ئەلپىدا ئۇچۇر تورى > > > 13340– نومۇرلۇق ئۇچۇر

پاختا ئايرىش ماشىنىسى لازىممۇ؟


رايون: يوللانغان ۋاقتى: 2017-1-4 18:40:25 يەنە 6 ئاي كۈچكە ئىگە

پاختا ئەۋلىياسى ماركىلىق كېۋەز غوزىسدىن پاختا ئايرىش ماشىنىسىغا ۋاكالەتچى چاقىرىمەن. كۇچا ئۇيغۇن يېزا - ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى دېھقانلار ھەمكارلىق كوپېراتىپىمىز يېزا پەن – تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش، ئۇچۇر مۇلازىمەت ۋاستىچىلىك، يېزا – ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئائىت ھەر خىل تېخنىكا، زاۋۇت ۋە يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى سېتىش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان بىر نەچچە تۈرلۈك ئۈسكۈنە ۋە زاۋۇتلارنى كىرگۈزدۇق.


1)بۇغداي ئۇرۇش-ئايرىش ماشىنىس؛ 2) قوناق ئورۇش، سوقۇش، ئايرىش ماشىنىسى؛ 2) ياغاچ ئاقلاش-سويۇش ماشىنىسى؛ 4) قۇرۇق ئوت-چۆپتىن يەم-خەشەك تەييارلاش ماشىنىسى؛ 5) چوڭ تىپتىكى پاختا تېرىش ماشىنىسى. مەزكۇر ماشىنا 50 ئات كۈچىگە ئىگە تىراكتورنىڭ ئارقىغا چېتىپ مەشغۇلات قىلىدىغان بولۇپ، كۈنىگە 5 توننا پاختا تېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە يېڭى تىپتىكى پاختا تېرىش ماشىنىسى؛ 6) كىچىك تىپتىكى پاختا تېرىش ماشىنىسى. بۇ ماشىنىغا كىچىك تىپتىكى بېنزىن ماتور سەپلەنگەن بولۇپ، بىر كۈندە 300~400 كىلوگىرامغىچە پاختا تېرەلەيدۇ؛ 7)ئەڭ يېڭى بىر ئەۋلات كۆپ ئىقتىدارلىق غوزا چۆلەش ماشىنىسى؛ مەزكۇر ماشىنا دۆلەت پاتېنتىغا ئېرىشكەن ئەڭ يېڭى مەھسۇلات بولۇپ، 5 يىل قايتا – قايتا سىناق قىلىش، ئۆزگەرتىش، تېخنىكا يېڭىلاش ئارقىلىق ھازىرقىدەك مۇكەممەل ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن. مەزكۇر غوزا چۆلەش ماشىنىسى خېرىدارلارنىڭ ئوخشىمىغان ئېھتىياجىغا ئاساسەن چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك تىپلىق قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ ئەخلەت ۋە شاكىلىنى ئايرىش نىسبىتى %98 دىن يۇقىرى. ئەگەر سىز ئېتىزدىن ئۈزۈپ ئەكەلگەن غوزىنى مەزكۇر ماشىنىنىڭ غوزا سېلىش ئاغزىدىن سېلىپلا بەرسىڭىز، مەزكۇر ماشىنا ئاپتوماتىك ھالدا ئاق پاختىنى بىر تەرەپكە، ئەخلەت ۋە غوزا شاكىلىنى بىر تەرەپكە پاكىز ئايرىپ بېرىدۇ. غوزا چۆلەش جەريانىدا پاختىنى تىتىۋەتمەيدۇ، چىگىتىنى چېقىۋاتماي ئەسلى ھالىتىدە چىقىرىپ بىرىدۇ. ھەر سائىتىگە 350~450 كىلوگىرامغىچە ساپ پاختا ئايرىپ بېرەلەيدۇ. سىز تۈگىمەس قول ئەمگىكىدىن قۇتۇلۇپ، تېزرەك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنى ئويلاۋاتامسىز؟ دېھقانلارنىڭ غوزىسىنى چۆلەپ بېرىپ، پۇل تېپىشنى ئويلاۋاتامسىز؟ ئۇنداقتا تېزدىن بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ. بايلىق — تىرىشقانلارغا مەنسۇپ!

كۇچا ئۇيغۇن يېزا - ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى دېھقانلار ھەمكارلىق كوپراتىپى: ئابلەت ئىمىن


ئالاقىلەشكەندە، قارشى تەرەپكە مەزكۇر ئۇچۇرنى «ئەلپىدا ئۇچۇر تورى»دا كۆرگەنلىكىڭىزنى ئېيتىڭ.
ئالاقىلەشكۈچى:ئابلەت
تـېـلـېـفـــــون:15299578477
كېيىنكىسـى: ئاقسۇدىكى ئىچىملىك زاۋۇتى ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ