپنە قىلغان.



لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇيغۇر يېڭى ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن شائىر، ئەدىب بولۇپلا قالماستىن بەلكى مىللەتنىڭ ئازادلىقى، تىنچلىقى، ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يولىدا قۇربان بولغان كۈرەشچان ئەزىمەت. بىز مەرھۇمنىڭ قىسقىغىنا ئەمما ئۇلۇغ ھاياتىدا قالدۇرغان ئۆچمەس ئىش-ئىزلىرىنى چەكسىز سېغىش ۋە چوڭقۇر ھۆرمەت ئىچىدە ئەسلەپ، ياد ئېتىپ تۇرىمىز! (مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى)



قوشۇمچە: لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ چەتئەلدە نەشر قىلىنغان كىتابلىرى

قادىر ھەسەنوفنىڭ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن 1951-يىلى ئالمۇتادا «قازاق ئىلى» نەشرىياتى تەرىپىدىن ل. مۇتەللىپنىڭ «يىللارغا جاۋاب» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان / قازاقىستان دۆلەت ئوقۇش پېداگوكىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن 1957-يىلى نەشر قىلىنغان ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 9 -، 10 - سىنىپلىرى ئۈچۈن دەرسلىك «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»ناملىق كىتابقا ل. مۇتەللىپنىڭ تەرجىمىھالى ۋە شېئىرلىرى ئۈستىدىكى تەھلىل كىرگۈزۈلگەن



مۇرات ھەمرايوفنىڭ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن 1975-يىلى ئالمۇتادا «يازغۇچى» نەشرىياتى تەرىپىدىن ل. مۇتەللىپنىڭ تاللانما ئەسەرلىرىدىن تۈزۈلگەن «لۇتپۇللا مۇتەللپ» ناملىق كىتاب تۈزۈلگەن / ئا.كورىنوۋ بىلەن مۇرات ھەمرايوفنىڭ روس تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن 1976-يىلى موسكوۋادا «ھەقىقەت» نەشرىياتى تەرىپىدىن ل. مۇتەللىپنىڭ «ياشلىق خۇددى چاقماق» ناملىق توپلىمى روس تىلىدا نەشر قىلىنغان / خەمىت غۇلام بىلەن روزى قادىرلارنىڭ روسچىدىن تەرجىمە قىلىپ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن1976-يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھرىدە غاپۇر غۇلام نامىدىكى نەشرىيات تەرىپىدىن ئىبراھم غەپۇرۇپ مۇھەرىرلىكىدە «ياشلىق خۇددى چاقماق» ناملىق كىتابنىڭ ئۆزبېكچە تەرجىمىسى نەشر قىلىنغان



ياش گىۋاردىيە نەشرىياتىنىڭ نەشرگە تەييارلىشى ھەم نەشر قىلىشى بىلەن 1982-يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھرىدە ل. مۇتەللىپنىڭ «ماي ناخشىسى» ناملىق توپلىمى روس تىلىدا نەشر قىلىنغان / ئۆزبېكىسىتاننىڭ پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدە 1982 - يىلى ل. مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن / مۇرات ھەمرايوفنىڭ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن 1983-يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھرىدە ل. مۇتەللىپنىڭ «يىللارغا جاۋاب» ناملىق توپلىمى ئۆزبېك تىلىدا نەشر قىلىنغان.



قوشۇمچە: يىللارغا جاۋاب \ لۇتپۇللا مۇتەللىپ شېئىرى

ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ،

يىللار ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.

ئاققان سۇلار، ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ،

يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى.


ئوغرىلاپلا قاچىدۇ ئارقىغا يانماي،

بىر-بىرىنى قوغلىشىپ، يورغىلىشىپ.

ياشلىق بېغىدا بۇلبۇللار قانات قاقماي،

يوپۇرماقلار قۇيۇلىدۇ پورلىشىپ.


ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى،

تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق.

يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،

ياشلىق گۈلىدىن تۆكۈلىدۇ بىر يوپۇرماق.


يىللار شامىلى يەلپۈنىدۇ، ئىزلار كۆمۈلىدۇ...

يوپۇرماقسىز دەرەخ بىچارە بولىدۇ قاقشال.

يىللار سېخى قۇرۇق كەلمەيدۇ، ئەكىلىپ بېرىدۇ،

قىزلار قورۇق، ئەرلەرگە ساقال.


بىراق يىللارنى تىللاش توغرا كەلمەيدۇ،

مەيلى ئۆتىۋەرسۇن ئۆزىنىڭ يولى.

ئادەملەرمۇ ۋاقىتنى قولدىن بەرمەيدۇ،

چۆلنى بوستان قىلغان ئادەملەر قولى.


يىللارنىڭ قوينى كەڭ، پۇرسىتى نۇرغۇن،

تاغدەك ئىشلار يىللار بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ.

قاراپ باق، ئاخشامقى بوۋاق كىچىككىنە تۇرسۇن،

تۈنۈگۈن ئۆمىلەپ، ھە... بۈگۈن مېڭىپ يۈرىدۇ.


كۈرەشچان بالىلار قوغلىشىپ يىللار،

كۈرەش نەۋرىلىرىنى چوقۇم تاپىدۇ.

ئاخشام بەخت ئۈچۈن قۇربان بولغانلار،

قەبرىسىنى يادلاپ گۈللەر ياپىدۇ.


مەيلى ساقال سوۋغا قىلسا قىلسۇن يىللار،

مەنمۇ تاۋلىنىمەن يىللار قوينىدا.

ئىجادىم شېئىرىمنىڭ ئىز تامغىسى بار،

ئالدىمدىن قېچىپ ئۆتكەن ھەر يىل بوينىدا.


قېرىماسمەن كۈرەشنىڭ كەسكىن چېغىدا،

شېئىرىم يۇلتۇز بولۇپ يانار ئالدىمدا.

ئۆلۈم پەستە قېلىش كۈرەشنىڭ داۋانلىق تېغىدا،

چىدام غەيرەتنىڭ يەڭگىنى ھەردەم يادىمدا.


ئېسىلارمەن مىلتىق ئېتىپ تاۋلانغان قولغا.

يېپىشارمەن بايراق بىلەن ئالغا ئاتلىغان يولغا.

كۈرەش باياۋانىدا ھارماسمەن ئەسلا،

كۈرەش بىلەن كېلىپ چىقىمىز كەڭ غالىپ يولغا.


يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە،

ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى.

قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلمە،

ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قويارمەن ئوغلۇمنى.

يىللار دېڭىزى دولقۇنلۇق بولساڭمۇ،

ئۇپقۇنلىرىڭنى يارىدۇ بىزنىڭ كاراپ.

يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قورقىتىپ باقساڭمۇ،

ئىجاد يىللارنى قېرىتىدۇ، دەپ بېرىمىز جاۋاب.

1944-يىل، ئاقسۇ / مەنبە: «لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1982-يىل 10-ئاي، بىرىنچى نەشرى

———

قوشۇمچە: لۇتپۇللاشۇناس تۇرسۇن ئەرشىدىن

يازغۇچى، تەرجىمان، تونۇلغان لۇتپۇللاشۇناس تۇرسۇن ئەرشىدىن قىسقىچە تەرجىمىھالى («ل. مۇتەللىپ» كىتابىدىن ئېلىندى) | ئەلپىدا ئۇچۇر تورىدىن ئىشلىنىپ تارقىتىلدى | بۇ يەرنى بېسىپ تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ


ئالاقىلەشكەندە، قارشى تەرەپكە مەزكۇر ئۇچۇرنى «ئەلپىدا ئۇچۇر تورى»دا كۆرگەنلىكىڭىزنى ئېيتىڭ.
ئالاقىلەشكۈچى:ئەلپىدا ئۇچۇر تورى
ئېخەت/توربەت:www.uchur.com
كېيىنكىسـى: «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» مۇكاپاتلاندى